UYNTV

شىنجاڭدا 2018-يىلى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش يىغىنى ئېچىلدى

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : تەڭرىتاغ تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 26-03-2018 17:06

A-A+

c

  تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى. شىنجاڭدىكى 2018-يىلى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپ ئىچىدە قوش يۆنىلىشلىك تاللاش ئارقىلىق خىزمەتكە قوبۇل قىلىش يىغىنى ۋە ئوقۇغۇچىلار مەنبەسىگە ئائىت ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلىش يىغىنى 3-ئاينىڭ 24-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلدى. 2018-يىلى ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان 5000 غا يېقىن ئوقۇغۇچى خىزمەتچى قوبۇل قىلىش يىغىنىغا قاتناشتى، 270 ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن 9500 دىن ئارتۇق ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى.
    خىزمەتچى قوبۇل قىلىش يىغىنىدا ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلارلا ئەمەس يەنە شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىلىرىمۇ ئالدىراش بولۇپ كەتتى. بۇ مەكتەپنىڭ يېزا ئىگىلىك كەسپى 2014-يىللىق 2-سىنىپىنىڭ سىنىپ مەسئۇلى لۇ ۋېي خىزمەتچى قوبۇل قىلغۇچىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ ئورۇنلارنى قانداق تاللىشىغا يېتەكچىلىك قىلدى.
    ئۇ مۇنداق دېدى: ئوقۇغۇچىلار خىزمەت ئورنى تاللىغاندا گاڭگىراپ قالىدۇ، خىزمەتچى قوبۇل قىلىش يىغىنىغا سىنىپ مەسئۇلى بىلەن ئوقۇغۇچىلار تەڭ قاتنىشىپ، كارخانىلار بىلەن يۈزتۇرا پىكىر ئالماشتۇرسا كارخانا ۋە بازارنىڭ ئېھتىياجىنى چۈشىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ توغرا كەسىپ تاللاش قارىشى يېتىلدۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلغىلى بولىدۇ.
    شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى جاڭ شياۋنەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 2017-يىلنىڭ ئاخىرىدا شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىمىزنىڭ ئادەتتىكى تولۇق كۇرس، مەخسۇس كۇرسنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى %90.12كە يەتتى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، بۇ يىل مەكتەپنىڭ ھەر قايسى ئىنستىتۇتلىرىنىڭ مۇدىرلىرى، سىنىپ مۇدىرلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلار خىزمەتچى قوبۇل قىلىش يىغىنىغا بىرلىكتە قاتنىشىپ، كارخانىلارنىڭ خىزمەت تەلىپىنى چۈشىنىپ، ئۇلارنىڭ پىكرىنى ئاڭلاپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىش ئورنىنى ئاقىلانە تاللىشىغا يېتەكچىلىك قىلدى.

m

 


    ئىگىلىنىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىگىلىك تىكلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدىكى مۇھىم ئامىل، ئۈستىقۇرۇلما لايىھەسى، يۇقىرى تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم ئىش قاتارىغا قويۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بىر قاتار ئېتىبار سىياسەتلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش سانى ۋە سۈپىتىنىڭ مۇقىم ئېشىشىغا كاپالەتلىك قىلغان. 2017-يىلى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن 86 مىڭ 413 ئىستۇدېنتنىڭ يىل ئاخىرىدا ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى %89.57 كە يەتكەن.
    2018-يىلى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزىدىغانلار تەخمىنەن 91 مىڭ 206 گە يېتىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە مەخسۇس كۇرس ئوقۇغۇچىلىرى 47 مىڭ 659، تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرى 36 مىڭ 707، ئاسپىرانت 6530، دوكتۇر 310 غا يېتىدىكەن.
    ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى خىزمەتچى قوبۇل قىلىش يىغىنىنى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، 3-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن 4-ئاينىڭ 27-كۈنىگىچە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەردە ئۆتكۈزۈلىدىكەن.