UYNTV

غەززەدىكى توقۇنۇش خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى قوزغىدى

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 02-04-2018 11:43

A-A+

ئون مىڭدىن ئارتۇق پەلەستىنلىك 30-مارت غەززە رايونىنىڭ چېگراسىدا كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزدى، ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى ئارقىدىن نامايىشچىلارغا ئوق چىقىرىپ، ئاز دېگەندە 15 پەلەستىنلىكنىڭ جېنىغا زامىن بولدى، 1400 دىن ئارتۇق ئادەمنى يارىلاندۇردى. بۇ-يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىن ئوتتۇرىسىدىكى ئەڭ ئېغىر قانلىق توقۇنۇش بولۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يۈكسەك دىققىتى ھەم ئىككى تەرەپ ۋەزىيىتىگە بولغان ئەندىشىسىنى قوزغىدى.

 

پەلەستىن زۇڭتۇڭى ئابباس 30-مارت يېرىم كېچىدە تېلېۋىزوردا سۆز قىلىپ، ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ شۇ كۈنى غەززە رايونىدىكى پۇقرالارغا ئوق چىقىرىپ نۇرغۇن ئۆلۈم-يېتىم پەيدا قىلغانلىقىنى ئەيىبلەپ، ئىسرائىلىيە بۇنىڭغا تولۇق مەسئۇل بولۇشى كېرەك دېدى.

 

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى بۇ-ئىسرائىلىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن، بىز پەقەت چېگرا رېشاتكىسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلماقچى بولغان پەلەستىنلىكلەرگە ئوق چىقاردۇق دېدى.

 

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىمۇ 30-مارت كەچتە بۇ ئىشنى جىددىي كېڭەشتى. شۇ كۈنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇتېرىس بايانات ئېلان قىلىپ، پەلەستىن نامايىشچىلىرىنىڭ ئۆلۈم-يېتىمىگە سەۋەبچى بولغان بۇ ۋەقەنى ئادىل، ئېنىق تەكشۈرۈش زۆرۈر دېدى، ئۇ ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ يەنىمۇ ئۆلۈم-يېتىم پەيدا قىلىدىغان ھەر قانداق ھەرىكەتنى قوللانماسلىقىنى مۇراجىئەت قىلدى.

 

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ دىپلوماتىيە ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتىگە مەسئۇل ئالىي ۋەكىلى مۇغىرىنىمۇ 31-مارت بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ قانلىق توقۇنۇشتا راست ئوق ئىشلەتكەنلىكى-مۇستەقىل ھەم ئېنىق تەكشۈرۈشنىڭ بىر قىسمى بولۇشى كېرەك دەپ كۆرسەتتى.

 

بۇندىن باشقا، تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوئان 31-مارت ئىسرائىلىيەنى غەززەگە ئىنسانپەرۋەرسىز ھۇجۇم قىلدى دەپ ئەيىبلىدى. ئىران دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمۇ بۇ ۋەقەنى ئەيىبلەپ، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى نۇرغۇن پەلەستىنلىكنى ۋەھشىي قىرغىن قىلدى دېدى.

 

ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى 31-مارت ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەر غەززە رايونىنىڭ چېگراسىدىكى توپىلاڭ يەنە داۋاملاشسا، ئىسرائىلىيە زەربە بېرىشنى كۈچەيتىپ، ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىشى مۇمكىن دېدى. ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نىتانىياخۇ شۇ كۈنى كەچتە بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيە كەسكىن ھەرىكەت قوللىنىپ، ئۆزىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە ئاممىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدايدۇ دېدى.

 

ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا ئېرۇساملىمنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى جاكارلىغاندىن بۇيان، ئىسرائىلىيە-پەلەستىن ۋەزىيىتى ئۈزلۈكسىز كەسكىنلەشتى. تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، ناھايىتى نازۇك پەلەستىن-ئىسرائىلىيە مۇناسىۋىتىگە نىسبەتەن، ھازىرقى توقۇنۇش ۋەقەلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك توقۇنۇشقا ئايلىنىش ئېھتىماللىقى ناھايىتى يۇقىرى ئىكەن، ئىسرائىلىيە-پەلەستىن ۋەزىيىتى يەنىمۇ ناچارلىشىدىكەن.

 

ئىسرائىلىيە ھېرزىلىيە پەنلەر ئارا تەتقىقات مەزكىرى سىياسەت ۋە ئىستراتېگىيە تەتقىقاتخانىسىنىڭ باشلىقى سائۇل بۇ ھەقدە توختىلىپ: مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ مۇھىم يولى يەنىلا سۆزلىشىش، خەلقئارا جەمئىيەت ئۇرۇش پارتلىشىنىڭ ئالدىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئېلىشى كېرەك، دېدى.

 

ئىسرائىلىيە-پەلەستىن تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ توختاپ قالغىنىغا نەچچە يىل بولدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، زوراۋانلىق سۆزلىشىشنىڭ ئورنىنى ئالدى، ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى ۋە غەززە رايونىنىڭ چېگراسىدا ئىسرائىلىيە-پەلەستىن توقۇنۇشى تېخىمۇ كۈچەيدى.

 

2007-يىلى خاماس غەززە رايونىنىڭ ئەمەلىي كونتروللۇق ھوقۇقىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، ئىسرائىلىيە غەززە رايونىنى ئومۇميۈزلۈك قامال قىلدى، كىشىلەر ئالاقىسى ۋە مال تىرانسپورتىنى قاتتىق كونترول قىلدى. 10 يىلدەك سوزۇلغان قامال قىلىش يەرلىكتە يېقىلغۇنىڭ يېتىشمەسلىكىگە، ئىقتىسادنىڭ ناچارلىشىشىغا سەۋەبچى بولدى، ئىشسىزلىق نىسبىتى %50كە يەتتى، غەززە رايونى ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسىغا پاتتى.

 

پەلەستىنلىكلەرنىڭ نارازىلىق كەيپىياتى بارغانسېرى كۈچەيدى، ئۇلار: تۇرمۇشىمىزنىڭ پارلاق ئەتىسى يوق، سىياسىيدا ھېچقانداق ئىلگىرىلەش بولمىدى، دەپ قارىدى. پەلەستىنلىكلەر بىلەن ئسىرائىلىيەلىكلەرنىڭ سۈركۈلۈشى كۈچەيدى، بۇ ئامىللار ئىسرائىلىيە-پەلەستىن ئوتتۇرىسىدىكى زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى كۆپەيتتى. پەلەستىنلىكلەرنىڭ قارىشىچە، ئىسرائىلىيە ھەممىگە سەۋەبچى ئىكەن.

 

ئىسرائىلىيە رايونى دىپلوماتىيە سىياسىتى تەتقىقاتخانىسىنىڭ رەئىسى نىمرود گېلىن مۇنداق دېدى: ئىسرائىلىيە-پەلەستىن ۋەزىيىتىنىڭ يەنىمۇ ناچارلىشىشىغا سەۋەبچى بولۇۋاتقان يوشۇرۇن ئامىللار ناھايىتى كۆپ، كېيىنكى ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى ناھايىتى مۇھىم، ئۆلۈم-يېتىم ۋەقەلىرىنىڭ يەنە يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى چوقۇم ئېلىش زۆرۈر. خەلقئارا جەمئىيەت ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىنىڭ جىددىي ۋەزىيىتىنى ھەل قىلىشنىڭ يولىنى تېپىشى كېرەك. ھازىر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى شۇنداقلا مىسىر، قاتار قاتارلىق قىسمەن ئەللەر پائال ياراشتۇرىۋاتىدۇ، لېكىن ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، ھەممە تەرەپنى رازى قىلىدىغان ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى تاپماق ئىنتايىن تەس.

 

 

 

مۇناسىۋەتلىك ئولانمىلار