UYNTV

سىسى مىسىر زۇڭتۇڭلۇقىغا يەنە بىر قېتىم سايلاندى

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 03-04-2018 16:42

A-A+

مىسىر مەملىكەتلىك سايلام كومىتېتىنىڭ رەئىسى لاھىن ئىبراھىم تۈنۈگۈن مۇنۇلارنى جاكارلىدى: ھازىرقى زۇڭتۇڭ سىسى 2018-يىللىق زۇڭتۇڭ سايلىمىدا 97.08 پىرسەنت ئۈنۈملۈك بېلەتكە ئېرىشىپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئۇدا ۋەزىپە ئۆتىدى. چېگرا ئىچىدىكى ئۈچ كۈنلۈك بېلەت تاشلاش شۇ يەر ۋاقتى 28-مارت سائەت 22دە ئاياغلاشتى. مىسىر پارلامېنتىنىڭ باياناتچىسى سالاھ ھاسابرا 31-مارت مۇنداق دېدى: يېڭى زۇڭتۇڭنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمى ئىيۇننىڭ باشلىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ. 2014-يىلى ماينىڭ ئاخىرى ئۆتكۈزۈلگەن زۇڭتۇڭ سايلىمىدا سىسى 96.91 پىرسەنت بېلەتكە ئېرىشىپ مىسىر زۇڭتۇڭلۇقىغا تۇنجى قېتىم سايلانغان ئىدى.