UYNTV

خەن جىن خېبېينىڭ شيۇڭئەن يېڭى رايونىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 16-05-2018 18:27

A-A+

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جىن 14-ماي خېبېينىڭ شيۇڭئەن يېڭى رايونىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. خەنجېن بېيجىڭ شيۇڭئەن شەھەرلەر ئارا تۆمۈر يولىنىڭ شيۇڭئەن بېكىتى پىلان نۇقتىسىغا يېتىپ بېرىپ، شيۇڭئەن يېڭى رايونىنىڭ قاتناش تۈگۈنى پىلانىنىڭ قۇرۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈردى؛ كۆچەت تىكىش نۇقتىسىغا بېرىپ يېڭى رايوننىڭ ئورمان شەھىرى مەخسۇس پىلانى ۋە كۆچەت تىكىپ ئورمان ئەھيا قىلىش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى؛ شيۇڭئەن يېڭى رايونىنىڭ ئىش باشلاش رايونىغا بېرىپ ئىش باشلاش رايونىنىڭ كونترول قىلىش تىپىدىكى تەپسىلىي بەلگىلىمىلەرنى تۈزۈش ۋە بەيياڭديەن ئېكولوگىيەنى قوغداش ئەھۋالىنى ئېگىلدى؛ شيۇڭئەن شەھەر ئاھالىسى مۇلازىمەت مەركىزىگە كىرىپ، سىپىرلىق شيۇڭئەن قۇرۇلۇشى ۋە رۇڭدۇڭ ئورۇنلاشتۇرۇش رايونى پىلان قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. 14-ماي چۈشتىن كېيىن، خەن جىن سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، خېبېي ئۆلكىسى ۋە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ دوكلاتىنى ئاڭلاپ، نۆۋەتتىكى ۋە بۇندىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى.

خەن جىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شيۇڭئەن يېڭى رايونىنى پىلانلاپ قۇرۇش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چىقارغان مۇھىم ھەل قىلغۇچ تەدبىر. پىلان پىروگراممىسى بويىچە بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىپ، كونترول خاراكتېرىلىك تەپسىلىي پىلان ۋە مەخسۇس پىلانلارنى چىڭ تۇتۇپ ۋە تۈزۈپ، چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كۆپ بەلگىلىمە بىرلەشتۈرۈلگەن پىلان سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. دۇنيادىكى ئىلغار تەجرىبىلەرنى ئەينەك قىلىپ، ئادەمنى ئاساس قىلىپ شەھەر لايىھەسىنى ياخشى تۈزۈپ، ئىمارەت ئۇسلۇبى ۋە رەڭگىنى مۇۋاپىق بېكىتىپ، شەھەر بوشلۇقىنى يارىتىپ، شيۇڭئەن يېڭى رايونىنى ھەم ھازىرقى زامان تۇيغۇسىغا ھەم ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت تۈسىگە ئىگە قىلىش كېرەك، يەر ئاستى قاتناش ۋە شەھەر كارىدورىنى ئىلمىي پىلانلاپ، يەر ئاستى بوشلۇقىنى پىلانلىق تەرتىپلىك پايدىلىنىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

خەنجېن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 2020-يىللىق قۇرۇلۇش نىشانىنى چۆرىدەپ، شيۇڭئەن يېڭى رايونىنىڭ تاشقى قاتناش يول تورى قۇرۇلۇشىنى، دەسلەپكى قەدەمدىكى شەھەر ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە كەسىپ قۇرۇلمىسىنى، بەيياڭديەننىڭ ئۇنىۋېرسال مۇھىتىنى ئوڭشاش ۋە ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق زور ۋەزىپىلەرنى چىڭ تۇتۇپ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. شيۇڭئەن يېڭى رايونىنىڭ ئىسلاھات ئېچىۋېتىش تەدبىرلىرىنى ، مالىيە باج، يەر زېمىن، مەبلەغ سېلىش مەبلەغ يۈرۈشلەشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە قاراتمىلىققا ئىگە سىياسەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ تۈزۈش ۋە قوللاش كېرەك، باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، يېڭى رايوننىڭ باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەرتىپلىك ئىجرا قىلىش مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.