UYNTV

ياۋروپا ئىران يادرو كېلىشىمىنى قۇتقۇزۇپ قالالامدۇ-يوق

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 24-05-2018 17:54

A-A+

ئىران يادرو كېلىشىمىنى ئىجرا قىلىشنىڭ ماسلاشتۇرغۇچىسى بولغان ياۋروپا ئىتتىپاقى ھازىر ياراشتۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇۋاتىدۇ، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەنگلىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيە، جۇڭگو، رۇسىيە، ئىراننى چاقىرىپ، 25-ماي ۋېنادا يىغىن ئېچىپ، ئامېرىكا بۇ كېلىشىمدىن چېكىنىپ چىققاندىن كېيىنكى باشقا ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ تاقابىل تۇرۇش تەدبىرىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ.

ئىران يادرو كېلىشىمى ياۋروپا تەرىپىدىن يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئەڭ مۇھىم دىپلوماتىيە مۇۋەپپەقىيەتلىرىنىڭ بىرى دەپ قارىلىپ كەلدى. ئۇنداقتا ياۋروپا قايسى تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئامېرىكىنىڭ چېكىنىپ چىقىشىغا تاقابىل تۇرۇشى مۇمكىن؟ ياۋروپا-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدە يەنە قانداق ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ؟

ياۋروپا ئەمەلىيەتتە ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپنىڭ چېكىنىپ چىقىش قارارىدىن بۇرۇنلا سەگەك تۇرغان ئىدى. فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون، گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېل، ئەنگلىيەنىڭ دىپلوماتىيە ۋەزىرى بورىس جونسون ئىلگىرى-كېيىن ئامېرىكىغا بېرىپ، ئامېرىكىنى ئىران يادرو كېلىشىمىدە تۇرۇپ قېلىش ياكى ياۋروپا كارخانىلىرىغا كەچۈرۈم قىلىش ھوقۇقى بېرىشنىڭ ئامېرىكا جازاسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراتماسلىققا قايىل قىلماقچى بولغان ئىدى. ھالبۇكى، ياۋروپا تەرەپنىڭ دىپلوماتىيە تىرىشچانلىقى ئۈنۈم بەرمىدى، تىرامپ ياۋروپادىكى ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ كۆڭۈل بۆلگەن ئىشلىرى ۋە مەنپەئەتىگە قىلچە پەرۋا قىلمىدى.

ئۈمىدسىزلەنگەن ۋە غەزەپلەنگەن ئەھۋالدا، ياۋروپا رېئاللىققا يۈزلەنمىسە بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، ئامېرىكا قاتناشمىغان ئەھۋالدا، ئىران يادرو كېلىشىمىنى قانداق ساقلاپ قېلىش ئۈستىدە ئويلاندى. بۇ مەسىلىدە، ياۋروپانىڭ مۇنداق ئىككى كونكرېت نىشان بار: بىرى، ئىراننىڭ داۋاملىق سىرتتىن ئەمەلىي ئىقتىسادىي مەنپەئەتكە ئېرىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، جۈملىدىن ئىراننى داۋاملىق چەتئەل مەبلىغىگە ئېرىشتۈرۈش، ئىراننىڭ نېفىتىنى داۋاملىق ئېكسپورت قىلىشىغا يول ئېچىش قاتارلىقلار؛ ئىككىنچىسى، ئىراندا تىجارەت قىلىۋاتقان ياۋروپا كارخانىلىرىنىڭ ئامېرىكا جازاسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش.

گەرچە ئامېرىكا پۈتۈن يەر شارى پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىدا يېتەكچى ئورۇندا تۇرغان بولسىمۇ، لېكىن ياۋروپانىڭ قولىدا كارغا كېلىدىغان كوزىر يوقمۇ ئەمەس. ياۋروپا جازالاشقا قارشى تۇرۇش نىزامىنى قايتىدىن باشلاپ، ياۋروپا كارخانىلىرىنى قوغدىسا، جۈملىدىن ياۋروپا كارخانىلىرىنىڭ ئۇچراش ئېھتىمالى بولغان زىيىنى ياكى جەرىمانىسىنى تۆلەپ بەرسە بولىدۇ؛ ياۋروپا سېلىنما بانكىسى ياكى باشقا پۇل مۇئامىلە ئورگانلىرى ئارقىلىق، ئىراننى ياۋرو قەرزى بىلەن بىۋاسىتە تەمىنلىسە ياكى ئىككى تەرەپ ياۋرو ئارقىلىق سودا قىلسا بولىدۇ، مەسىلەن: ئىراندىن نېفىت سېتىۋالغاندا، ياۋرو بەرسە بولىدۇ؛ زۆرۈر تېپىلغاندا، ئامېرىكا شىركەتلىرىدىن ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتى قوللىنىش ئۈچۈن، مەخسۇس ئورگان قۇرۇپ، چەتئەل شىركەتلىرىنىڭ تىجارەت پائالىيىتىنى نازارەت قىلسا بولىدۇ.

