UYNTV

بۇ ئىش تۈپەيلى ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتىنىڭ پارچىلىنىشى كۈچەيدى

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 22-05-2018 15:35

A-A+

ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى كېلىشىم ۋە ئامېرىكىنىڭ پولات تۆمۈر ۋە ئاليۇمىن مەھسۇلاتلىرىدىن تاموژنا بىجى ئىلىش توغرىسىدىكى قارارنىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتىنىڭ پارچىلىنىش كۈچەيدى.

ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى يېقىندا ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى كېلىشىم ۋە پولات تومۇر ئاليۇمىن مەھسۇلاتلىرىدىن تاموژنا بىجى ئىلىش مەسىلىسىدە ئامېرىكىغا كۈچلۈك پوزىتسىيەسىنى بىلدۈردى. ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ رەھبىرى ھەتتا ئاشكارا ھالدا ياۋروپا بىلەن ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدىن ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.

تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: تىرامپ زۇڭتۇڭ بولغاندىن بۇيان، ئامېرىكا بىلەن ياۋروپانىڭ دىپلوماتىيە ۋە سودا سىياسىتىدىكى ئىختىلاپى كۈنسېرى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، تىنچ ئوكياندىن ھالقىغان ئىستراتېگىيەلىك ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتىدىكى پارچىلىنىش ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى. ئىككى تەرەپنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى مەسىلىلەر كۆپ بولغانلىقى، ئىچكى قىسىمدا غايەت زور بېسىمغا يولۇققانلىقى ئۈچۈن بىر بىرگە زور دەرىجىدە يول قويۇشى قىيىنغا توختىدى، شۇڭا زىددىيەتنى ھەل قىلىش ئاسانغا چۈشمىدى.

ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى كومىتېتى ئۆتكەن ھەپتە ياۋروپا كارخانىلىرىنى ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا قاراتقان جازانى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشىدىن ساقلاش ئۈچۈن، كۆپ يىل توختىتىپ قويغان جازاغا قارشى ماددىسىنى قايتىدىن يولغا قويدى ھەمدە باشقا كۆپلىگەن تەدبىرلەرنى قوللاندى.

بۇ ماددىلارغا ئاساسەن، ياۋروپا شىركەتلىرى ئامېرىكىنىڭ جازالاش بەلگىلىمىسىگە ئەمەل قىلمىسىمۇ ، ئۇنىڭغا قارشى ھالدا زىياننى تولۇقلاپ بېرىش توغرىسىدا ئەرز سۇنسا بولىدۇ. ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى كومىتېتى يەنە ياۋروپا مەبلەغ سېلىش بانكىسىنىڭ ئىران بىلەن سودا جەھەتتە ئالاقە قىلىۋاتقان ياۋروپا كارخانىلىرىنى مەبلەغ جەھەتتىن قوللاشقا رۇخسەت قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى، ھەمدە ئىراننىڭ ئېنېرگىيە تارماقلىرى بىلەن ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ دىپلوماتىيە ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى بويىچە يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىلى موگەيرىنى مۇنداق دېدى: ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئوتتۇرىغا قويغان بۇ تەدبىرلەر ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى كېلىشىمدە بەرگەن ۋەدىلىرىنى قوغداشنىڭ كۈچلۈك ئىسپاتى.

تىرامپ 8-ماي ئامېرىكىنىڭ ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى كېلىشىمدىن چېكىنىپ چىققانلىقىنى جاكارلاپ، بۇ كېلىشىم تىنچلىق ئىلىپ كېلەلمەيدۇ دېدى. بىراق گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېل، ئەنگلىيەنىڭ باش ۋەزىرى تېرىسا ماي ۋە فىرانسىيە زۇڭتۇڭ ماكرون ئارقىدىن بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن ئاشكارا ھالدا مۇنازىرلەشتى. ئۇلار ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى كېلىشىم دۇنيانى تېخىمۇ بىخەتەر قىلدى دەپ تەكىتلىدى، ھەمدە ئامېرىكىنى بىۋاسىتە تىلغا ئىلىپ، ئۇنى ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى كېلىشىم رامكىسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلماسلىق، كېلىشىمنى ئىمزالىغۇچى باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى كېلىشىمنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە توسقۇنلۇق قىلىدىغان تەدبىرلەرنى قوللانماسلىققا دەۋەت قىلدى.

