UYNTV

ئېلىمىز بىر يۈرۈش تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ئىمپورتنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن كېڭەيتىپ، تاشقى سودىنىڭ تەڭپۇڭ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولدى

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 10-05-2018 18:24

A-A+

تاموژنا تارماقلىرىنىڭ ئەڭ يېڭى ئېلان قىلغان تاشقى سودا سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى 4 ئېيىدا ئېلىمىزنىڭ مال سودا ئىمپورت ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 9تىرىليون 110مىليارد يۈەنگە يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئېكسپورت 4 تىرىليون 810مىليارد يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.2، ئىمپورت 4 تىرىليون 300مىليارد يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.7 ئاشقان، سانلىق مەلۇماتتىن قارىغاندا، ئىمپورت ئېكسپورت تەرەققىياتى تېخىمۇ تەڭپۇڭ بولغان، بولۇپمۇ ئىمپورتتا ئىككى خانىلىق سان بىلەن ئېشىش ۋەزىيىتى ساقلىنىپ، ئېلىمىزنىڭ ئىمپورتنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن كېڭەيتىپ، تاشقى سودىنىڭ تەڭپۇڭ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھالىتى نامايان بولغان، سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى گاۋ فېڭنىڭ ئاشكارىلىشىچە، كەلگۈسىدە يەنە ئىمپورتنى كېڭەيتىشكە ئالاقىدار سىياسەتلەر داۋاملىق چىقىرىلىپ، خەلقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشكە بولغان تەلىپى قاندۇرۇلىدىكەن.

ئۇ مۇنداق دېدى: بىز ئىمپورت قىلىنغان تاۋارلاردىن ئېلىنىدىغان باج ئومۇمىي نىسبىتىنى يەنىمۇ تۆۋەنلىتىمىز، ئاپتوموبىل ۋە قىسمەن كۈندىلىك ئىستېمال بۇيۇملىرىنى ئىمپورت قىلىشتىن ئېلىنىدىغان تاموژنا بېجىنى تۆۋەنلىتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ تەلىپى بىرقەدەر مەركەزلىك بولغان ئۆزگىچە مەھسۇلاتلارنى ئىمپورت قىلىشنى تىرىشىپ كۆپەيتىپ، سودىنى قولايلاشتۇرۇشقا ئائىت تەدبىرلەرنى چىقىرىمىز.

سانلىق مەلۇماتتىن ئايان بولۇشىچە، 2017-يىلى ئېلىمىزدە ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 3تىرىليون 660 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ئىستېمال بازىرىغا ئايلانغان، كۆلىمى كېڭىيىش بىلەن بىرگە ئىستېمال قۇرۇلمىسىنىڭ دەرىجىسىمۇ ئۈزلۈكسىز ئاشقان، نۆۋەتتە ئېلىمىزدە ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ تەمىناتى بىلەن ئېھتىياجى ئوتتۇرىسىدا يەنىلا پەرق بار، خاسلاشقان، كۆپ خىل، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىستېمال تەلىپى تولۇق قاندۇرۇلمىدى، بۇنىڭ ئىچىدىكى قىسمەنلىرىنى ئىمپورتنى كېڭەيتىش ئارقىلىق ھەل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىمپورتنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، خەلقنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىنتىلىشىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇش ئېلىمىزنىڭ دائىملىق ئىش تۈرلىرىدىكى كىرىم ۋە چىقىم تەڭپۇڭلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق،بۇ ھەم جۇڭگونىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدە ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشتىكى مۇھىم بىر قەدىمى ھەم ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈشتىكى يېپ يېڭى ۋەزىيەت.