UYNTV

«كىم جوڭئۇن بىلەن تىرامپنىڭ سۆھبىتى»: چاۋشيەن بىلەن ئامېرىكا « چوڭ سودا » قىلالامدۇ؟

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 19-03-2018 11:14

A-A+

ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ 13-مارت ھازىرقى مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى پومپىئونى دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى تىللېرسوننىڭ ئورنىغا ۋەزىپىگە قويغانلىقىنى تۇيۇقسىز جاكارلىدى. تىرامپنىڭ بۇ چاغدا «ئەمەلدار ئالماشتۇرۇشى»نىڭ ئامېرىكا چاۋشيەن باشلىقلىرى ئۇچرىشىشى بىلەن قانداق مۇناسىۋىتى بار؟ ئۇنىڭ چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جوڭئۇن بىلەن پىلانلاۋاتقان ئۇچرىشىشى چىن كۆڭلىدىكى سۆھبەتلىشىشمۇ ياكى سىياسىي ئويۇنمۇ؟

تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: «كىمجوڭئىن بىلەن تىرامپنىڭ سۆھبىتى» چاۋشيەننىڭ يادرو مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى سىنايدىغان ھەقىقىي ھالقىلىق پەيت بولۇپ قالىدۇ.

ئامېرىكا دىپلوماتىيە ئىلمىي جەمئىيىتى ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىسى تەتقىقاتچىسى پارتىرسىيە كىن يېقىندا «ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى» دە ماقالە ئېلان قىلىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى : چاۋشيەننىڭ يادرو مەسىلىسىنى ھەل قىلىش كۆپ قېتىم ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغانلىقىنى نەزەرگە ئالغاندا، ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە ياكى راستتىنلا مۇشۇنداق بىر مەيدان « قارام » ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈشكە، بەلكىم بىر تەسەۋۋۇر كۈچىگە باي بولغان سۆھبەت لايىھەسىنىڭ بولۇشىغا توغرا كېلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كىم جېڭئىن بىلەن تىرامپنىڭ دادىل دىپلوماتىيە ئۇسلۇبى چوقۇم بىر مۇقىم چاۋشيەن يېرىم ئارىلى ئۈچۈن يول ئېچىپ بېرىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكا تاراتقۇلىرىمۇ ئامېرىكىنىڭ بۇ قېتىمقى ئۆزگىرىشكە تولغان دىپلوماتىك سۆھبەتتە "كۈچ يېتىشمەسلىك"تىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئىزچىل تۈردە ئامېرىكا بىلەن چاۋشيەننىڭ ئارىلىقىدا ئالماشتۇرۇش يولىلىق رولىنى ئويناپ كېلىۋاتقان ئامېرىكا گوۋۇيۈەنىنىڭ چاۋشيەن سىياسىتى بويىچە ئالاھىدە ۋەكىلى يىن رۇشاڭ تېخى ئەمدىلا خىزمىتىدىن ئايرىلدى، شەرقىي ئاسىيا ۋە تىنچ ئوكيان ئىشلىرىغا مەسئۇل ياردەمچى دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى نامزاتى يەنە پارلامېنتنىڭ تەستىقىنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتىدۇ، لېكىن ئاقساراي بۇرۇن يەنە ۋېكتورچانى كورېيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىك نامزاتلىقىغا كۆرسىتىش قارارىنى تۇيۇقسىز قايتۇرۇۋالدى.

ئاق ساراينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى 13-مارت تاراتقۇلارغا مۇنداق دېدى: يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان ئامېرىكا چاۋشيەن رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشى ۋە باشقا سودا سۆھبىتى ئۆتكۈزۈلۈشتىن بۇرۇن، تىرامپ «يېڭى كوللېكتىپ» خادىملىرىنى ئىشقا قويۇش ئۈچۈن مۇشۇ چاغدا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپىنى ئالماشتۇرۇۋەتتى.

جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى ۋە يەر شارى ئىستراتېگىيەلىك تەتقىقات يۇرتىنىڭ مۇئاۋىن تەتقىقاتچىسى ۋاڭ جۈنشېڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا مۇنداق دېدى: تىللېرسون بىلەن سېلىشتۇرغاندا پومپىئونىڭ تىرامپ بىلەن بولغان شەخسىي مۇناسىۋىتى تېخىمۇ ياخشى، دىپلوماتىيە ئىدىيەسى تېخىمۇ بىردەك، ئۇنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى بولۇشى ئامېرىكا بىلەن چاۋشيەن سۆزلىشىشىنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق تەييارلىق خىزمەتلىرىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق.ئۇ مۇنداق دەپ قارىدى: ئەگەر ئامېرىكا بىلەن چاۋشيەننىڭ دەسلەپكى ئۇچرىشىش جەريانىدا بىر قەدەر چوڭ ئىختىلاپ كۆرۈلسە، تاكى ئىككى تەرەپ ئۇچرىشىشقا تولۇق ياخشى تەييارلىق قىلىپ بولغىچە، باشلىقلار ئۇچرىشىشىنىڭ ۋاقتى كەينىگە سۈرىلىشى مۇمكىن.

فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى چاۋشيەن-كورېيە تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى جېڭ جىيوڭ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە ئامېرىكا بىلەن چاۋشيەننىڭ باھا تالىشىشىنى يەنىمۇ ئېنىقلاش ۋە كۆزىتىشكە توغرا كېلىدۇ. ئەڭ يادرولۇق يادروسىزلاشتۇرۇش مەسىلىسىگە يولۇققاندا، ئىككى تەرەپنىڭ بىر قەدەر چوڭ ئىختىلاپتىن خالىي بولۇشى تەس.

خەلقئارا تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: چاۋشيەن - ئامېرىكا باشلىقلار سۆھبىتى سىمۋوللۇق ئەھمىيەتكە ئىگە سىياسىي ھەرىكەت، ئىككى تەرەپ بەلكىم كونكرېت تەپسىلاتلارنى مۇھاكىمە قىلماسلىقى مۇمكىن، لېكىن سودا قىلىش قىلماسلىق ھەققىدە قارار چىقىرىشى مۇمكىن.

ئامېرىكىنىڭ سۆھبەت نىشانى- چاۋشيەننى يادرو قورالىدىن ھەقىقىي ۋاز كەچتۈرۈش ھەمدە سۆھبەت نەتىجىسىنىڭ ھەقىقىي ئىجرا قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش. ئامېرىكا چاۋشيەندىن يادرو قۇرالىدىن ئومۇميۈزلۈك، بىراق تەكشۈرۈشكە بولىدىغان ۋە چېكىنىشكە بولمايدىغان ۋاز كېچىشنى تەلەپ قىلدى، بۇ جەرياندا چاۋشيەن ئۆزلىرىنىڭ يادرو ئەسلىھەلىرى ۋە يادرو قوراللىرىنى ئاشكارىلاشقا ماسلىشىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.

كۆزەتكۈچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: چاۋشيەن بەلكى مۇنداق ئۈچ چوڭ شەرت قويۇشى مۇمكىن:بىرىنچى، ئىقتىسادى جازانى يېنىكلىتىش ؛ ئىككىنچى، ئامېرىكا بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش، بىخەتەرلىك كاپالىتىگە ئىگە بولۇش؛ ئۈچىنچى ، كورېيەدە تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيەسى چېكىنىپ چىقىش. چاۋشيەننىڭ تەلىپىنى ئامېرىكا قاندۇرالامدۇ؟

1- چاۋشيەنگە قارىتىلغان جازانى يېنىكلىتىش؛ بۇنىڭدا تىرامپ ھۆكۈمىنىڭ لىمىتلىق بېسىم سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشكە توغرا كېلىدۇ. تىرامپ ئۆزىدىن بۇرۇنقىلار قوللانغان چاۋشيەنگە يېقىنچىلىق قىلىش ھەرىكىتىنى ئامېرىكا ئىلگىرى تۆلىگەن خاتا بەدەل دەپ ئاتىدى ھەمدە قاتتىق جازالاپ چاۋشيەننى سۆھبەت ئۈستىلىگە قايتۇرۇپ كېلىش كېرەك دەپ قارىدى. ئامېرىكىدىكى بەزى تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: تىرامپنىڭ سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى ناھايىتى يۇقىرى. بۇ ئۇنىڭ دىپلوماتىيە ئەترىتىنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ.

2-،چاۋشيەننىڭ ئامېرىكىنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش، "تىنچلىق كېلىشىمى" ئىمزالاش تەلىپىگە قارىتا، تىرامپ بۇنىڭغا قوشۇلغان تەقدىردىمۇ، لېكىن دېگىنى دېگەن ئەمەس . تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: ئامېرىكىنىڭ چاۋشيەن ھاكىمىيىتىنى بىخەتەرلىك كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش مەسىلىسى ئىنتايىن مۇرەككەپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئېلاستىك بوشلۇق بار، بىراقلا ھەل قىلىش بەك تەس. بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا ئىستراتېگىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى يۈ تېجۈن مۇنداق دەپ قارىدى: چاۋشيەن-ئامېرىكىغىلا تايىنىپ تىنچلىق كېلىشىمى ھاسىل قىلغىلى بولمايدۇ. جۇڭگو چاۋشيەن ئۇرۇشىنى توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالىغۇچى دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، سۆھبەتكە جەزمەن قاتنىشىشى كېرەك، شۇ چاغدا جۇڭگو رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ.

3-، يۈ تېجۈن چاۋشيەننىڭ كورېيەدە تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيەسىنى چېكىندۈرۈش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇش مۇمكىنچىلىكى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دەپ قارىدى: مېنىڭچە، ئامېرىكا بۇ تەلەپنى قوبۇل قىلمايدۇ، ئامېرىكا بۇ ئىككىسى مۇناسىۋەتسىز دېگەننى باھانە قىلىپ رەت قىلىدۇ ھەمدە چاۋشيەننىڭ بۇنى يادرو قۇرالىدىن ۋاز كېچىشتىكى ئالدىنقى شەرت قىلىشى سەمىمىيىتىنىڭ كەمچىل ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ دەپ ئەيىبلەيدۇ.

ئامېرىكا تاراتقۇلىرى ئىككى دۆلەت باشلىقلار ئۇچرىشىشى بىر مەيدان خەتەرلىك دوغا تىكىش، ناۋادا سۆھبەت بۇزۇلسا پۇرسەت بەلكى توساتتىن خەتەرگە ئۆزگىرىدۇ، دېيىشتى.

تىرامپ ۋەزىپىگە ئولتۇرغان دەسلەپكى مەزگىلدىلا چاۋشيەن ئامېرىكىنىڭ «ئەڭ زور بىخەتەرلىك تەھدىتى» دەپ قاراپ، چاۋشيەننىڭ يادرو مەسىلىسىنى ھەل قىلىدىغانلىقى ھەققىدە قەسەم بەردى. ئۇ ئىشەنچ بىلەن مۇنداق دەپ قارىدى : ئىلگىرىكى يولغا ئوخشىمايدىغان يولدا مېڭىپ، ھەر نۆۋەتلىك ئامېرىكا زۇڭتۇڭلىرىنىڭ بېشىنى ئاغرىتىدىغان قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىمەن .ئۇ كىم جېڭئېن بىلەن بىۋاسىتە كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭ يادرو قورالدىن ۋاز كېچىش سەمىمىيىتىنى بىۋاسىتە قەيت قىلىشقا قوشۇلدى، بۇ تەننەرخى ئەڭ تۆۋەن سودا. لېكىن ئۇ ئۈمىدمۇ، يوقۇلۇشمۇ بولىدۇ، بىز ئىككى قوللۇق ئوبدان تەييارلىق قىلىشىمىز كېرەك، دېدى.

ۋاڭ جۈنشېڭ مۇنداق دېدى: كىم جوڭئۇن ئارالنى يادروسىزلاشتۇرۇش ھەققىدە تىرامپنى رازى قىلغۇدەك ئىپادە بىلدۈرۈشى مۇمكىن، شۇڭا سۆھبەتنىڭ بۇزۇلۇش ئېھتىماللىقى بىر قەدەر كىچىك . لېكىن تېخىمۇ چوڭ خەۋپ شۇ يەردىكى، ئىككى تەرەپ ئۇچراشقاندىن كېيىن، ئارىلىنى يادروسىزلاشتۇرۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلىشى ئوڭۇشلۇق بولامدۇ يوق. ئەگەر ئامېرىكا چاۋشيەننىڭ يادرودىن ۋاز كىچىشىدە ماھىيەتلىك ھەرىكەت ۋە ئۈنۈمنى كۆرەلمىسە، تىرامپ سەۋر تاقىتىمنى يوقىتىپ ، ھەربىي زەربە بېرىشنى تاللايدۇ.

دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، يېڭى دۆلەت كاتىپى پومپىئونىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرى چاۋشيەنگە بولغان پوزىتسىيەسى ئىنتايىن قاتتىق بولدى. ئامېرىكا ئاسىيا جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى ئەيساكى فىش مۇنداق دەپ قارىدى: پومپىئونىڭ بۇنىڭدىن بۇرۇنقى پوزىتسىيەسىگە قارىغاندا، ئامېرىكا چاۋشيەن رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشىدا ئۆزگىرىش بولۇشى مۇمكىن.

