UYNTV

ئېغىر نامرات كەنتتىكى زور ئۆزگىرىش

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : شىنجاڭ گېزىتى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 28-05-2018 14:27

A-A+

مۇخبىرىمىز لۇ يەن

   يەتتە يىل ئىلگىرى، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ بىر مەخسۇس فىلىمىدە تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ مارياڭ يېزىسى پىل كەنتىدىكى بالىلارنىڭ جاپالىق مەكتەپكە بېرىپ ئوقۇش ھېكايىسى كۆرسىتىلىپ، بۇ چەت، يىراق تاغلىق كىچىك كەنت جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى تارتقانىدى، بالىلارنىڭ تىك ياردا چىغىر يولنى بويلاپ مېڭىۋاتقان كۆرۈنۈشى نۇرغۇن كىشىنىڭ قەلبىنى چوڭقۇر ئۆرتەندۈرگەنىدى...

   يەتتە يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە، دۆلەتنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش چوڭ دولقۇنىدا، بۇ ئېغىر نامرات كەنتتە قانداق زور ئۆزگىرىشلەر بولدى؟

   مەن 5 – ئاينىڭ 5 – كۈنى تاشقورغان ناھىيە بازىرىدىن يولغا چىقىپ، ئەگرى – توقاي تاغ يولىنى بويلاپ، 200 كىلومېتىرغا يېقىن يول يۈرۈپ، پىل كەنتىگە كەلدىم.

   بەخت يولى ئېچىش

  مەن ئاپتوموبىلدىن چۈشۈپلا، پىل كەنتىدىكى يېڭىدىن قۇرۇلغان يەسلىگە باردىم، يەسلى دەل – دەرەخلەر بىلەن پۈركەنگەن، يەسلى قورۇسىدىكى كىچىك كۆۋرۈك ئاستىدىن شىلدىرلاپ سۇ ئېقىپ تۇراتتى. يەسلىنىڭ ئەسلىھەلىرى تولۇق ئىدى، تامغا بالىلارنىڭ نادىر ئەسەرلىرى ھېسابلىنىدىغان رەڭگارەڭ رەسىملەر چاپلىنىپ، بۇ يەسلى كىچىك تاغلىق كەنتتىكى بىر گۈزەل مەنزىرىگە ئايلانغانىدى.

  يەسلىنىڭ ئالدىدا بىر قىز ئەينى چاغدا مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مەخسۇس فىلىمىدىكى 13 ياشلىق ئوقۇغۇچى بۇلبۇل نۇسرەت تۇراتتى.

  بۇلبۇلنىڭ كەچۈرمىشى ئاجايىپ ئىدى، شۇ يىلى ئۇ تاغ – داۋانلاردىن ئېشىپ ئوقۇپ، كەلگۈسىدە ئوقۇتقۇچى بولۇش ئارزۇسىنى كۆڭلىگە پۈككەنىدى. ھازىر ئۇ ئوتتۇرا تېخنىكومنى پۈتكۈزۈپ يۇرتىغا قايتىپ، بۇ ئارزۇسىغا يەتتى، ئۇنىڭ بۇ يەسلىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقىنىغا بىر يىل بولدى، 20 نەچچە ئوقۇغۇچىغا خەت يېزىشنى، كىتاب ئوقۇشنى، رەسىم سىزىشنى، ناخشا ئېيتىشنى ئۆگەتتى.

  بۇلبۇل كەنتتىكى 40 نەچچە بالىنىڭ ئوقۇش كەچۈرمىشىنى تىلغا ئالغىنىدا، ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن نۇر چاقنىغاندەك بولدى.

  ئەينى ۋاقىتتا ئۇ تېشىلىپ كەتمەيدىغان ئايىغىم بولسىكەن، دېگەننى ئەڭ كۆپ ئويلايتتى. كەنت ئېگىز تاغلارنىڭ ئارىسىدا ئىدى، ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان زەرەپشان دەرياسى بۇ كەنتنى ئايرىپ تۇراتتى. كەنتتىكى بالىلار ناھىيە بازىرىغا بېرىپ ئوقۇيتتى، قىش پەسلىدە، بىر قېتىم ئۆيىگە بېرىپ – كېلىش ئۈچۈن يەتتە – سەككىز كۈن يول يۈرۈشكە توغرا كېلەتتى. شۇنداق چاغلاردا كەنتتىكى 60 نەچچە ئاتا – ئانا يېزا باشلىقىنىڭ باشلامچىلىقىدا 40 نەچچە ئوقۇغۇچىنى مۇھاپىزەت قىلىپ ئېلىپ ماڭاتتى، تىك قىيا ۋە كەلكۈنگە ئۇچرىغاندا، بالىلارنى ئارغامچا بىلەن باغلاپ بىر – بىرلەپ ئۆتكۈزەتتى، تىك ئاسما يول، تىك تاغ يولىدىن ئۆتكەندە، سەللا دىققەت قىلمىسا ياردىن چۈشۈپ كېتىش ئېھتىماللىقى بار ئىدى...

