UYNTV

مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلغان 10 مەسىلىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : خەلق تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 21-05-2018 15:47

A-A+

خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى تور پونكىتىنىڭ «1-ماي ئەمگەكچىلەر بايرىمى، تاڭزۇڭزا چاغىنى مەزگىلىدە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىنى نازارەت قىلىش، پاش قىلىش، ئاشكارىلاش مەخسۇس سەھىپىسى»دە 17-ماي جايلار تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلغان 10 مەسىلە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى. بۇ يۇقىرىقى مەخسۇس سەھىپىنىڭ «ھەپتىلىك ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش»نى يولغا قويغاندىن بۇيان مەسىلىلەرنى 3-قېتىم مەركەزلىك ئاشكارىلىشى.

  ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنغان مەسىلىلەر بېيجىڭ، خېبېي، خېيلۇڭجياڭ قاتارلىق 10 ئۆلكە، شەھەر، ئاپتونوم رايوندا كۆرۈلگەن بولۇپ، چېتىلغان مەسىلىلەر بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا بايراملىق سوۋغات قوبۇل قىلىش-بېرىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ھۆكۈمەت پۇلىغا يەپ ئىچىش، ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىنى خۇسۇسىي ئىشقا ئىشلىتىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا تولۇقلىما ياكى پاراۋانلىق پۇلى تارقىتىش، مەبلەغنى ئېلىۋېلىپ ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن كۈتۈۋېلىشقا ئىشلىتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدىكى كۆپ قىسمى چاغان، «1-ماي» ئەمگەكچىلەر بايرىمى قاتارلىق ھېيت-بايراملارنىڭ ئالدى-كەينىدە يۈز بەرگەن. بۇلارنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ ئاشكارىلاش «1-ماي» ئەمگەكچىلەر بايرىمى، تاڭزۇڭزا چاغىنى مەزگىلىدە «تۆت خاھىش» مەسىلىسىنىڭ قايتا كۆرۈلۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا كۈچلۈك چۆچۈتۈش رولى ئوينايدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى