UYNTV

شى جىنپىڭ شياڭگاڭدىكى ئىككى ئاكادېمىيە ئاكادېمىكلىرى يازغان خەتكە سالغان مۇھىم تەستىقى شياڭگاڭدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 16-05-2018 18:25

A-A+

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ شياڭگاڭدىكى ئىككى ئاكادېمىيە ئاكادېمىكلىرى يازغان خەتكە سالغان مۇھىم تەستىقى شياڭگاڭدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. تۈنۈگۈن، مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ شياڭگاڭدا تۇرۇشلۇق ئالاقە ئىشخانىسى مەخسۇس يىغىن ئېچىپ، مەركەزنىڭ ئالاقىدار روھى ۋە سىياسەتلىرىنى شياڭگاڭدا تېخىمۇ تېز، تېخىمۇ ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مۇھاكىمە قىلدى. تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن، ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمەت ۋە شياڭگاڭنىڭ پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكى زاتلار مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم كۆرسەتمىسىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىچكىرى ئۆلكىلەر بىلەن شياڭگاڭنىڭ پەن-تېخنىكا ھەمكارلىقى ئورنىتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مۇھاكىمە قىلدى.

مۇھاكىمە يىغىنىدا، مۇئاۋىن پەن-تېخنىكا مىنىستىرى خۇاڭ ۋىي يىغىنغا قاتناشقانلارغا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم كۆرسەتمىسىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى. ئۇ مۇنداق دېدى: پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم كۆرسەتمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئالدىنقى خىزمەت قىلىپ، ئىككى جاينىڭ پەن-تېخنىكا يېڭى ھەمكارلىقىغا ئۇزۇندىن بېرى توسالغۇ بولۇۋاتقان مەسىلىلەرگە قارىتا باشقا تارماقلار بىلەن بىرلىشىپ تېزدىن ئالاقىدار تەدبىرلەرنى چىقاردى، تۇنجى تۈركۈمدىكى مەركەز مالىيەسى خىراجىتى شياڭگاڭنىڭ پەن-تەتقىقات ئىشلىرىغا ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، شياڭگاڭنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى پەن-تەتقىقات ئورگانلىرىمۇ ئىمپورت بېجى جەھەتتە ئېتىبارغا ئېرىشتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، شياڭگاڭ ۋە ئاۋمېندىكى ئالىي مەكتەپلەر، پەن-تەتقىقات ئورگانلىرى ۋە تېخنىكا خادىملىرىنىڭ دۆلەتنىڭ پەن-تېخنىكا پىلانى تۈرىنى بىۋاسىتە ئىلتىماس قىلىشى تۈزۈم كاپالىتىگە ئىگە قىلىندى.

سانلىق مەلۇماتتىن كۆرسىتىلىشچە، ھازىرغىچە، شياڭگاڭدا دۆلەتلىك نۇقتىلىق تەجرىبەخانىسىدىن 16سى بار ئىكەن، شياڭگاڭدىكى 400گە يېقىن ئالىم دۆلەتلىك پەن-تېخنىكا مۇتەخەسسىسلەر ئامبىرى ۋە دۆلەتلىك تەبىئىي پەنلەر فوندى باھالىغۇچى مۇتەخەسسىسلەر ئامبىرىغا تاللانغان، دۆلەتنىڭ 136 نۇقتىلىق تەتقىقات-تەرەققىيات پىلانىغا قاتناشقان، شياڭگاڭلىق 85 تەتقىقاتچى دۆلەتنىڭ پەن-تېخنىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى لىنجىن يۆئې مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم كۆرسەتمىسى شياڭگاڭنىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتىغا تىرەك بولدى، مەركەز مالىيەسى پەن-تېخنىكا پىلانى ئارقىلىق شياڭگاڭنىڭ پەن-تەتقىقات خىزمىتىنى قوللاپ، لوماجۇ خېتاۋ رايونى «شياڭگاڭ-شېنجېن يېڭىلىق يارىتىش ۋە پەن-تېخنىكا باغچىسى»غا ئاساس سالغىلى، گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونىدا خەلقئارا پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يېڭى مەركىزى سېلىشقا يول ھازىرلىغىلى بولىدۇ.

مۇھاكىمە يىغىنىدا، شياڭگاڭ قۇرۇلۇش پەنلىرى ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، شياڭگاڭ پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى لى شىڭۋىن ھاياجان بىلەن مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ غەمخورلۇقى بىلەن، ئىككى جاينىڭ پەن-تېخنىكا ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بىر تۈركۈم يېڭى تەدبىرلەر تېز سۈرئەتتە چىقىرىلدى، بۇ شياڭگاڭدىكى پەن تەتقىقاتچىلارنى يېڭى سەھنە بىلەن تەمىنلىدى، ئۇلارنىڭ دۆلەت قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشىغا يول ھازىرلاپ بەردى.