  زىيارەت داۋامىدا، كەنتتىكى 28 ياشلىق غوجا سەيدۇك ماڭا ئۆزىنىڭ شەكلى ئۆزگىرىپ كەتكەن مۈرىسىنى كۆرسەتتى، ئۇ ئون نەچچە ياش ۋاقتىدا مەكتەپكە بېرىش يولىدا تېيىلىپ يىقىلىپ، مۈرە سۆڭىكى سۇنۇپ، ۋاقتىدا داۋالىنالمىغاچقا، ئۆيىدە ئۈچ ئاي يېتىپ، بۇ جاراھەت ئىزى قالغانىدى.

  كىشى قەلبىنى ئۆرتەندۈرىدىغان بۇ ئازابلار ئەسلىمىگە ئايلاندى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ياردىمىدە، 2014 – يىلى 80 مىليون يۈەندىن كۆپرەك مەبلەغ سېلىنىپ، مارياڭ يېزىلىق خەلق ھۆكۈمىتىدىن پىل كەنتىگىچە بولغان 51 كىلومېتىرلىق 4 – دەرىجىلىك تاشيول ياسالدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، پىل كەنتىنىڭ سىرت بىلەن بولغان ئالاقە توسۇقى تەلتۆكۈس ئېچىۋېتىلدى. بالىلار يېزىغا، ناھىيەگە بېرىپ ئوقۇسا، يول جاپاسى تارتمايدىغان بولدى. ئەينى يىللىرىدىكى يەتتە – سەككىز كۈنلۈك مۇساپە ھازىر قىسقىراپ، ئاپتوموبىل بىلەن تۆت سائەتتىلا يېتىپ بارغىلى بولىدىغان بولدى. بالىلار مەكتەپتە ھەقسىز ئوقۇپلا قالماي، ھۆكۈمەت ھەر مەۋسۇمدا ئۇلارغا 300 يۈەندىن يول خىراجىتى بېرىدىغان بولدى.

  بۇنداق ياخشى ئىشلارنى كەنتتىكىلەر چۈشىدىمۇ كۆرۈپ باقمىغانىدى.

  بۇلبۇل مۇنداق دېدى: ھازىرقى پىل كەنتىدە گۈزەل بىر يەسلى بار، بالىلار كەنتتە ياخشى تەربىيەلىنەلەيدۇ. ھەر بىر ئائىلە يېڭىدىن ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيى سالدى، سۇ تۇرۇبىسى، توك، ئوپتىكىلىق كابېل ئىشىك ئالدىغىچە تۇتاشتۇرۇلدى.

  بۇلبۇل ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئەھۋالىدىمۇ كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش بولدى، كىشى بېشى كىرىمى 10 مىڭ يۈەندىن ئاشتى.

   ھەممىلا يەردە پارتىيەنىڭ نۇرى چاقنىدى

  يول ياسالدى، پىل كەنتىنىڭ ئۇل ئەسلىھەسى كۈندىن – كۈنگە يېڭىلاندى. قۇرۇلۇش ماددىي ئەشيالىرى ئۈزۈلمەي بۇ كەنتكە توشۇلۇپ، ھەممىلا يەردە پارتىيەنىڭ نۇرى چاقنىدى.

  ئۈچ يىللىق جاپالىق تىرىشىش ئارقىلىق، يېڭى كەنت ئاھالە كومىتېتى قۇرۇلدى، ئوپتىكىلىق كابېلمۇ كەنتكە تۇتاشتۇرۇلدى، تۇرۇبا سۈيى ھەممە ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈلدى، كەنتتىكىلەرنىڭ كونا ئۆيلىرىنىڭ ئورنىغا يېپيېڭى ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيلىرى سېلىنىپ، كەنتتىكى ھەربىر ئاھالىنىڭ ئىشىك ئالدىغىچە سېمونت يول ياسالدى.

  پىل كەنتى ئاھالە كومىتېتىنىڭ 1972 – يىلى سېلىنغان كونا ئىشخانىسى رېمونت قىلىنماقتا، بۇ جاي كەنت تارىخىي سارىيىغا ئۆزگەرتىلىپ، بۇ كەنتتىكى ھازىرقى زور ئۆزگىرىشلەر نامايان قىلىنىدۇ.

