UYNTV

ماركس دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ 200 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 04-05-2018 15:02

A-A+

ماركس دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ 200 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى4-ماي چۈشتىن ئىلگىرى سائەت 10 دا خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتنىشىدۇ ھەمدە مۇھىم سۆز قىلىدۇ. شۇ ۋاقىتتا مەركىزىي رادىيو تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىغا قاراشلىق مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى، جۇڭگو خەلقئارا رادىيو ئىستانسىسى نەق مەيداننى بىۋاسىتە كۆرسىتىدۇ ۋە نەق مەيداندىن بىۋاسىتە ئاڭلىتىش بېرىدۇ؛ خەلق تورى، شىنخۇا تورى، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تورى، جۇڭگو تورى ۋە خەلق گېزىتى تېرمىنالى، شىنخۇا ئاگېنتلىقى تېرمىنالى، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تېرمىنالى بىرلا ۋاقىتتا كۆرسىتىدۇ.