تېرامپ زۇڭتۇڭ بولغاندىن بۇيان، ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا كۆپلىگەن مەسىلىلەردە بىر بىرى بىلەن قارشىلاشتى. ئامېرىكا كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش توغرىسىدىكى پارىژ كېلىشىمىدىن چېكىندى، ئىرۇسالىمنى ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى دەپ ئېتىراپ قىلدى، يەنە چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنى يادروسىزلاشتۇرۇش مەسىلىسىنى قۇرال كۈچى ئارقىلىق ھەل قىلىمىز دەپ تەھدىت سالدى. بۇ ھەرىكەتلەر ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ تەنقىد قىلىشىغا ئۇچرىدى.

ئامېرىكا ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى كېلىشىمدىن چېكىنىپ چىقىشىدىن ئىلگىرى، ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا پولات تومۇر ۋە ئاليۇمىن مەھسۇلاتلىرىدىن تاموژنا بىجى ئىلىش مەسىلىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا كەسكىن ئىلىشتى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى، ئىمپورت قىلىنغان پولات تومۇر بىلەن ئاليۇمىن مەھسۇلاتلىرى ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزدى دېگەننى باھانە قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ ئىمپورت قىلىنغان پولات تومۇر بىلەن ئاليۇمىن مەھسۇلاتلىرىدىن %25 ۋە %10 تاموژنا بىجى ئالىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى نۆۋەتتە ئامېرىكا تەرەپنىڭ تاموژنا بېجىنى كەچۈرۈم قىلىشىدىن بەھرىمەن بولماقتا، ئۇنىڭ كۈچكە ئىگە بولۇش مۇددىتى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى توشىدۇ. ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى كومىتېتى ئۆتكەن ھەپتىنىڭ ئاخىرلىرى، دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كەلگۈسىدە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئامېرىكىغا تاموژنا بېجىنى كۆپەيتىدىغان مەھسۇلاتلىرىنىڭ تىزىملىكىنى سۇنىدىغانلىقىنى، ئەگەر ئامېرىكىنىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن پولات تومۇر بىلەن ئاليۇمىن مەھسۇلاتلىرىدىن تاموژنا بىجى ئىلىش تەدبىر كۈچكە ئىگە بولىدىغان بولسا، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئۆچ ئىلىش تەدبىرىنى قوللىنىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

ئامېرىكا، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئاپتوماتىك ئېكسپورت قىلىش چەكلىمىسىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنى پولات تومۇر بىلەن ئاليۇمىن مەھسۇلاتلىرىدىن مەڭگۈ تاموژنا بىجى ئالماسلىقنىڭ شەرتى قىلىشىنى تەلەپ قىلدى، بىراق ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى بۇ شەرتنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلدى. نۆۋەتتە سۆھبەت قاتمال ھالەتكە چۈشۈپ قالدى. ئەگەر ، ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن بۇرۇن كېلىشىم ھاسىل قىلالمىسا، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى سودا سۈركىلىشى يەنىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلدى.

نارودنىك پىكىر ئېقىمىنىڭ تۈرتكىسى ئارقىسىدا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن ھاسىل قىلغان ئورتاق تونۇشلىرىغا ئەھمىيەت بەرمەي، كۆپىنچە ئەھۋاللاردا ھەتتا ئىتتىپاقداشلىرىنى ئۆزىنىڭ رەقىبى دەپ قاراپ، كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ ئۇلارغا بېسىم ئىشلەتتى. بۇنداق تەدبىرلەر ئۆز ئارا ئىشىنىش ئاساس قىلغان ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىكى ئىتتىپاقداشلىرى مۇناسىۋىتىگە تەسىر كۆرسەتمەكتە.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، نارودنىك قارشى ئامېرىكىنىڭ ياۋروپاغا ئىلىپ كەلگەن ئېغىر تەھدىت بولۇپ ھېسابلاندى. فىرانسىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە قاتارلىق ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا كۆپلىگەن دۆلەتلەر ئەسلىدىلا نارودنىكنىڭ باش كۆتۈرۈپ چىقىشىدەك مەسىلىگە يولۇققان ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشىنىڭ تەسىرى قوشۇلۇپ، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى مەركەزدىن ئايرىلىش خاھىشى كۈنسېرى كۈچەيدى، مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈشتە، تىرامپنىڭ ئامېرىكىنى ئالدىن ئورۇنغا قويۇشى ۋە ئۇنىڭ ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشىنى ماختىشى تەبىئىي ھالدا ياۋروپادىكى نارودنىك كۈچلەرنى تېخىمۇ ئىشەنچ ۋە مەدەت بىلەن تەمىنلىدى، شۇنداقلا ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە مۇقىملىقىغا تېخىمۇ كۆپ توسالغۇ پەيدا قىلدى.

مۇناسىۋەتلىك ئولانمىلار