UYNTV

كىلىمات ئۆزگىرىشى تۈپەيلىدىن سەھرايى كەبىر قۇملۇقى 100 يىلدىن بۇيان %10 كېڭەيگەن

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 02-04-2018 11:49

A-A+

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 1-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:

 

چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە: ئەڭ يېڭى تەتقىقاتلاردىن ئايان بولۇشىچە، پۈتكۈل يەر شارى كىلىماتىنىڭ ئىسىشى تۈپەيلىدىن بۇ يۈز يىل ۋاقىت ئىچىدە سەھرايى كەبىر قۇملۇقىنىڭ كۆلىمى تەدرىجىي كېڭەيگەن. ئالىملار، بۇ يۈز يىلدا سەھرايى كەبىر قۇملۇقى كۆلىمىنىڭ %10 دىن كۆپرەك كېڭەيگەنلىكىنى، دۇنيادىكى باشقا قۇملۇقلارنىڭمۇ كېڭىيىشى مۇمكىنلىكىنى بايقىغان. ئامېرىكا مارىلان ئۇنىۋېرسىتېتى كىلىمات ۋە دېڭىز ئوكيان ئىلمى كەسپىنىڭ پىروفېسسورى سالمانت، نىگام مۇنداق دېدى: بىزنىڭ نەتىجىمىز ئاساسلىقى سەھرايى كەبىر قۇملۇقىدىن ئېلىندى، بىراق باشقا قۇملۇقلار ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ يەكۈنمۇ مەلۇم دەرىجىدە پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە.