UYNTV

شىرئەلى سەلەينىڭ «ۋەتەن قوينىدا» نامىدىكى كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلدى

تەھرىر : 艾斯凯尔·艾尼万 | كېلىش مەنبەسى : مەركىزىي تېلېۋىزىيە تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 28-05-2018 10:39

A-A+

(يۇقىرىدا كېچىلىكتىكى قىسمەن كۆرۈنۈشلەر)

جۇڭگو شەرق ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ تالانتلىق ناخشىچىسى، دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك ئارتس، ئىجادىيەتچى شىرئەلى سەلەينىڭ «ۋەتەن قوينىدا» نامىدىكى ناخشا-مۇزىكا، ئىجادىيەت كېچىلىكى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى جۇڭگو دۆلەتلىك كۇتۇپخانىسىنىڭ زالىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى.

1

بۇ كېچىلىك «مەن قۇملۇقتىن كەلدىم»، «قەلبىم چىن مۇھەببەتكە تولغان»، «مەن ئارمانلىرىم ئۈچۈن كېتىۋاتىمەن»، «مەن مۇھەببەت ئۈچۈن يارالغان» قاتارلىق تۆت قىسىمغا بۆلۈنگەن بولۇپ، كېچىلىك شىرئەلىنىڭ «گۈل نېمىشقا شۇنچە قىزىل» ناملىق ناخشىنى ئورۇندىشى بىلەن تەڭ قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە باشلاندى. شىرئەلى كېچىلىكتە تېكستىنى ئۆزى يېزىپ، مۇزىكىسىنى ئۆزى ئىشلىگەن «شەيدا دەيدۇ»، «ھەمراھىڭ بولاي»، «سەن يوق يېنىمدا»، «ۋەتەن قوينىدا»، «ياخشى ياشايلى»  قاتارلىق ناخشىلارنى يۇقىرى بەدىئىي ماھارەت بىلەن قوش تىلدا ئورۇندىدى. ئۇ بۇ ناخشىلارنىڭ بەزىلىرىنى مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ سەنئەت كېچىلىكلىرى، «گۈزەل شىنجاڭ» سەنئەت كېچىلىكى قاتارلىق چوڭ سەھنىلەردە كۆپ قېتىم ئورۇنداپ، كۆرۈرمەنلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشقا سازاۋەر بولغان. شىرئەلى 2010-يىلى مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسسىنىڭ ياش ناخشىچىلارنىڭ تېلېۋىزوردا ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسىدە مىس مېدالغا ئېرىشكەن، شۇ يىلى يەنە جۇڭگودىكى ئەڭ ئىجادچان 10 چوڭ ناخشىچىنىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان، 2011-يىلىدىن 2013-يىلىغىچە ئۇدا ئۈچ قېتىم مەدەنىيەت مىنىستىرلىغىنىڭ «مۇنەۋۋەر ئورۇندىغۇچى مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن؛ 2015-يىلى «ئۈچنى يېزىغا يەتكۈزۈش» تىكى ئىلغار شەخس بولۇپ باھالانغان؛ 2016-يىلى مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى خاربېندا ئۆتكۈزگەن مەملىكەتلىك ناخشا مۇسابىقىسىدە «جۇڭگودىكى ئون كۈچلۈك مودا ناخشىچى» بولۇپ باھالانغان. 2017-يىلى خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن سەنئەت كېچىلىكىدە، دۆلەت رەئىسىمىز شى جىنپىڭنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشكەن.

2

شىرئەلى سەلەي «ۋەتەن قوينىدا» نامىدىكى بۇ قېتىملىق كېچىلىكتە يەنە «چۈمبىلىڭنى قايرىۋەت»، «تويلار مۇبارەك» قاتارلىق شىنجاڭنىڭ مىللىيچە ئۇسلۇبتىكى ئەنئەنىۋى ناخشىلىرىنى گىتار ئارقىلىق ئۆزگىچە ئۇسلۇبتا ئورۇندىدى، بۇ ئارقىلىق شىنجاڭ خەلقىنىڭ قىزغىن، دوستانە ۋە مەردانە خاراكتېرىنى مەملىكەتنىڭ جاي-جايلىرىدىن پايتەختىمىز بېيجىڭغا جەم بولۇپ كېچىلىك كۆرۈۋاتقان ھەر مىللەت تاماشىبىنلىرىغا يارقىن ئىپادىلەپ بەردى ھەمدە خەلقئارالىق سەۋىيەنى نامايەن قىلدى.

3

بۇ كېچىلىككە يەنە جۇڭگوغا داڭلىق «ئاجىتەي» مۇزىكا ئانسامبىلىنىڭ موڭغۇل، زاڭزۇ، يىزۇ مىللىتىدىن تەركىب تاپقان ئۈچ ناخشىچىسى ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن نومۇر ئورۇندىدى. ھەر مىللەت چولپانلار شىرئەلى سەلەينىڭ كېچىلىكىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا تېگىشلىك كۈچ قوشۇش بىلەن بىرگە، تاماشىبىنلارغا بەدىئىي زوق ئاتا قىلدى.

