UYNTV

ش ئا ئە ت: رۇسىيە بىلەن سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى قىلمايمىز

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 19-03-2018 12:21

A-A+

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى سىتولتىنبېرگ 16-مارت شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى رۇسىيەنىڭ سابىق جاسۇسىنىڭ ئەنگلىيەدە زەھەرلىنىش ۋەقەسىدە ئەنگلىيەنىڭ مەيدانىنى قوللايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ رۇسىيە بىلەن سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى قىلغۇسى يوق دېدى.

 

سىتولتىنبېرگ ئەنگلىيە رادىيو شىركىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشى ۋە بۇ ۋەقەگە بولغان باھاسىدىن گۇمانلىنىشقا ئاساسى يوق، چۈنكى رۇسىيەنىڭ بۇرۇنقى ئاقىۋىتى بىلەن ھېسابلاشمىغان نۇرغۇن قىلمىشلىرى بۇنىڭ مىسالى، بىراق، رۇسىيەنى يېتىم قالدۇرۇش ياخشى چارە ئەمەس دېدى.

 

ئۇ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ بىر مەيدان سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى قىلغۇسى يوق، يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھەربىي ھازىرلىقلار مۇسابىقىسىمۇ قىلغۇسى يوق، رۇسىيە-بىزنىڭ قوشنىمىز، بىز داۋاملىق تېرىشىپ، رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزنى ياخشىلىشىمىز زۆرۈر دېدى.

 

ئۇنىڭ قارىشى بويىچە بولغاندا، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان رۇسىيەگە كۆپ قېتىم ئىقتىسادىي جازا يۈرگۈزدى، «ئاللىقاچان ئۆزگىرىپ بولغان بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى»گە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىمۇ شەرقىي ياۋروپاغا تېخىمۇ كۆپ ئەسكەر ئورۇنلاشتۇردى. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى رۇسىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىلەن تىركىشىشنىڭ ئۆز مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ.

 

رۇسىيەنىڭ سابىق جاسۇسى سېرگېي سېكرىپال ۋە ئۇنىڭ قىزى 4-مارت ئەنگلىيە ۋىلىت ۋىلايىتى سالىسبۇرىي شەھىرىنىڭ كوچىسىدىكى بىر ئۇزۇن ئورۇندۇقتا ھۇشىدىن كەتكەن. ئىككىيلەن نېرۋىنى زەھەرلىگۈچى دورا بىلەن زەھەرلەنگەن. ئەنگلىيەنىڭ باش ۋەزىرى تېرىسسا ماي 12-مارت بۇ ۋەقەنىڭ تىغ ئۇچىنى رۇسىيە ھۆكۈمىتىگە قارىتىپ، ئامېرىكا، فىرانسىيە قاتارلىق ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى.

 

ئەنگلىيە رۇسىيەگە 23 رۇسىيە دىپلوماتىنى قوغلاپ چىقىرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر يۈرۈش تەدبىرلەرنى قوللاندى. ئەنگلىيەنىڭ دىپلوماتىيە ۋەزىرى بورىس جونسون 16-مارت رۇسىيە زۇڭتۇڭى ۋىلادىمىر پۇتىننى بىۋاسىتە ئەيىبلىدى.

 

رېيتىر ئاگېنتلىقى جونسوننىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، پۇتىننىڭ ئەنگلىيە كوچىسىدا نېرۋىنى زەھەرلىگۈچى دورا ئىشلىتىشكە بىۋاسىتە بۇيرۇق قىلغانلىقى ئېھتىمالغا ئىنتايىن يېقىن دېدى. جونسون تېرىسسا ماينىڭ بۇرۇن پارلامېنتتا قىلغان سۆزىدە بىلدۈرگىنىگە ئوخشاش، ئەنگلىيە قىلغان بارلىق ئىشلىرىدا پۇتىن ۋە رۇسىيە ھۆكۈمىتىنى نىشان قىلىدۇ، تىغ ئۇچىنى رۇسىيە ئاممىسىغا قاراتمايدۇ دېدى.

 

رۇسىيەنىڭ ئەنگلىيەدىكى باش ئەلچىسى ئالېكساندىر ياكوۋېنكو ئەنگلىيە قوغلاپ چىقارغان رۇسىيە خادىملىرى كېلەر ھەپتە ئەنگلىيەدىن ئايرىلىدۇ، رۇسىيە ئەنگلىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇقتۇرۇشىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن بۇنىڭغا چېتىشلىق خادىملارنى تېزدىن ئالماشتۇردى، ئەنگلىيە رۇسىيەنىڭ ئەنگلىيەدىكى دىپلوماتىيە ئەلچىلەر ئۆمىكىنىڭ خىزمىتىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزۈشنى قارار قىلدى دېدى.

 

ئەنگلىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ۋاقىتلىق ۋاكالەتچىسى جوناتان ئاللېن بۇرۇن مۇنداق دەپ ئەيىبلىگەن: زەھەرلىنىش ۋەقەسىدە ئىشلىتىلگەن زەھەرلىك ماددا سوۋېت ئىتتىپاقى ئەينى يىللاردا تەتقىق قىلىپ ياسىغان نوۋىچوكتەك قىلىدۇ، ئۇ-ھەربىي ئىشلار دەرىجىسىدىكى نېرۋىنى زەھەرلىگۈچى دورىلارغا تەۋە بولۇپ، ئالاقىدار تېخنىكىلاردىن كېيىن رۇسىيە تەرەپ ئۇنى داۋاملىق باشقۇرۇشقا ئۆتكۈزۈۋالغان، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى رۇسىيەنىڭ بۇ ۋەقەنى پەيدا قىلىشى ئېھتىمالغا ئىنتايىن يېقىن، بۇ قانۇنسىز قورال كۈچى ئىشلىتىشكە چېتىلىدۇ، «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خارتىيەسى»گە خىلاپ دەپ قارايدۇ.

 

رۇسىيە ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئەيىبلىشىنى كۆپ قېتىم ئىنكار قىلدى. رۇسىيەنىڭ خىمىيەلىك قورالنى چەكلەش تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ئالېكساندىر شۇلگىن زەھەرلىنىش ۋەقەسىدىكى نېرۋىنى زەھەرلىگۈچى دورا ئەنگلىيە ياكى ئامېرىكىدىن كەلگەن بولۇشى مۇمكىن، رۇسىيە ئەنگلىيەنى خىمىيەلىك قورال چەكلەش تەشكىلاتىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، رۇسىيەنى ئەنگلىيە بايقىغان نېرۋىنى زەھەرلىگۈچى دورىنىڭ ئەۋرىشكىسى بىلەن تەمىنلەشكە دەۋەت قىلىدۇ دېدى.

 

 

 

مۇناسىۋەتلىك ئولانمىلار

ئىران: خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئون يىلدىن كېيىن ئىراننى قاتتىق جازالىشىنى قوبۇل..07-24

ئىران: چەتئەلنىڭ ئۆزلىرىنىڭ يادرو ئەسلىھەلىرىنى ئالاھىدە تەكشۈرۈشىنى مەڭگۈ ق..05-07

مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا قالايمىقان نومۇر قوشۇشقا چېتى..07-10

ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە ش ئۇ ئا ر نىڭ تاشقى سودا ئومۇمىي قىممىتى 102 مىليارد 80..10-27

ش ئۇ ئا ر تېلېگراف تور ئالدامچىلىقىغا زەربە بېرىپ، 107 مىليون يۈەن زىياننى ت..09-07

ش ئۇ ئا ر دا كەلگۈسى ئۈچ يىلدا ئالتىدىن سەككىزگىچە سۈپەتلىك ئالىي كەسپىي مەك..08-02

ش ئۇ ئا ر تەۋەلىكىدىكى ھەربىر شەھەر-يېزا ئاھالىسى ھەر يىلى بىر قېتىم ھەقسىز ..11-02

بېيجىڭدىكى ئۈچ ئا دەرىجىلىك 67 دوختۇرخانا دوختۇر قوبۇل قىلىدۇ، بىر قىسىملىرى..08-08

ش ج ئا د ئى غا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلار يىغىنىدا ‹‹خەلق ئاساس قىلىنغان›› ئورت..04-29

ش ئۇ ئا ر ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەن ساپاسىنى باھالاش سىستېمىسى ئورناتتى11-26

ش ئۇ ئا ر قارا، رەزىل كۈچلەرگە زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ،..10-22

ش ئۇ ئا ردا ياشانغانلار كۈتۈنۈش مۇلازىمەت سىستېمىسى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللە..10-16

ش ئا ئە ت تارىخىدا كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان ھەربىي ئاخبارات توپلاش مانېۋىرى ئۆت..05-31