UYNTV

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىز جۇڭگو-ياپونىيە دېڭىز-ھاۋا ئالاقە مېخانىزمىنى باشلاش ئۈچۈن تەييارلىق خىزمىتىنى تېزلىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : خەلق تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 09-05-2018 15:28

A-A+

 خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ 7-چىسلادىكى قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو-ياپونىيە ئىككى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى دېڭىز-ھاۋا ئالاقە مېخانىزمىنى باشلاش ئۈچۈن ئالاقىدار تەييارلىق خىزمەتلىرىنى تېزلەتمەكتە.

  بىر مۇخبىر مۇنداق دەپ سورىدى: كيودو ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، دېڭىز-ھاۋادىكى كۈتۈلمىگەن ۋەقەلەردىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ياپونىيە باش ۋەزىرى ئابې شىنزو ۋە زۇڭلى لى كېچياڭ دېڭىز-ھاۋا ئالاقە مېخانىزمى توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلماقچى ئىكەن. جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟

  گېڭ شۇاڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو- ياپونىيە ئىككى تەرەپنىڭ شەرقىي دېڭىز كىرىزىسنى تىزگىنلەش مەسىلىدە نىشانى بىردەك. دېڭىز-ھاۋا ئالاقە مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش — ئىككى تەرەپنىڭ ئۆز ئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىختىلاپنى تىزگىنلەش، شەرقىي دېڭىزنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشقا پايدىلىق. نۆۋەتتە ئىككى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بۇ مېخانىزمنى باشلاش ئۈچۈن ئالاقىدار تەييارلىق خىزمەتلەرنى تېزلەتمەكتە.