UYNTV

ئافغانىستان ئىككى يىل ئىچىدە يېڭىدىن 6000 مەكتەپ سالىدىكەن

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 26-03-2018 16:33

A-A+

ئافغانىستان زۇڭتۇڭى غەنى 24-مارت كابۇلدا مۇنداق دېدى: دۆلەتنىڭ مائارىپ ئومۇمىي سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، مەكتەپ قۇرۇش بايلىقى كەمچىل بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ھۆكۈمەت كېيىنكى ئىككى يىلدا مەخسۇس مەبلەغ بىلەن قوللاش ئارقىلىق، جايلاردا تەخمىنەن 6000 مەكتەپ سالىدۇ، دېدى. غەنى شۇ كۈنى مەملىكەت بويىچە ئوقۇش باشلاش كۈنى پائالىيىتىگە قاتناشقاندا مۇنداق دېدى: ئافغانىستاندىكى نۇرغۇن مەكتەپلەرنىڭ مۇنتىزىم ئوقۇتۇش بىناسى يوق، ئاز دېگەندىمۇ 1000 مەكتەپ تاقاق، بەزى رايونلاردا يەنە ئوقۇتقۇچىلار يېتەرسىز، ئەر-ئايال ئوقۇتقۇچىلارنىڭ نىسبىتى تەڭ ئەمەس. شۇڭا ھۆكۈمەت يېڭىدىن مەكتەپ سېلىش، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، ئوقۇتقۇچىلار ئورنىنى كۆپەيتىش ئۈچۈن تەخمىنەن 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئاجراتتى.