UYNTV

يېشىل تاغ، سۈزۈك سۇ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچايلى

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 11-05-2018 15:21

A-A+

بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تىزگىنلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى باشلاپ، كەڭ كۆلەملىك دۆلەت زېمىنىنى كۆكەرتىش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، جايلار، تارماقلار ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، قىيىن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق ئۆتۈشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇپ، « گۈزەل جۇڭگو » نىشانىغا قاراپ قەدەممۇ قەدەم ئىلگىرىلىمەكتە.

گەنسۇ ئۆلكىسى ۋۇۋېي شەھىرى لياڭجۇ رايونى مەملىكەت بويىچە چۆللىشىش، قۇملىشىشنى ماشىنا بىلەن تىزگىنلەش قۇرۇلۇشى سىنىقى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى. بۇ يەردە مۇخبىر ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ ئاستا - ئاستا كۆككە كۆتۈرۈلۈپ، يىراق جايلارغا ئۇچۇپ بېرىپ، قۇملۇق قىياپىتى، شامال يۆنىلىشى، شامال سۈرئىتى، قۇم بارخانلىرىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى، قۇم بارخانلىرىنىڭ يانتۇلۇقى، يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئەھۋالى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى يېغىۋاتقانلىقىنى كۆردى. قۇمنى تىزگىنلەش مەشغۇلات خادىملىرى قاراتمىلىقى بولغان ھالدا ئىلمىي تىزگىنلەش لايىھەسىنى تۈزۈپ، ماشىنىلاشتۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇۋاتاتتى. گەنسۇ يېڭى ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سېلىش پەن - تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى قۇمنى تىزگىنلەش بازىسىنىڭ باش دىرېكتورى دەي مىن مۇنداق دېدى : بۇ يىل قۇمنى تىزگىنلەش قۇرۇلۇشى 3 - ئايدىن باشلاپ يولغا قويۇلدى، ھازىرغىچە ئازكەم 5000 مو قۇملۇقنى ئۇنىۋېرسال تىزگىنلەش تۈرى تاماملىنىپ، قۇم توسۇلدى.

4 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، خۇنەن ئۆلكىلىك ئورمانچىلىق نازارىتى ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەرنى تەشكىللەپ، دۇڭتىڭخۇ كۆلى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدىكى تېرەكلەرنى ئېنىقلاش ئورمان ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش لايىھەسىنى باھالىدى. مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ۋە ئۆلكىلىك پارتكوم ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، دۇڭتىڭخۇ كۆلى ئۈچ تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنىڭ يادرولۇق رايونىغا تىكىلگەن تېرەكلەر ئېنىقلاندى. خۇنەن ئۆلكىسى تەبىئىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، سۈنئىي قوشۇمچە تەبىئىي ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق تېخنىكىلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، سۇلۇق يەر ئېكولوگىيەسى ۋە جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى تەدبىرى ئەسلىگە كەلتۈردى.

3 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، دۆلىتىمىزنىڭ تۇنجى دۆلەت باغچىسى قانۇنچىللىق تەتقىقات جەمئىيىتى − ئۈچ دەريا مەنبەسى دۆلەت باغچىسىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى قۇرۇلدى. چىڭخەي ئۆلكىلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، چىڭخەي قانۇنشۇناسلىق جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ۋاڭ شىياۋيوڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۈچ دەريا مەنبەسى دۆلەت باغچىسى قانۇنشۇناسلىق قانۇنچىللىق نەزەرىيەسى تەتقىقاتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئوخشاش تۈردىكى رايونلار ۋە باشقا دۆلەت باغچىسى قۇرۇلۇشىنى كۆپەيتىشكە، كېڭەيتىشكە بولىدىغان نەزەرىيە ۋە تەجرىبە بىلەن تەمىنلىدى.

مۇخبىر ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى باۋتۇ شەھەرلىك مۇھىت نازارەت قىلىش باشقۇرۇش تەڭشەش قوماندانلىق مەركىزى زالىغا كىرىپ، 12دانى 12369 قىزىق لىنىيەلىك تېلېفونىنىڭ توختىماي ياڭراۋاتقانلىقىنى، نازارەت قىلىش چوڭ ئېكراندىكى «24 سائەت پاش قىلىش» مەزمۇنلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭىلىۋاتقانلىقىنى كۆردى. پاش قىلغانلىقى ئىشلار بولسا قوبۇل قىلىندى، ھەممە ئىش ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ھەر بىر ئىشقا جاۋاب قايتۇرۇلدى، ئاممىنىڭ مۇھىت ھوقۇق-مەنپەئەتى قوغدالدى، مۇھىت سۈپىتى ياخشىلىنىش، مۇقىملىق داۋامىدا ئىلگىرى سۈرۈلدى، مۇقىم، ياخشى نەتىجىلەر مۇستەھكەملەندى. باۋتۇ شەھەرلىك مۇھىت ئاسراش ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق دېدى : «بىز ئامما ئارىسىدىن كېلىپ، ئامما ئارىسىغا بېرىپ، خەلقنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ، خەلقنى غەم-ئەندىشىدىن خالاس قىلىپ، بىر مەيدان بۇلغىنىشتىن ساقلىنىش بۇلغىنىشنى تىزگىنلەش» خەلق ئۇرۇشى ئېلىپ باردۇق، بۇنىڭ بىلەن پۈتۈن شەھەر خەلقىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا بولغان ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى تېخىمۇ ئاشۇرۇلدى، تېخىمۇ كاپالەتكە، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىللىققا ئىگە قىلىندى.