UYNTV

غەززەدە ئۈچ قوراللىق ئۇنسۇر ئىسرائىلىيەنىڭ توپ ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلدى

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 28-05-2018 14:24

A-A+

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 28-ماي بېيجىڭ خەۋىرى:

ئىسرائىلىيە تانكىلىرى تۈنۈگۈن غەززەنىڭ جەنۇبىدىكى رافا رايونىنى توپقا تۇتتى، پەلەستىن سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ غەززەدىكى باياناتچىسى: توپ ھۇجۇمىدا پەلەستىننىڭ ئۇچ قوراللىق خادىمى ھاياتىدىن ئايرىلدى دېدى.

پەلەستىن سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ غەززەدىكى باياناتچىسى ئەشرەف كالدېرا بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى شۇ كۈنى رافا ئۆلكىسىنىڭ شەرقىنى توپقا تۇتۇپ، پەلەستىنلىك ئىككىيلەننىڭ جېنىغا زامىن بولدى، يەنە بىرى يارىلاندى، يارىلانغۇچى شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلدى.

ئىسلام غازات تەشكىلاتى(جىھاد) تارمىقىدىكى قوراللىق گۇرۇھ مۇقەددەس شەھەر بېرگادىيسى ئارقىدىن: قازا قىلغان ئۈچەيلەن بېرگادىيمىزنىڭ خادىملىرى دېدى.