UYNTV

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنى ۋاقىتنى ئارقىدىن ھېسابلاش مەزگىلىگە كىردى

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 10-05-2018 18:23

A-A+

9-مايدىن باشلاپ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنى بىر ئايلىق ۋاقىتنى ئارقىدىن ھېسابلاش مەزگىلىگە كىردى، ھازىر تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرى ئاساسەن ئىشلىنىپ بولدى.

بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنى 2012-يىللىق بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنى ئېچىلغاندىن كېيىن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يەنە بىر قېتىم مەزكۇر تەشكىلات دۇنياغا كەلگەن جاي جۇڭگودا ئېچىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، شۇنداقلا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تۇنجى قېتىم ئەزا كۆپەيتكەندىن كېيىن ئېچىلغان بىر قېتىملىق كاتتا مەرىكە، 7-ماي شەندۇڭ ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، چىڭداۋ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ جياڭ دىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۆۋەتتە تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرى ئاساسەن پۈتتى، باشلىقلار يىغىنىنى ئېچىش شارائىتى ھازىرلاندى، بىز بۇ مەرىكىنى تېجەشلىك،مول مەزمۇنلۇق، ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈشكە تىرىشىمىز.

ھازىر بار بولغان ئەسلىھەلەردىن تولۇق پايدىلىنىمىز، بارلىق مەيدان سارايلار ئەسلىدىكى ئاساستا ئۆزگەرتىلىپ، ئەسلى قۇرۇلمىسىنىڭ ئاساسى ساقلاپ قېلىنىپ، ئەسلىدىكى بوشلۇق تولۇق پايدىلىنىشقا قالدۇرۇلىدۇ، پۇلنى دەل جايىغا ، ئاچقۇچلۇق جايغا ئىشلىتىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.

بىر بەلباغ بىر يولدىكى ئاساسلىق شەھەر بولغان چىڭداۋ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ھەمكارلىقىدا مۇھىم رول ئوينىماقتا، چىڭداۋدىن يولغا چىققان ئوتتۇرا ئاسىيا نۆۋەتچى پويىزى قازاقىستانغا بېرىپ ئاندىن ماللارنى ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان، تۈركمەنىستان،تاجىكىستان قاتارلىق دۆلەتلەرگە يەتكۈزىدۇ.

جۇڭگو تۆمۈر يول يۈك ساندۇقى چىڭداۋ مەركىزى ۋوگزالىنىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن دىرېكتورى ۋېي شۆلۈن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بىرىنچىدىن تەننەرخى بىرقەدەر تۆۋەن، يەنە بىرسى ئۇنىڭ توشۇش ۋاقىت ئۈنۈمدارلىقى ئىنتايىن ياخشى، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردە ئىلگىرى دېڭىز تىرانسپورت سۈرئىتى ناھايىتى ئاستا ئىدى، ھازىر ئوتتۇرا ئاسىيا نۆۋەتچى پويىزى بىلەن 14 كۈن ئىچىدە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتنىڭ ھەرقاندىقىغا بارغىلى بولىدۇ، ئىچكى قۇرۇقلۇق دۆلەتلىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا بۇ يەنىلا ئەڭ تېز بىر خىل ئۇسۇل.