UYNTV

سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك دائىمىي كومىتېتى 2 – يىغىنىنى مۇشۇ ئاينىڭ 14 – كۈنى ئېچىش قارار قىلىندى

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 10-05-2018 18:20

A-A+

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 5 – ئاينىڭ 9 – كۈنى چۈشتىن كېيىن 3 – قېتىملىق رەئىسلەر يىغىنى ئېچىپ، سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك دائىمىي كومىتېتى 2 – يىغىنىنى 5 – ئاينىڭ 14 – كۈنىدىن 15 – كۈنىگىچە ئۈرۈمچىدە ئېچىشنى قارار قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك دائىمىي كومىتېتى 2 – يىغىنىنىڭ قارالما لايىھەسى، كۈنتەرتىپى ۋە يىغىنغا سىرتتىن قاتنىشىش دائىرىسى قاتارلىقلار قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. رەئىسلەر يىغىنىنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن، بۇ قېتىمقى دائىمىي كومىتېت يىغىنىدا ‹‹دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاممىۋى خىزمەتنى چوڭقۇر ياخشى ئىشلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئاساسىنى پۇختىلاش››نى زىچ چۆرىدىگەن ھالدا، مەخسۇس تېمىدا ھاكىمىيەت ئىشلىرى مۇھاكىمە قىلىنىدۇ؛ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ يەرلىك باش كاتىپلار خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلىدۇ ۋە ئۆگىنىلىدۇ؛ سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك دائىمىي كومىتېتى 2 – يىغىنىنىڭ قارارى قاراپ چىقىپ ماقۇللىنىدۇ؛ ئالاقىدار كادىرلار ئىشلىرى قاراپ چىقىپ ماقۇللىنىدۇ. رەئىسلەر يىغىنىدا يەنە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، مۇزاكىرە قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا ئائىت ئۇقتۇرۇشىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى ۋە ئۆگىنىلدى.

نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنداق تەكىتلىدى: بۇ قېتىمقى دائىمىي كومىتېت يىغىنى 12 – نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىنىڭ باشلىنىش يىلىدا ئېچىلغان تۇنجى قېتىملىق مەخسۇس تېمىدا ھاكىمىيەت ئىشلىرى مۇھاكىمە قىلىنىدىغان دائىمىي كومىتېت يىغىنى. بۇ قېتىمقى يىغىننى ياخشى ئېچىش شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ياخشى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، سىياسىي كېڭەشنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىق، بۈيۈك بىرلىشىشتىن ئىبارەت سىياسىي ئەۋزەللىكىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش، ئاممىۋى خىزمەتنى چوڭقۇر ياخشى ئىشلەش، قەلب ۋە كۈچنى تېخىمۇ مۇجەسسەملەشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، يىغىننىڭ تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەپ، ۋەزىپىلەرنى كونكرېت تەدبىرلەرگىچە ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەت، يۇقىرى سەۋىيەنى نامايان قىلىپ، يىغىننىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنداق كۆرسەتتى: مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، مۇزاكىرە قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، سىياسىي كېڭەش ئىشلىرىنىڭ توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئىلگىرىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش، سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنىڭ سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئورۇنلاشتۇرما – تەلەپلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ۋاقىت ۋە كونكرېت تەلەپلەرنى ئىگىلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرگەن ھالدا ئۆگىنىش، مۇزاكىرە قىلىش خىزمىتى لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقىپ، مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆگىنىش ۋە مۇزاكىرە قىلىشنى ياخشى تۇتۇپ، چۈشىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كۈچ سەرپ قىلىپ، ئەسلىي بويىچە سىستېمىلىق ئۆگىنىپ، ئۆلچەم ۋە تەلەپلەرگە ئاساسەن خىزمەت پەرقى ۋە يېتەرسىزلىكنى تېپىپ چىقىپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرگەن ھالدا ئۆگىنىش، مۇزاكىرە قىلىش نەتىجىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى سىياسىي كېڭەش سىسىتېمىسىدىكىلەرنىڭ ئۆگىنىش، مۇزاكىرە قىلىش پائالىيىتىدە ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن چېڭ جېنشەن، ماغاۋ سېيىتقامزا، مۇتەللىپ ئوبۇل، ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز يىغىنغا قاتناشتى.