5

شىرئەلى سەلەي بۇ قېتىملىق كېچىلىكىگە ناھايىتى ئەتراپلىق تەييارلىق قىلىش بىلەن بىرگە، ئېلىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ نۆۋەتتىكى مەنىۋى تەشنالىقىنى قاندۇرالايدىغان «گۈل نېمىشقا شۇنچە قىزىل»، «سەپدىشىمنى ئەسلەيمەن»، «تويلار مۇبارەك» قاتارلىق نادىر ناخشىلارنى تاللاپ ئورۇنلاشتۇرغان. كېچىلىكنىڭ يەنە بىر يارقىن نۇقتىسى شۇكى، شىرئەلى ناخشىلارنى خەنزۇ تىلىدا ناھايىتى راۋان ئېيتتى، كىچىكىدىن ئۆز تىلىدا ئوقۇغان بىر ئاز سانلىق مىللەت ناخشىچىسىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە ناخشىلارنى خەنزۇ تىلىدا شۇنچە ياخشى ئورۇنداپ، پايتەختتىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنى تەسىرلەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا سازاۋەر بولالىشى ئۇنچە ئاسان ئەمەس، ئەلۋەتتە.

6

باش شۇجى شى جىنپىڭ 19- قۇرۇلتاي دوكلاتىدا: «مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنىڭ گۈللىنىشى ۋە روناق تېپىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك» دەپ ئوتتۇرىغا قويدى. كېچىلىك تېمىسىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بۇ كېچىلىك ئەڭ ئاۋۋال شىرئەلىنىڭ ئانا ۋەتىنى جۇڭگوغا بولغان چوڭقۇر مىننەتدارلىق ھېسسىياتىنى ئىپادىلەشنى باش تېما قىلغان. ئۇنىڭ كېچىلىكتە ئورۇندىغان ناخشىلىرىدىمۇ قۇرۇلتاي روھى ۋە ئىسلاھات-ئىشىكىنى ئېچىۋېتىش ئېلىپ كەلگەن نەتىجىلەر يارقىن ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. «ۋەتەن قوينىدا» ناملىق ناخشىسىدا ۋەتەنگە بولغان ئوتلۇق مۇھەببەت جانلىق ئىپادىلەنگەن. ئىگىلىشىمىزچە، شىرئەلى خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە ناخشىلارنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئېيتىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، يەنە ئىسپانچە، رۇسچە، ئىتالىيانچە، ئىنگلىزچە قاتارلىق دۇنياۋى تىللاردىكى ناخشىلارنىمۇ ناھايىتى ئازادىلىك ئىچىدە ئورۇندىيالايدىكەن. ئۇ بۇ كېچىلىكتىمۇ خەنزۇچە ۋە ئۇيغۇرچە ناخشىلارنى ئېيتىشتىن باشقا، ئىسپانچە ۋە باشقا چەت ئەل تىللىرىدىكى ناخشىلارنىمۇ ئېيتتى، بۇ شىرئەلىنىڭ سەنئەت جەھەتتە خەلقئارالىشىشقا يۈزلەنگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ قېتىملىق كېچىلىكتە خەنزۇ، يىزۇ، موڭغۇل، زاڭزۇ قاتارلىق ھەر مىللەتتىن بولغان داڭلىق سەنئەتكارلارمۇ تۈرلۈك نومۇرلارنى ئورۇندىدى، دېمەك، بۇ كۆپ مىللەتلىك جۇڭخۇا ئائىلىسىدە مانا مۇشۇنداق كۆپ خىل مەدەنىيەت ئۆزئارا يۇغۇرۇلغاندا، كىشىلەردە تېخىمۇ ياخشى تەسىرات قالدۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

7

شىرئەلىنىڭ كېچىلىكىنى جۇڭگو دۆلەتلىك كۇتۇپخانىسىدا ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ئىلىم دۇنياسى بىلەن سەنئەت دۇنياسىنىڭ بىردەكلىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى ھەر مىللەت ئاممىسىغا تېخىمۇ كونكىرت بىلدۈرمەكچى بولغان. ئىگىلىنىشىچە، شىرئەلى سەلەينىڭ «ۋەتەن قوينىدا» نامىدىكى مۇزىكا كېچىلىكى بۇنىڭدىن كېيىن داۋاملىق مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆتكۈزۈلىدىكەن. بىز شىرئەلى سەلەينىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى سەنئەت ھاياتىغا تېخىمۇ زور ئۇتۇق ۋە شان-شەرەپلەرنىڭ يار بولۇشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز.

 ئەسقەرجان ئەنۋەر خەۋىرى، فوتوسى