  مەن تەكشى ياسالغان سېمونت يولنى بويلاپ مېڭىپ، پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى سىفات ماكماتخاننىڭ ئۆيىگە باردىم. سىفات ماكماتخان مۇنداق دېدى: ئىلگىرى ئايىغىمىز تېشىلىپ كەتسە، تاشلىۋېتىشكىمۇ كۆزىمىز قىيمايتتى، بالىلارنى مەكتەپكە ئاپىرىشمۇ ناھايىتى جاپالىق ئىدى. ھازىر ئاپتوموبىل ئىشىكىمىز ئالدىغا كېلىپ، بالىلىرىمىزنى مەكتەپكە ئېلىپ ماڭىدۇ، ھېچنېمىدىن غەم قىلمايمىز. ئائىلىمىزدىن ئىككىيلەن ئىشقا ئورۇنلاشتى، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىۋاسىتە ياردەم پۇلى، ئوتلاق مۇكاپات – ياردەم پۇلى قاتارلىق سىياسەت خاراكتېرلىك ياردەم پۇلىنى قوشقاندا، بۇلتۇر ئائىلىمىزنىڭ يىللىق كىرىمى 81 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، كىشى بېشى كىرىمىمىز 16 مىڭ يۈەنگە يەتتى.

  24 ياشلىق كاماد سەيدۇكنىڭ ئائىلىسى كەنتتىن ئەڭ يىراقتا ئىدى، كەنت ئاھالە كومىتېتىغا 12 كىلومېتىر كېلەتتى. ھازىر سۇ تۇرۇبىسى بۇ ئۆيگىچە تۇتاشتۇرۇلغان، ئۆينىڭ ئالدىغا يېڭىدىن يول چىرىغى ئورنىتىلغانىدى. يېڭىدىن سېلىنغان تونۇر بېشىدا ئۇنىڭ ئۆيىدىكىلەر نان يېقىۋاتاتتى، خۇشال كۈلكە ساداسىدا بەخت نامايان بولغانىدى.

  سەلىم نۇرەكنىڭ ئوغلى قادىرئەزىم سەلىممۇ ئەينى يىلى مەخسۇس فىلىمگە چىققانىدى. سەلىم نۇرەك مۇنداق دېدى: ئوغلۇم ھازىر شەنشى ئېلېكتىرومېخانىكا كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىدە ئوقۇۋاتىدۇ، مەكتەپ پۈتكۈزگەندىن كېيىن ئۆگەنگەن بىلىملىرىم ئارقىلىق يۇرتىمىزنىڭ قىياپىتىنى ئۆزگەرتىشكە ھەسسە قوشىمەن، دەيدۇ.

   قەلبى مىننەتدارلىققا تولغان سەلىم نۇرەك كەنت ئەدەبىيات – سەنئەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى، ئۇ ‹‹پىل كەنتى كىچىك بېيجىڭ›› ناملىق ئېتوتنى ئۆزى يېزىپ، ئۆزى ئورۇنلاپ، كەنتتە يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشلەرنى مەدھىيەلىدى. ئۇ يەنە ‹‹يېڭى دەۋر، يېڭى تۇرمۇش›› ناملىق ناخشىنىڭ تېكىستىنى يېزىپ، مۇزىكىسىنى ئىشلەپ، دېھقان – چارۋىچىلارغا بەختلىك تۇرمۇش ئاتا قىلغان كومپارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈردى.

  بۇ كىچىك تاغلىق كەنتنىڭ قىياپىتىدە تېخىمۇ زور ئۆزگىرىش بولۇشىغا ئەگىشىپ، تېخىمۇ نۇرغۇن بالىنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشقۇسى.

   ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، گۈزەل پىل كەنتىنى قۇرۇپ چىقىش

  بۇ كەنتنىڭ 1 – شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت ئىدارىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى راخمان غوپۇرنىڭ ئىشخانىسىدىكى ئۈستەلگە تىزىلغان نانلار مېنى قىزىقتۇردى.

  راخمان غوپۇر مۇنداق دېدى: بىز بۇرۇنقى قەرز ۋە كەمتۈكلۈكلەرنى تېز تولۇقلاۋاتىمىز، بۇ نانلار كادىرلار، ئامما بىرلىكتە تەييارلىغان ‹‹چۈشلۈك تاماق››.

  ھازىر پىل كەنتىدىكى ھەربىر ئائىلە ھويلا – ئارانلارنى ئۆزگەرتىپ، بىر تۇتاش ھاجەتخانا سېلىش، ئۆستەڭ چېپىش، يەر تېرىش، سۇغىرىپ ئوغۇتلاش قاتارلىق ئىشلاردا ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، بىللە ئىشلەۋېتىپتۇ. كىمنىڭ ئىشىغا ياردەملەشكەن بولسا، شۇنىڭ ئۆيىدە تاماق يەۋېتىپتۇ. كەنت ئاھالە كومىتېتى مەخسۇس ئادەم تەشكىللەپ، كۈندە 200 نان يېقىپ، نانغا ئېھتىياجلىق ئۆيلەرگە ئەۋەتىپ بېرىۋېتىپتۇ.

