UYNTV

يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن ئېلىمىز يەتىكەن 3-نومۇرلۇق سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسىنىڭ ئاساسىي سىستېمىسىنى قۇرۇپ چىقىدۇ

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 24-05-2018 18:47

A-A+

9-نۆۋەتلىك جۇڭگو سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش ئىلىمى مۇھاكىمە يىللىق يىغىنى تۈنۈگۈن خاربىندا ئېچىلدى. مۇخبىرنىڭ يىغىندىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا ئېلىمىز يەتىكەن 3-نومۇرلۇق سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسىنىڭ ئاساسىي سىستېمىسىنى قۇرۇپ چىقىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» بويىدىكى دۆلەتلەرگە مۇلازىمەت قىلىدىكەن.

جۇڭگو سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسىنى باشقۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى رەن چېڭچى يىللىق يىغىننىڭ ئېچىلىشىدا مۇنداق دېدى: ئېلىمىز يېرىم يىل ئىچىدە تۆت گۇرۇپپىدىكى سەككىز يەتىكەن 3-نومۇرلۇق سۈنئىي ھەمراھىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىپ، يەتىكەن يەرشارى سىستېما گۇرۇپپىسى تورىنىڭ قۇرۇلۇشىنى تېزلەتتى. پىلان بويىچە، 2018-يىلىنىڭ ئاخىرىدا جۇڭگو يەتىكەن 3-نومۇرلۇق سۈنئىي ھەمراھنىڭ ئاساسىي سىستېمىسىنى قۇرۇپ چىقىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» بويىدىكى دۆلەتلەرگە مۇلازىمەت قىلىدۇ.

نۆۋەتتە، جۇڭگونىڭ يەتىكەن سىستېمىسى ئەمەلىي كەسىپلەشتۈرۈش جەھەتتە مۇكەممەل كەسىپ زەنجىرىنى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى، قاتناش، بېلىقچىلىق، ئېلېكتىر كۈچى، ئورمانچىلىق، ئاپەتنى ئازايتىش قاتارلىق ساھەلەردە كۆپ ئىشلىتىلىۋاتىدۇ شۇنداقلا دەل يېزا ئىگىلىكى، خەتەرلىك ئۆيلەرنى تەكشۈرۈش، ئادەمسىز ماشىنا قاتارلىق ساھەلەردە ئىشلىتىلىشى كېڭەيتىلىۋاتىدۇ. جۇڭگو سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋاڭ لى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو يەتىكەن سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنىڭ نىشانى دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇش، يەنى ئېنىقلىقى يۇقىرى، مۇقىم، ئىشەنچلىك بولۇش. مۇستەقىل يېڭىلىق يارىتىش، مۇستەقىل تىزگىنلەش، مۇستەقىل كەسىپ بەرپا قىلىش؛ خەلقئارالىق ئۆلچەم قوللىنىپ، خەلقئارا ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، خەلقئارا بازارغا مۇلازىمەت قىلىشتىن ئىبارەت.

 

مۇناسىۋەتلىك ئولانمىلار