UYNTV

تۈركىيە ئەمەلگە ئاشمىغان سىياسىي ئۆزگىرىشكە قاتناشقان 104 كىشىگە ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسى بەردى

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 22-05-2018 13:19

A-A+

تۈركىيە تاراتقۇلىرىنىڭ 21-ماي خەۋەر قىلىشىچە: تۈركىيەنىڭ غەربىدىكى ئىزمىر ئۆلكىسىدىكى بىر سوت مەھكىمىسى 2016- يىلى يۈز بەرگەن ئەمەلگە ئاشمىغان سىياسىي ئۆزگىرىشىگە قاتناشقان 104 كىشىگە ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسى بەرگەن. تۈركىيە خەۋەرلىرى گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە: يۇقىرىقى 104 كىشى ئىچىدە 21 كىشى سىياسىي ئۆزگىرىشىدە زۇڭتۇڭ ئەردۇئاننى قەسلىمەكچى بولغانلىقى ئۈچۈن يەنە 20 يىل قاماق جازاسى كۆپەيتىلگەن. تۈركىيەدە 2016- يىلى 7-ئايدا ئەمەلگە ئاشمىغان ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ 250 كىشى قازا قىلغان. تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئامېرىكىدا ئولتۇرۇشلۇق تۈركىيەلىك دىنى ئەرباب گۇلەن ۋە ئۇ رەھبەرلىكىدىكى گۇلەن ھەرىكىتىنى بۇ قېتىمقى سىياسىي ئۆزگىرىشنىڭ باش پىلانلىغۇچىسى دەپ ئەيىبلىگەن ھەمدە ئامېرىكىنى ئۇنى تۈركىيەگە ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە يەنە بىر قېتىم دەۋەت قىلغان.