  پىل كەنتى كەنت ئاھالىلىرىنى ناۋايلىق ھۈنىرى ۋە كۆكتات ئۆستۈرۈش تېخنىكىسى بويىچە تەربىيەلەشكە كۈچەپ، ھەربىر ئائىلىدە تونۇر بولۇش، كۆكتاتلىق بولۇشقا كاپالەتلىك قىلدى. بۇ يىل كەنتتە كۆكتات دۇكىنى ئېچىپ ۋە ناۋايخانا سېلىپ، زاكاز يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇپ، كەنتتىكىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يېڭى يولىنى ئېچىشنى پىلانلىدى.

  پىل كەنتىدىكى 61 ئايال ئەمگەك ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەش كۇرسىدا ھەرخىل تاماقلارنى ئېتىش ۋە پېچىنە – پىرەنىكلەرنى پىشۇرۇشنى ئۆگەندى، 20 نەچچە ئايال سىرتقا چىقىپ ئىشلىدى. ئىلگىرىكى قىلىدىغان ئىش بولسىمۇ ئىشلەشنى خالىمايدىغان ئەھۋال تۈپتىن ئۆزگەردى، بىر نەچچە ئائىلە كالا، قويلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ بېقىش، ۋاكالىتەن باققۇزۇش ھالىتى تەدرىجىي شەكىللەندى، ئارتۇق ئەمگەكچىلەر سىرتقا چىقىپ ئىشلەيدىغان بولدى.

  كاماد 2016 – يىلى ئاقتۇ ناھىيەسىگە تاشيول ئاسراشقا بېرىپ، ئايدا 4000 يۈەن ساپ كىرىم قىلدى. كاماد ئائىلىسىدىكىلەرگە موتوسىكلىت، ئوت – چۆپ يانجىش ماشىنىسى، چىشى قوتاز قاتارلىقلارنى ئېلىپ بەردى، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى. كاماد بۇ يىل يەنە بىرنەچچە يۇرتدىشى بىلەن بىللە شوپۇرلۇق پىراۋىسى ئېلىپ، ئاپتوموبىل سېتىۋېلىپ پۇل تاپماقچى بولدى. ئانىسى ئۇنىڭغا توي قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن سىرتقا چىقىپ ئىشلەش توغرىسىدا نەسىھەت قىلغان بولسىمۇ، كاماد: مەن تېخى ياش، ئىككى قولۇمغا تايىنىپ كۆپرەك پۇل تاپسام، ئاندىن پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقىغا يۈز كېلەلەيمەن، دېدى.

  ھازىرقى پىل كەنتىدە ئەمگەك كۈچى بار ئائىلىلەرنىڭ ھەممىسىدە بىر ئائىلىدە بىر كىشى مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتى.

  پىل كەنتىدە يېڭىدىن ئون نەچچە جايدا مەدەنىيەت يادىكارلىقى خارابىسى بايقالغان، كەنتنىڭ ساياھەت بايلىقى مول ئىدى. راخمان غوپۇر مۇنداق دېدى: بىزمۇ ساياھەتچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇپ، ساياھەت ماركىسى يارىتىپ، پىل كەنتىنى گۈزەل ئىستراھەت كەنتىگە ئايلاندۇرىمىز.

  يېڭى دەۋردە گۈزەل بىر يېڭى كەنت بارلىققا كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا.

مۇناسىۋەتلىك ئولانمىلار

ئىككى تارماق ھۆججەت چىقىرىپ، مەبلەغ ئاجرىتىپ نامرات رايونلاردىكى ئوقۇتقۇچىلا..05-17

قەشقەر شەھىرى ياشانغانلارنىڭ كۈتۈنۈش شارائىتىنى زور دەرىجىدە ياخشىلىدى05-16

مالىيە مىنىستىرلىقى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن مىنىستىرى..05-09

بېيجىڭ شەھەرلىك ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى چېن خۇا ئىنتىز..04-10

نىكاھقا تىزىملاتقان لەۋزىدە ئېغىر تۇرمىغان دەۋالاشقۇچىلار بىرلىكتە جازالاپ ئ..04-03

جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نامرات ئەمگەكچىلەرنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ياخشى نەت..04-02

رۇسىيەنىڭ كېمېروۋو شەھىرىدە زور ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن ش..03-28

چەتئەللەردىكى جۇڭگولۇقلار: ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ۋەتەننىڭ ئۇزاق م..03-14

ئوبزور: «پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى، خەلقنىڭ ئۆزىگە ئۆزى خۇجا بولۇشى، دۆلەتنى قان..03-14

خەلقئارا جەمئىيەت چاۋشيەن بىلەن كورېيە باشلىقلىرىنىڭ ئۇچرىشىشىدا ئۇچ زور مەس..03-08