UYNTV

شى جىنپىڭ ھىندىستان زۇڭلىسى مودى بىلەن كۆرۈشتى

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 28-04-2018 16:53

A-A+

是

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تۈنۈگۈن ۋۇخەندە جۇڭگوغا بىرەسمىي ئۇچرىشىشقا كەلگەن ھىندىستان زۇڭلىسى مودى بىلەن كۆرۈشتى ھەمدە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە خۇبېي ئۆلكىلىك مۇزېيدىكى ئېسىل مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمىسىنى كۆردى.  

خۇبېي ئۆلكىلىك مۇزېيدا شى جىنپىڭ مودىنىڭ ۋۇخەنگە زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى.  

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئۆتكەن ئۈچ يىلدا مەن زۇڭلى ئەپەندى بىلەن ئۆزئارا زىيارەت قىلىشىپ ھەمدە نۇرغۇن سورۇنلاردا كۆپ قېتىم ئۇچرىشىپ، ياخشى خىزمەت مۇناسىۋىتى ئورناتتۇق، ناھايىتى نۇرغۇن ئورتاق مۇھىم تونۇشلارغا كەلدۇق، سىرتقا جۇڭگو بىلەن ھىندىستان دوستلۇقىنىڭ ئىجابىي سىگنالىنى بەردۇق، جۇڭگو بىلەن ھىندىستاندىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئىقتىسادى گەۋدىنىڭ ئۆزئارا پايدا يەتكۈزۈش ئاساسىدا ھەمكارلىشىش، ئورتاق تەرەققىي قىلىشىدەك كۈچلۈك ئارزۇسىنى ئىپادىلىدۇق. بىز ئىككى ئۇلۇغ دۆلەت ئۇلۇغ ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىپ، دۇنياغا تەسىر كۆرسىتەلەيمىز، بۇ يەردىكى زۇڭلى ئەپەندى بىلەن بولغان ئۇچرىشىشىمىزنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئېچىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىز جۇڭگو ھىندىستان مۇناسىۋىتىنىڭ ئومۇملۇقىنى ئىستراتېگىيەلىك نۇقتىدىن ئىگىلەپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ باشتىن ئاخىرى توغرا يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ،ئۇنى چاڭجياڭ دەرياسى ۋە گاڭگىي دەرياسىغا ئوخشاش تىنىم تاپماي ئېقىپ، مەڭگۈ ئالغا ئىلگىرىلىتىشىمىز كېرەك، جۇڭگو ھىندىستان بىلەن بىرگە تېخىمۇ قويۇق تەرەققىيات، شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقىنى ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.  

مودى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مېنى ۋۇخەنگە بىرەسمىي كۆرۈشۈشكە تەكلىپ قىلغانلىقىغا رەھمەت، بۇ قېتىمقى كۆرۈشۈش تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە، ھىندىستان بىلەن جۇڭگونىڭ قويۇق يۇقىرى قاتلام ئالاقىسى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى ساقلىشى ئۆزئارا چۈشەنچىنى قويۇقلاشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا پايدىلىق، بىز ئىككى دۆلەت ۋە مەزكۇر رايوننىڭ تەرەققىي قىلىشى، گۈللىنىشىدىكى ئورتاق مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن، ھىندىستان جۇڭگو بىلەن بۇ ھەقتە ئورتاق تىرىشىشنى خالايدۇ.

是

خۇبېي ئۆلكىلىك موزىيىدىكى ئېسىل مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندىن كېيىن شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جىڭچۇ مەدەنىيىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا مۇھىم ئورۇنغا ئىگە، جۇڭگو بىلەن ھىندىستان پارلاق تارىخىي مەدەنىيەتكە ئىگە دۆلەت، ئىككى دۆلەت مەدەنىيىتىنىڭ ئوخشىشىپ كېتىدىغان جايلىرى كۆپ، جۇڭگو بىلەن ھىندىستان تېخىمۇ كەڭ ساھە، تېخىمۇ كەڭ قاتلامدا ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، شەرق مەدەنىيىتىنى گۈللەندۈرۈشكە ئورتاق كۈچ چىقىرىپ، مەدەنىيەتنىڭ كۆپخىللىقىنى ئورتاق تەشەببۇس قىلىپ، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەتتىكىلەرنىڭ ئىناق بىللە تۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

مودى مۇنۇلارنى بىلدۈردى؛ ھىندىستان بىلەن جۇڭگو مەدەنىيەتلىك قەدىمىي دۆلەتلەر، ئىككى دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت تارىخىي تەرەققىياتى ئىنتايىن ئوخشىشىدۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، بىز ئۆزئارا چۈشەنچىنى ئاشۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەقىل پاراسىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ يەر شارى خاراكتېرلىك مەسىلىلەر ۋە خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشىمىز كېرەك.  

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى دىڭ شۆشياڭ، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى ياڭ جېچى، دۆلەت كومىسسارى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.