UYNTV

شىنجاڭ «مەملىكەت بويىچە مېيىپلارغا ياردەم بېرىش كۈنى» پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 22-05-2018 13:25

A-A+

ئاپتونوم رايونلۇق مېيىپلار بىرلەشمىسى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىدە «مېيىپلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش» باش تېمىسىدىكى 28- قېتىملىق مەملىكەتلىك مېيىپلارغا ياردەم بېرىش كۈنى ۋە 2018-يىللىق تۇنجى نۆۋەتلىك «ئەڭ گۈزەل سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۇستىسى» نى باھالاش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.
ھەريىلى 5-ئاينىڭ ئۈچىنچى يەكشەنبە كۈنى بولسا مەملىكەت بويىچە مېيىپلارغا ياردەم بېرىش كۈنى ھېسابلىنىدۇ. 2018-يىل 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، 28-قېتىملىق مەملىكەتلىك مېيىپلارغا ياردەم بېرىش كۈنى بولۇپ، پائالىيەتنىڭ باش تېمىسى «ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشتا، بىرمۇ مېيىپ كەم قالماسلىقى كېرەك». جەمئىيەتنىڭ مېيىپلارغا كۆڭۈل بۆلۈشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىگە بولغان چۈشەنچە ۋە كۆڭۈل بۆلۈشىگە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق مېيىپلار بىرلەشمىسى تۇنجى نۆۋەتلىك « ئەڭ گۈزەل سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۇستىسى»نى باھالاش ۋە تەقدىرلەش قاتارلىق مېيىپلارغا ياردەم بېرىش كۈنى پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇردى.

مۇناسىۋەتلىك ئولانمىلار