UYNTV

پەلەستىن-ئىسرائىلىيە قانلىق توقۇنۇشى نېمىشقا قايتىدىن كۈچىيىپ كەتتى؟

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 03-04-2018 16:35

A-A+

 

 

ئۇزاققا سوزۇلغان پەلەستىن-ئىسرائىلىيە زىددىيىتى قايتا ئەۋجىگە چىقتى. 1-ئاپرېلغىچە، ئۇدا ئۈچ كۈن داۋاملاشقان توقۇنۇشتا ئاز دېگەندە 15 پەلەستىنلىك قازا قىلدى، 1600دىن كۆپرەك كىشى يارىلاندى.

تەھلىلچى ئەربابلار مۇنداق دەپ قارىدى: ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيە قاتتىق مەيداندا چىڭ تۇرغان ئەھۋالدا، پەلەستىن-ئىسرائىلىيە تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ ئىستىقبالىدىن ئۈمىد يوق، پەلەستىننىڭ ئامېرىكا، ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى داۋاملىق يامانلاشتى، يېقىندا ياخشىلىنىش ئالامەتلىرى يوق. بۇ پەلەستىنلىكلەرنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ ۋە نارازى قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئېتىراز بىلدۈرۈش نامايىشقا سەۋەبچى بولدى. پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى داۋاملىق كۈچەيسە، ئوتتۇرا شەرق رايونى ۋەزىيىتىنىڭ داۋالغۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىۋېتىشى مۇمكىن.
30-مارت، 20 مىڭدىن ئارتۇق پەلەستىنلىك غەززا رايونى چېگراسىدا زور كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈپ، 42-«يەر كۈنى»نى خاتىرىلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە نەچچە ھەپتە داۋاملىشىدىغان «قايتۇرۇۋېلىش چوڭ نامايىشى»نى باشلىدى. بۇ مەزگىلدە، پەلەستىنلىك بەزى ياشلار ئىسرائىلىيە تەرەپكە تاش، كۆيدۈرگۈچى بوتۇلكىلارنى ئاتتى، ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ئوق ئېتىپ، پەلەستىنلىك نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.

تەھلىلچى ئەربابلار: بۇ قېتىمقى قانلىق توقۇنۇشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئامېرىكىغا بولغان ئىشەنچىسىنى تەلتۆكۈس يوقاتقانلىقى، تىنچلىق، خەۋپسىزلىك ۋە كەلگۈسىدىن قاتتىق ئۈمىدسىزلەنگەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، دېدى.

ئامېرىكا زۇڭتۇڭى دونالد تىرامپ بۇلتۇر 12-ئايدا ئامېرىكىنىڭ ئېرۇسالىمنىڭ ئىسرائىلىيە پايتەختى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقى، ئامېرىكىنىڭ ئىسرائىلىيەدىكى ئەلچىخانىسىنى تېل-ئاۋىفتىن يېرۇسالېمغا كۆچۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. پەلەستىن كۈچلۈك قارشى تۇرغان بولسىمۇ، نۇرغۇن ئالامەتلەر ئامېرىكىنىڭ بۇ يىل 14-ماي ئىسرائىلىيەدە دۆلەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى پەيتىدە ئېرۇسالىمدىكى يېڭى ئەلچىخانىنى ئېچىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، ئىسرائىلىيەگە چوڭ سوۋغا بېرىشتە چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.

غەززادىكى سىياسىي تەھلىلچى ئادنان ئەبۇ ئامىر مۇنداق دېدى: پەلەستىن پۈتۈنلەي چۆرۈپ تاشلىۋېتىلدى، پەلەستىن-ئىسرائىلىيە تىنچلىق سۆھبىتى ئەھمىيىتىنى يوقاتتى. ئامېرىكا پۈتۈنلەي ئىسرائىلىيەگە يان باستى، پەلەستىنلىكلەر پەقەتلا تاش ئېتىپ نارازىلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى 30-مارت جىددىي يىغىن ئېچىپ، شۇ كۈنى نۇرغۇن پەلەستىنلىكلەر قازا قىلغانلىقى ۋە يارىلانغانلىقى ۋەقەسىنى مۇزاكىرە قىلدى. ئەمما ئامېرىكا قارشى تۇرغانلىقتىن، خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئىسرائىلىيەنى ئەيىبلەيدىغان باياناتنى ماقۇللىيالمىدى، بۇمۇ ئامېرىكىنىڭ ئىسرائىلىيەگە يان باسقانلىقىنىڭ ئەڭ يېڭى مىسالى.

بارغانسېرى كۆپلىگەن يەھۇدىيلار مەھەللىلىرى 1967-يىلىدىكى ئۇرۇش سىزىقىدىن ھالقىپ، ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى رايونىغا كېڭىيىپ، پەلەستىنلىكلەرنىڭ يەرلىرىنى يۇتۇۋېلىپ، پەلەستىننىڭ دۆلەت قۇرۇشىغا ماھىيەتلىك تەسىر كۆرسەتمەكتە. يېقىندا، ئىسرائىلىيەدە بۇ قانۇنسىز مەھەللىلەردە ئىسرائىلىيە قانۇنىنى يولغا قويۇش ھەققىدە گەپلەر تارقالدى، بۇمۇ ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ جايلارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى تارتىۋېلىشقا ئۇرۇنىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، شۇڭا پەلەستىننىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىنى قوزغىدى.

ئىسرائىلىيە غەززا رايونىنى ئۇزاق مۇددەت قاتتىق قامال قىلىپ، شۇ جايدىكى پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىنى ناھايىتى تەسلەشتۈرۈۋەتتى. ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، غەززا رايونىدا ئىشسىزلىق نىسبىتى %47كە يەتكەن، شۇ جايدىكى ئىككى مىليونغا يېقىن نوپۇسنىڭ بىر مىليون 300 مىڭى نامراتلىق ھالىتىدە بولۇپ، خەلقئارا قۇتقۇزۇشقا تايىنىپ تۇرمۇشىنى قامدايدىكەن. ئامېرىكا يېقىندا ياردەمنى ئازايتقاندىن كېيىن، غەززا رايونىدا ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسى يۈز بەردى، شۇ جايدىكى ئاھالىلەر قامال قىلىشقا ئۇچراش سەۋەبىدىن تۇرمۇشتىن ئۈمىدسىزلىنىپ قاتتىق غەزەپلەندى.

ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نىتانىياخۇ 31-مارت ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ پەلەستىنلىك نامايىشچىلارغا قوللانغان ھەرىكىتىنى ماختاپ، ئۇلارنىڭ دادىللىقى ۋە كەسكىنلىكى ئىسرائىلىيەنىڭ يەھۇدىي دىنى بايرىمىنى خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلدى، دېدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئىسرائىلىيە بايانات ئېلان قىلىپ، غەززا رايونىنى كونترول قىلىپ تۇرۇۋاتقان پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق ھەرىكىتى خاماسنىڭ ئاياللار ۋە بالىلارنى قالقان قىلغانلىقىنى ئەيىبلىدى ھەمدە ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ئېتىپ تاشلىغانلار خاماسنىڭ ئەزالىرى، دېدى.

تەھلىلچى ئەربابلار مۇنداق دەپ قارىدى: ئىسرائىلىيەگە نىسبەتەن، ئۆز خەۋپسىزلىكىنى قوغداش، پەلەستىنلىكلەرنىڭ غەزىپىنى كۈچلۈك بېسىش، ئامېرىكىنىڭ 5-ئايدا يېرۇسالېمدا ئەلچىخانىسىنى ئوڭۇشلۇق ئېچىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ھازىرقى ئەڭ مۇھىم ئىش. چۈنكى پەلەستىن ئېتىراز بىلدۈرۈشنى ئاز دېگەندە پەلەستىن «ئاپەت كۈنى»گىچە داۋاملاشتۇرىمىز، دېگەن.

1948-يىلى 14-ماي، ئىسرائىلىيە دۆلەت قۇرغانلىقىنى جاكارلىغان. ئەتىسى تۇنجى قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشى پارتلاپ، بىر مىليونغا يېقىن پەلەستىنلىك مۇساپىر بولغان. شۇندىن كېيىن پەلەستىن ھەر يىلى 15-ماينى «ئاپەت كۈنى» قىلىپ بېكىتكەن.