UYNTV

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش «سىستېمىلىق پۇل-مۇئامىلە خەۋپىنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش» مەخسۇس تېمىلىق كېڭىشىش يىغىنى ئاچتى

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 16-05-2018 18:28

A-A+

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش تۈنۈگۈن «سىستېمىلىق پۇل-مۇئامىلە خەۋپىنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش» مەخسۇس تېمىلىق كېڭىشىش يىغىنى ئاچتى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەمدە سۆز قىلدى.

ۋاڭ ياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پۇل-مۇئامىلە خەۋپىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى كونترول قىلىش دۆلەت بىخەتەرلىكى، تەرەققىيات ئومۇمىيلىقى، خەلق ئاممىسىنىڭ مال مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا ئىشقا ئاشۇرۇشتا جەزمەن ھالقىشقا تېگىشلىك زور ئۆتكەل، جەزمەن ياخشى قىلىشقا تېگىشلىك ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى. 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ 1- قېتىملىق مەخسۇس تېمىلىق كېڭىشىش يىغىنىدا بۇ قارالما تاللىنىپ كېڭىشىلدى. بۇ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ مەركەزنى چۆرىدەپ، ئومۇمىيلىق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىغانلىقىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى سەھنىسى تېخىمۇ ياخشى پىكىر تەكلىپلەرنى بېرىپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ سىياسەت تەشەببۇسىنى تەشۋىق قىلىش، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، مەخسۇس تېمىلىق كېڭىشىشتىن ئىبارەت بۇ دېموكراتىك شەكىلدە تېخىمۇ چىڭ تۇرۇشى، تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇشى، تېخىمۇ ياخشى مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك.