UYNTV

ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ئىراننى ئەڭ قاتتىق جازالايدىغانلىقى توغرىسىدا تەھدىتى سالدى

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 22-05-2018 13:27

A-A+

ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى پومپېئو 21-ماي، ئىران ئەگەر نۆۋەتتىكى يولىنى ئۆزگەرتمەيدىغان بولسا، ئامېرىكىنىڭ ئەڭ قاتتىق جازاسىغا ئۇچرايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. پومپېئو شۇ كۈنى ئامېرىكىنىڭ ئاقىللار ئامبىرى بولغان ئەنئەنىۋى فوندىدا نۇتۇق سۆزلىگەندە، ئامېرىكىنىڭ ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى ئومۇميۈزلۈك كېلىشىمدىن چېكىنىپ چىققاندىن كىيىنكى ئىرانغا قاراتقان سىياسىتىنى شەرھلىدى. پومپېئو ئىرانغا قارىتىلغان جازانى توختىتىشقا قارتا 12 تۈرلۈك تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا قارىتىلغان جازاسى ئەمدى باشلاندى، ئەگەر ئىران نۆۋەتتىكى يولىنى ئۆزگەرتمەيدىغان بولسا، ئامېرىكا بىر قاتار تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. جازالاش تولۇق يولغا قويۇلىدىغان بولسا، ئۇنداقتا تارىخىدىكى ئەڭ قاتتىق جازا بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ئولانمىلار