كورېيە زۇڭتۇڭى مون جوئىن بىلەن كىن جېڭئېن 4-ئاينىڭ ئاخىرىدا ئۆتكۈزىدىغان جەنۇب شىمال باشلىقلار ئۇچرىشىشى «كىمجوڭئىن بىلەن تىرامپنىڭ سۆھبىتى» نىڭ مۇھىم فىليۇگېرى بولۇپ قالىدۇ. كورېيە ئالاھىدە ئەلچىلەر ئۆمىكىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئىككى تەرەپ ئامېرىكا چاۋشيەن سۆھبىتىنى قارالما قىلىپ، يادروسىزلاشتۇرۇشنى مۇزاكىرە قىلىدىكەن.

ئۇزۇندىن بۇيان، جۇڭگو چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ يادرو مەسىلىسىنى ھەل قىلىش جەھەتتە ئاكتىپ رول ئويناپ كەلدى ھەمدە باشقا ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشتى. دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لۇكاڭ 13-مارت مۇنداق دېدى: جۇڭگو چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ يادرو مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن داۋاملىق ئۆزگىچە رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ. ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ سۆھبەتلىشىشى، سۆھبەتلىشىپ ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈشى، تىنچ، مۇقىم، يادروسىز چاۋشيەن يېرىم ئارىلى ئۈستىدە سۆھبەتلىشىشىگە تۈرتكە بولىدۇ.

 

مۇناسىۋەتلىك ئولانمىلار

دۇ چىڭلىن ئېچىلىش مۇراسىمىغا رىياسەتچلىك قىلدى03-03

گۇاڭدۇڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىدىكى شىنجاڭلىق سەركەردە ــ دۇ فېڭ08-20

‹‹دۇ چيۇ›› ئالەمدىن ئۆتتى11-20

خەلقئارا جەمئىيەت چاۋشيەن بىلەن كورېيە باشلىقلىرىنىڭ ئۇچرىشىشىدا ئۇچ زور مەس..03-08

ۋاڭ خۇنىڭ خېبېي ۋەكىللەر ئۆمىكىگە بېرىپ، ۋەكىللەر بىلەن تەڭ ھۆكۈمەت خىزمىتى ..03-06

قىزىلسۇ ئوبلاستى ھەقىقىي نامراتلارنى قۇتۇلدۇرۇپ، نامراتلىقتىن ھەقىقىي قۇتۇلد..03-02

مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ تەستىقلىشى بىلەن ‹‹ھەربىي كومىتېت رەئىسى مەسئۇل ب..03-01

[ئامېرىكا كارتون فىلىم] غايە ئىزدەش سەپىرى02-28

شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دۇنيادىكى پارتىيەلەرنىڭ يۇقىرى قاتل..12-04

ئامېرىكا زۇڭتۇڭى دونالىد تىرامپ بۈگۈندىن باشلاپ دۆلىتىمىزدە زىيارەتتە بولىدۇ11-09

شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ ۋە ئۇنىڭ رەپىق..11-09

شى جىنپىڭ خەلقئارا بامبۇك تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقى مۇناسىۋىتى بى..11-08

شى جىنپىڭ رۇسىيە زۇڭلىسى مېدۋېدېۋ بىلەن كۆرۈشتى11-02

سودا-سانائەت بانكىسى ئامېرىكا ھيۇستوندا تارماق ئاپپاراتىنى تەسىس قىلدى10-12

ئامېرىكا ھەربىي پاراخوتى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن جۇڭگونىڭ شىشا تاقىم ئاراللىرى ..10-12

ئامېرىكا چاۋشيەنگە ئۇرۇش ئېلان قىلغانلىقىنى ئىنكار قىلدى09-27

ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى گىراينىڭ ئۆلۈم دېلوسىغا چېتىشلىق ساقچىلارنى ئە..09-14

شى جىنپىڭ تەكلىپكە بىنائەن ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ بىلەن تېلېفونلاشتى09-08

شى جىنپىڭ ئامېرىكا ئارمىيەسى ئىشتاب باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ رەئىسى دۇنفورد بىلە..08-21

زوراۋانلىق توقۇنۇشى ئامېرىكا جەمئىيىتىگە ئېغىر زەربە بولدى08-17