UYNTV

بانكىلار بىر بەلباغ بىر يول قۇرۇلۇشى ئۈچۈن يول ھازىرلاۋاتىدۇ

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 26-03-2018 16:35

A-A+

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 25-مارت بېيجىڭ خەۋىرى:

 

جۇڭگو بانكا نازارەتچىلىكى كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ۋاڭ جاۋشىڭ جۇڭگو تەرەققىيات يۇقىرى قاتلام مۇنبىرىدە مۇنداق دېدى: پۇل-مۇئامىلە ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ قېنى، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش بىر بەلباغ بىر يولدا تەشەببۇس قىلىنغان مۇھىم مەزمۇن، بىر بەلباغ بىر يول قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم كاپالىتى. بانكا مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنىڭ ياردەمچىسى ۋە ئىجرا قىلغۇچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بىر بەلباغ بىر يولنىڭ پۇل-مۇئامىلە مۇلازىمىتى تورىنى پائال بەرپا قىلىپ، بىر بەلباغ بىر يول قۇرۇلۇشى ئۈچۈن يول ھازىرلاۋاتىدۇ.

 

ۋاڭ جاۋشىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بانكىچىلىق داۋاملىق تىرىشىدۇ ۋە ئىزدىنىدۇ. ئېچىۋېتىشنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، سىغدۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىدۇ. 2017-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، جۇڭگو مەبلىغىدىكى 10 بانكا بىر بەلباغ بىر يول بويىدىكى 26 دۆلەتتە 68 بىرىنچى دەرىجىلىك شۆبە ئورگىنى تەسىس قىلدى. بىر بەلباغ بىر يول تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن بۇيان، جۇڭگو مەبلىغىدىكى بانكىلار بىر بەلباغ بىر يول قۇرۇلۇشىغا ئالاقىدار 2600دىن ئارتۇق تۈرگە قاتناشتى، 200 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن كۆپرەك قەرز تارقاتتى، بۇ ئاساسلىقى قاتناش ئۇل ئەسلىھەسى، ئېنېرگىيە بايلىقى، جابدۇق ياسىمىچىلىقى ۋە ئېكسپورتقا مەركەزلەشتى.