UYNTV

ئامېرىكىلىق ئانا قىزى ئۈچۈن «يوشۇرۇن ئۆي» ياساپ بەردى

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : تەڭرىتاغ تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 18-05-2018 17:24

A-A+

 

s

 

ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 5-ئاينىڭ 16-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا ئامېرىكىنىڭ كولورادو ئىشتاتىدىكى 44 ياشلىق ئايال لاۋرا مېدىكۇس ئۈچ ھەپتە ۋە 400 ئامېرىكا دوللىرى (تەخمىنەن 2548 يۈەن) سەرپ قىلىپ، «نارنىيا» ناملىق فىلىمدىكى ئىشكاپتىن ئىلھام ئېلىپ، 12 ياشلىق قىزى سىلىۋىياغا بىر «يوشۇرۇن ئۆي» ياساپ بەرگەن.

 لاۋرانىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ بۇ ئەپچىل ئىجادىيىتى تولىمۇ ئاددىي بولۇپ، بۇنى پەقەت بىر نەچچە كۈن سەرپ قىلىپلا ياسىغىلى بولىدىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «قىزىم بىر كىيىم ئىشكاپىغا ئېھتىياجلىق بولدى، مەن بوش ئۆيلەرنى ئويلىغىنىمدا، <نارنىيا> فىلىمىنى ئەسلەپ قالدىم، بۇنىڭ بىلەن ئاددىي شەيئىلەردىن پايدىلىنىپ قالتىس بوشلۇق يارىتىشنى پىلانلىدىم».

    ئۇ بوش ئۆيگە بىر كىيىم ئىشكاپى قويۇپ، ئارقا تەرىپىنى بىر كىشى ئۆتكىدەك قىلىپ تېشىپ، «يوشۇرۇن ئۆيگە» تۇتىشىدىغان ئىشىك ئاچقان، ئاندىن ئىشكاپ ئىچىگە خادا ۋە ئىلمەك ئورۇنلاشتۇرۇپ، كىيىملەرنى ئېسىپ قويغان، يەنە ئۆيگە كىتاب ئوقۇغىلى بولىدىغان ئورۇن راسلىغان، كېيىنچە سىلىۋىيا كارىۋىتىن بۇ «يوشۇرۇن ئۆيدە» ئۇخلايدىغان بولغان.

 لاۋرا ئۆزىنىڭ «نارنىيا» ناملىق فىلىمنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى مەستانىسى ئىكەنلىكىنى، «نارنىيا» ناملىق كىتابنى ئوقۇپ چوڭ بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.