UYNTV

گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېچىلدى

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 22-03-2018 16:09

A-A+

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ تۈنۈگۈن گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»تىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنىڭ ئىش تەقسىماتى بېكىتىلدى. شۇنىڭ بىلەن يېڭى بىر نۆۋەتلىك گوۋۇيۈەن ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئادا قىلىشقا باشلىدى.

يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: 20-مارت يېپىلغان 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىدا «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات» ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللاندى. گوۋۇيۈەننىڭ ھەر قايسى تارماقلىرى، ھەر قايسى ئورۇنلار شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»تىكى ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتىن ئىبارەت خىزمەت باش روھىدا، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى كۈچەپ چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىشنىڭ يېڭى ئېنېرگىيەسىنى يېتىلدۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشنى چۆرىدىگەن ھالدا، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ياخشىلاشقا كۈچ چىقىرىشى كېرەك. يىغىندا «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»تا ئوتتۇرىغا قويۇلغان 12 جەھەتتىكى 57 نۇقتىلىق ۋەزىپە بىرمۇبىر چۈشەندۈرۈلۈپ، ۋەزىپە ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، ھەر قايسى تارماقلار، ئورۇنلاردىن ۋەزىپىسىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش خىزمەت مەسئۇلىيىتى تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، بىرىنچى قول باشلىق ئۆزى تۇتۇپ، باش مەسئۇل بولۇپ، نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش لايىھەسى ۋە پىلانىنى تۈزۈپ، بازار ۋە ئامما تەلپۈنۈۋاتقان نۇقتىلىق تەدبىرلەرنى تېز ئوتتۇرىغا قويۇپ، نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن يىللىق ئاساسلىق نىشان ۋەزىپىلەرنى تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك گوۋۇيۈەننىڭ خىزمەتلىرىنى ياخشى باشلاش تەلەپ قىلىندى.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: نۆۋەتتە ئىسلاھات، تەرەققىيات ۋەزىپىسى مۈشكۈل، ئېغىر. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ئىستراتېگىيەلىك كۈچنى ساقلاپ، قىيىن ئۆتكەلگە تىرىشىپ ھۇجۇم قىلىپ، مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، خېيىم-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلىشى؛ زور خېيىم-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈگىتىش، نامراتلىقتىن دەل قۇتۇلدۇرۇش، بۇلغىمىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى داۋاملىق ياخشى قىلىشى؛ ئىقتىسادنى مۇقىم ياخشىلاش ۋەزىيىتىنى مۇستەھكەملىشى ۋە كېڭەيتىشى؛ نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ئىسلاھاتتا مەركەزلىك ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى چىڭ تۇتۇپ، گوۋۇيۈەننىڭ ئورگان ئىسلاھاتى ۋە «قويۇۋېتىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىدە داۋاملىق بۇرۇلۇش ياساپ، كارخانىلارنىڭ ئىش بېجىرىش ۋاقتىنىڭ يېرىمىنى قىسقارتىش قاتارلىق «ئالتە بىر» نۇقتىلىق ۋەزىپىسى ۋە باجنى كېمەيتىش، ھەقنى قىسقارتىش تەدبىرلىرىنى تېز ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بازار سۇبيېكتىنىڭ تىجارەت مۇھىتىنى ياخشىلاپ، ئاممىنىڭ ئىش بېجىرىشىگە قولايلىق يارىتىپ، ئىجازەتنى يەنىمۇ قويۇۋېتىش، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش سىياسىتىنى چىقىرىپ، بازارنىڭ ھاياتى كۈچى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىجادكارلىقىنى يەنىمۇ قوزغىشى؛ مۇھىم نۇقتىنى ئىشقا ئورۇنلىشىش، داۋالىنىش، كۈتۈنۈش قاتارلىق نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى مەسىلىلىرىگە قارىتىپ، خەلق تۇرمۇشىدىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ يېڭى، ئەمەلىي تەدبىرلىرىنى چىقىرىپ، ئومۇمغا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان، ئەمەلىي ئۈنۈمىنى كۆرگىلى بولىدىغان ئەمەلىي ئىشلارنى، ياخشى ئىشلارنى قىلىپ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ خەلققە بەرگەن ۋەدىسىنى نەقلەشتۈرۈشى كېرەك.

يىغىندا 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىدا تەستىقلانغان گوۋۇيۈەننىڭ ئورگان ئىسلاھاتى لايىھەسىگە ئاساسەن، گوۋۇيۈەن تەكشۈرۈپ تەستىقلىغان ئۆزى تەركىبىدىكى تارماقلاردىن باشقا گوۋۇيۈەنگە قاراشلىق ئورگانلارنى تەڭشەش ۋە تەسىس قىلىش مۇزاكىرە قىلىندى، گوۋۇيۈەنگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئالاھىدە ئورگانلار، بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار، ئىش بېجىرىش ئورگانلىرى، بىۋاسىتە قاراشلىق كەسپىي ئورۇنلار، مىنىستىرلىق، كومىتېتلارنى باشقۇرىدىغان دۆلەتلىك ئىدارە تەسىس قىلىش ماقۇللاندى. يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەر قايسى تارماقلار، ئورۇنلار ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە ئورگان ئىسلاھاتى خىزمىتىگە بىر تۇتاش پىلانلاپ ئېتىبار بېرىشى، مەسئۇلىيەتنى سىلىق ئۆتكۈزۈشى، خىزمەتنى يوچۇقسىز ئۇلاشتۇرۇشى، ئالاقىدار ۋەزىپىلەر تەڭلىشىلىشتىن ئاۋۋال ئەسلىدىكى مەسئۇلىيىتى بويىچە خىزمەت ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنىڭ، خىزمەتنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئورگان ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى تەڭ ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

 

مۇناسىۋەتلىك ئولانمىلار