UYNTV

تىرامپنىڭ توپتىن چېكىنىشىگە قارىتا كۆپلىگەن دۆلەتلەر ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ رەھبەرلىرى ئۆزلىرىنىڭ مەيدانىنى شەرھلىدى

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 10-05-2018 15:17

A-A+

ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ 8-ماي، ئامېرىكىنىڭ ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى كېلىشىمدىن چېكىنىپ چىقىدىغانلىقىنى، ھەمدە ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى كېلىشىم توغرىسىدا ئىرانغا قارىتىلغان جازانى قايتىدىن يولغا قويىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. خەلقئارا جەمئىيەت بۇنىڭغا يۈكسەك دەرىجىدە دىققەت قىلدى. كۆپلىگەن دۆلەتلەر ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ رەھبەرلىرى بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ مەيدانىنى شەرھلىدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇترىس 8-ماي بايانات ئېلان قىلىپ، تىرامپنىڭ شۇ كۈنى ئامېرىكىنىڭ ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى كېلىشىمدىن چېكىنىپ چىقىدىغانلىقىنى ھەمدە ئىرانغا قارىتىلغان جازانى قايتىدىن يولغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىگە قاتتىق دىققەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. باياناتتا، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى كېلىشىمنى ئىمزالاشقان قاتناشقان باشقا تەرەپلەرنى ئۆزلىرى بەرگەن ۋەدىلىرىگە ئومۇميۈزلۈك ئەمەل قىلىشقا دەۋەت قىلىندى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باشقا ئەزا دۆلەتلەر بۇ كېلىشىمنى قوللاشقان دەۋەت قىلىندى.

رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 8-ماي ئاخبارات ئېلان قىلىپ، رۇسىيەنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى كېلىشىمدىن ئۆز ئالدىغا چېكىنىش ۋە ئىرانغا قارىتىلغان جازانى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەرىكىتىدىن ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئاخباراتتا مۇنداق دېيىلدى: ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى كېلىشىم، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئېتىراپ قىلغان مۇھىم كۆپ تەرەپلىك كېلىشىم، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دۇنيانىڭ بىخەتەرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، يادرو قوراللىرىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا قولغا كەلتۈرگەن مۇھىم مۇۋەپپەقىيىتى. ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى كېلىشىمنى يولغا قويۇش جەريانىدا ئۇنىڭ ئۈنۈملۈك ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى، ئامېرىكىنىڭ بۇ كېلىشىمگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشنىڭ ھېچقانداق ئاساسى يوق. ئامېرىكىنىڭ بۇ ھەرىكىتى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى تاشقى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنىڭ يېتەرسىز ئىكەنلىكىنى گەۋدىلەندۇردى. ئاخباراتتا يەنە مۇنداق دېيىلدى: رۇسىيە، ئىراننىڭ يادرو كېلىشىمى توغرىسىدا ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن ئۆزئارا تۈرتكە بولۇشنى ساقلاشنى، ھەمدە ئىران بىلەن داۋاملىق پائال ھەمكارلىشىشنى خالايدۇ.

فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون، ئەنگلىيەنىڭ باش ۋەزىرى تېرىسا ماي، گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېل 8-ماي بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ ، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپنىڭ ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى كېلىشىمدىن چېكىنىپ چىقىشنى قارار قىلغانلىقىدىن ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ھەمدە فىرانسىيە، ئەنگلىيە ۋە گېرمانىيەنىڭ ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى كېلىشىمدە قالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇچ دۆلەت رەھبەرلىرى، بارلىق ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ بۇ كېلىشىمنى ئومۇميۈزلۈك ئىجرا قىلىش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، مەسئۇل بولۇش روھى بويىچە ھەرىكەت قىلىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.

فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون مۇنداق دېدى: فىرانسىيە، ئەنگلىيە ۋە گېرمانىيە تېخىمۇ چوڭ رامكا كېلىشىمى ھاسىل قىلىش ئۈچۈن بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ، بۇ يېڭى رامكا كېلىشىمى، 2025- يىلدىن كىيىن ئىراننىڭ يادرو پائالىيىتىنى نازارەت قىلىش، ئىراننىڭ باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا پىلانى بىلەن ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى دۆلەتلەرنىڭ مۇقىملىقى، بولۇپمۇ سۇرىيە، يەمەن ۋە ئىراق قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ۋەزىيىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ دىپلوماتىيە ۋە خەۋپسىزلىك سىياسىتى بويىچە يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىلى موگەيرىنى 8-ماي رىمدا ئامېرىكىنىڭ ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى كېلىشىمدىن چېكىنىپ چىققانلىقى توغرىسىدا سۆز قىلىپ، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى كېلىشىمنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى كېلىشىم خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ نەتىجىلىرىنىڭ بىرى.

سۇرىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 8-ماي بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى كېلىشىمدىن چېكىنىپ چىقىش توغرىسىدىكى قارارنى جاكارلىغانلىقىنى كۈچلۈك ئەيىبلىدى. باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: تىرامپنىڭ بۇ قارارى، ئامېرىكىنىڭ خەلقئارا شەرتنامە ۋە كېلىشىملەرنى كۆزگە ئىلمايدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلمايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى. خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇ قارارنى ئەيىبلىگەنلىكى ئامېرىكىنىڭ يېتىم قالغانلىقىنى كۆرسەتتى، ئامېرىكىنىڭ خاتا سىياسىتى دۇنيانىڭ جىددىي ۋەزىيىتىنى كەسكىنلەشتۈرۈپ، رايون ۋە دۇنيانىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.

ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نىتانىياخۇ تېلېۋىزىيەدە بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيە زۇڭتۇڭ تىرامپنىڭ ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى كېلىشىمدىن چېكىنىپ چىقىشىنى تامامەن قوللايدۇ، ھەمدە بۇنى دادىللىق بىلەن چىقىرىلغان قارار دەپ قارايدۇ دېدى.

ئۇ باياناتىدا مۇنداق دېدى: ئىسرائىلىيە باشلىنىشتىلا بۇ كېلىشىمگە قارشى تۇرۇپ كەلگەن،ھەمدە بۇ كېلىشىمدىكى ئىرانغا قارىتىلغان جازانى ئەمەلدىن قالدۇرۇش توغرىسىدىكى ماددىلار ئاپەت خاراكتېرلىك ئاقىۋەتلەرنى ئىلىپ كېلىدۇ دەپ ھېسابلىغان ئىدى.

 

مۇناسىۋەتلىك ئولانمىلار