UYNTV

فىرانسىيە، ئەنگلىيە، گېرمانىيە: ئىراننىڭ يادرو كېلىشىمىدە داۋاملىق قېلىپ قېلىشنى خالايمىز

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 11-05-2018 15:50

A-A+

فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون، ئەنگلىيەنىڭ باش ۋەزىرى تېرىسا ماي ۋە گېرمانىيەنىڭ زۇڭلىسى مېركېل 8-ماي بىرلىشىپ بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپنىڭ ئىراننىڭ يادرو كېلىشىمىدىن چېكىنىپ چىقىش قارارىدىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: فىرانسىيە، ئەنگلىيە ۋە گېرمانىيە ئىراننىڭ يادرو كېلىشىمىدە داۋاملىق قېلىپ قالىدۇ ھەمدە مەزكۇر كېلىشىمنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە «كاپالەتلىك قىلىش ئىرادىسى» بار دېدى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: ئىراننىڭ يادرو كېلىشىمى فىرانسىيە، ئەنگلىيە، گېرمانىيەنىڭ ئورتاق بىخەتەرلىكىگە نىسبەتەن ئالاھىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، بۇ كېلىشىم بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى قارارىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن. ئۈچ دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى ئالاقىدار ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ بۇ كېلىشىمنى پۈتۈنلەي ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە داۋاملىق كۈچ چىقىرىشى، «مەسئۇلىيەتچانلىق روھى بويىچە ھەرىكەت قىلىشى»نى مۇراجىئەت قىلدى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: ئۈچ دۆلەت رەھبەرلىرى ئامېرىكىنى ئىراننىڭ يادرو كېلىشىمى رامكىسىنى بۇزماسلىققا ھەمدە باشقا ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ ئىراننىڭ يادرو كېلىشىمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە توسقۇنلۇق قىلىدىغان تەدبىرلەرنى قوللىنىشتىن ساقلىنىشقا دەۋەت قىلدى. ئامېرىكا ئىراننىڭ يادرو كېلىشىمى ئېلىپ كەلگەن خەلقئارا كېڭىيىپ كېتىشتىن ساقلىنىش مۇساپىسىدا قولغا كەلتۈرگەن ئىلگىرىلەشلەرنى ئامال بار ساقلاپ قېلىشى ھەمدە ئىراننىڭ يادرو كېلىشىمىدىكى ئاساسلىق ماددىلارنى داۋاملىق ئىجرا قىلىشى كېرەك.

 

مۇناسىۋەتلىك ئولانمىلار