نۆۋەتتە، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىر قىسىم تۈرلەردە تەدبىر بەلگىلەش مۇساپىسىنى باشلاپ بولدى، لېكىن بۇ تەدبىرلەرنىڭ قانچىلىك ئۈنۈم بېرىشىگە تېخى بىر نېمە دېگىلى بولمايدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ياۋروپادىكى بىر قىسىم دۆلەت ھالقىغان كارخانىلار ئامېرىكىدا نۇرغۇن ئىقتىسادىي مەنپەئەتكە ئىگە بولۇپ، ئامېرىكا جازاسىنىڭ خەتىرىنى ئۈستىگە ئېلىشنى خالىمايدۇ، كەسپىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ئىراندا بولغان ياۋروپانىڭ ئاشۇ ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلىرىنىڭ ئىراندا كەسپىنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇشى ئېھتىمالغا تېخىمۇ يېقىن.

يەنە بىر تەرەپتىن، ياۋروپا گەرچە تىرامپنىڭ ئىران يادرو كېلىشىمىدىن چېكىنىپ چىقىشىدىن قاتتىق نارازى بولسىمۇ، لېكىن كېيىنكى ھەرىكەت جەريانىدا، يەنىلا ياۋروپا-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ئومۇملىقىغا ئېتىبار بەرمەي ھەم ئويلاشماي تۇرالمايدۇ.

ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، ئامېرىكا بىلەن ياۋروپانىڭ بۇ ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتىدە، ياۋروپا ئامېرىكىغا تېخىمۇ تايىنىدۇ، بولۇپمۇ خەۋپسىزلىك ئىشلىرىدا تېخىمۇ شۇنداق. ئۇندىن باشقا، ياۋروپادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئامېرىكىغا قاراتقان سىياسىتى ۋە تەلىپى ئوخشىمايدۇ، ياۋروپا ئىتتىپاقى قاتلىمىدا بىردەك مەيدان ھاسىل قىلىش تەس. ئامېرىكىنىڭ ئىران يادرو كېلىشىمىدىن چېكىنىپ چىقىشىغا ياۋروپانىڭ پوزىتسىيەسى قاتتىق بولسىمۇ، لېكىن بۇ سەۋەبتىن ئامېرىكا بىلەن بىراقلا ئادا-جۇدا بولۇشنى خالىمايدۇ.

ئۇندىن باشقا، ئامېرىكا نۆۋەتتە سودا مەسىلىسىدە ياۋروپاغا بېسىم قىلىۋاتىدۇ، بۇ-ياۋروپا دۆلەتلىرى، بولۇپمۇ گېرمانىيەنىڭ باشقا ئىشلاردا يەنە ئامېرىكىنىڭ چىشىغا تېگىشنى خالىماسلىقىغا سەۋەب بولدى. ئامېرىكىنىڭ گېرمانىيەدىكى باش ئەلچىسى رىچارد گىرىلنىر يېقىندا «نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتى»نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى بىلەن ئامېرىكىنىڭ سودا سۈركىلىشىنى ئوچۇق-ئاشكارا باغلاپ، ئەگەر ياۋروپا ئىران يادرو مەسىلىسىدە تىرامپنى قوللىسا، ئامېرىكا ياۋروپادىن ئالىدىغان پولات ئاليۇمىن تاموژنا بېجىنى كۆپەيتمەسلىكى مۇمكىن دېدى.

ياۋروپا-ئامېرىكا ئارىسىدىكى ئۆز ئارا تايىنىش-ياۋروپانىڭ ئامېرىكىغا بەك قاتتىق تەدبىر قوللىنالماسلىقىنى ناھايىتى زور دەرىجىدە بەلگىلەپ قويغان. شۇڭا بىر تەڭپۇڭ يولنى تاللىشى مۇمكىن. ياۋروپا بىر تەرەپتىن ئىراننى خاتىرجەم قىلىشى شۇنداقلا باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، رايون بىخەتەرلىكى قاتارلىق مەسىلىلەردە ئىرانغا داۋاملىق بېسىم ئىشلىتىشى ھەم رۇسىيە، جۇڭگو قاتارلىق كېلىشىمنى ئىمزالىغۇچى باشقا تەرەپلەر بىلەن ماسلىشىپ ھەرىكەت قىلىشى كېرەك؛ يەنە بىر تەرەپتىن، ياۋروپا ئامېرىكا بىلەن داۋاملىق پىكىر ئالماشتۇرۇپ، مۇرەسسە لايىھەسى ھاسىل قىلىشقا تىرىشىشى لازىم.

ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، ياۋروپانىڭ تەڭپۇڭلاشتۇرۇش تاكتىكىسى ئۈنۈم بېرىپ، ئىران يادرو كېلىشىمىنى قۇتقۇزۇۋېلىشقا بولۇش-بولماسلىقىغا يەنىلا بىر نېمە دېگىلى بولمايدۇ، بىراق، تىرامپنىڭ بۇ قېتىم چېكىنىپ چىقىشى-بارغانسېرى بىر تەرەپلىمە بولۇپ ئۆز ئالدىغا ھەرىكەت قىلىۋاتقان ئامېرىكىغا زىيادە تايىنىپ كەتسە بولمايدىغانلىقى، ياۋروپانىڭ ھەرىكەتكە كېلىپ، ياۋروپانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداش ھەم مۇستەقىل ئىستراتېگىيەنى يولغا قويۇشىنىڭ لازىملىقىنى ياۋروپاغا يەنە بىر قېتىم ھېس قىلدۇردى. ئۇزۇن مەزگىلدىن قارىغاندا، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىنى چۆرىدىگەن تالاش-تارتىش-ياۋروپا-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدىكى زور ئۆزگىرىشنىڭ دەۋر بۆلگۈچ نۇقتىسىغا ئايلىنىشى مۇمكىن.