UYNTV

شى جىنپىڭ ۋېنچۈەندىكى يەر تەۋرەشنىڭ 10 يىللىقى خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنى ھەم 4-نۆۋەتلىك چوڭ قۇرۇقلۇق يەر تەۋرەش خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنىغا خەت ئەۋەتتى

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 14-05-2018 11:28

A-A+

 

شى جىنپىڭ ۋېنچۈەندىكى يەر تەۋرەشنىڭ 10 يىللىقى خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنى ھەم 4-نۆۋەتلىك چوڭ قۇرۇقلۇق يەر تەۋرەش خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنىغا خەت ئەۋەتتى

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 12-ماي بېيجىڭ خەۋىرى:

ۋېنچۈەندىكى يەر تەۋرەشنىڭ 10 يىللىقى خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنى ھەم 4-نۆۋەتلىك چوڭ قۇرۇقلۇق يەر تەۋرەش خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنى 12-ماي سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى چېڭدۇ شەھىرىدە ئېچىلدى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا خەت ئەۋەتتى.

شى جىنپىڭ خېتىدە مۇنداق دېدى: بۇ يىل ۋېنچۈەندىكى يەر تەۋرەشنىڭ 10 يىللىقى. جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ قەتئىي رەھبەرلىكىدە، ۋېنچۈەندىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان جايلارنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش خىزمىتى ئالەمشۇمۇل نەتىجىلەرگە ئېرىشىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئاپەتتىن كېيىن ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇشىنى پايدىلىق تەجرىبىلەر ۋە ئىلھاملار بىلەن تەمىنلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: ئىنسانىيەتنىڭ تەبىئەتنىڭ قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشىنىڭ چېكى يوق، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش - ئىنسانىيەتنىڭ ھاياتلىق تەرەققىياتىدىكى مەڭگۈلۈك تېما. ئاپەتنىڭ كېلىپ چىقىش قانۇنىيىتىنى ئىلمىي تونۇپ، ئاپەت خەۋپىنى ئۈنۈملۈك ئازايتىش، ئىنسانىيەت بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق بىللە ئۆتۈشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا خەلقئارا جەمئىيەت بىرلىكتە تىرىشىشقا توغرا كېلىدۇ. جۇڭگو خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە، مۇداپىئەلىنىشنى ئاساس قىلىش، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاپەتتىن ئۇنىۋېرسال مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى پۇختا كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ. ۋەكىللەرنىڭ بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ «يەر تەۋرەش خەۋپى بىلەن بىللە تۇرۇش» باش تېمىسىنى چۆرىدەپ، ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئەقىل-پاراسىتىنى ئىشقا سېلىپ، ئاپەتنى ئازايتىش خەلقئارا ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىش، تەبىئىي ئاپەت خەۋپىنى ئازايتىش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا پائال تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.