UYNTV

شى جىنپىڭنىڭ ئىككى ئاكادېمىيە ئاكادېمىكلىرىنىڭ يىغىنىدا قىلغان سۆزى پەن تېخنىكا خىزمەتچىلىرى ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 30-05-2018 17:25

A-A+
 
 

28-ماي، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ 19-قېتىملىق ئادېمىكلار يىغىنى، جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ 14-قېتىملىق ئاكادېمىكلار يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرى ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى يېڭى دەۋردە دۇنيادا پەن-تېخنىكىدا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇشنىڭ يېڭى سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقى. يىغىنغا قاتناشقان ئىككى ئاكادېمىيەنىڭ ئاكادېمىكلىرى ۋە پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرى مۇنداق دېيىشتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، تارىخ ئاتا قىلغان مۇھىم ۋەزىپىنى زىممىمىزگە ئېلىپ، يېڭى دەۋر پەن تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ باشلامچىلىرىدىن بولۇپ، دۇنيادىكى پەن-تېخنىكىدا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇپ چىقىشقا تىرىشىمىز.

پەن-تېخنىكا مىنىستىرى ۋاڭ جىگاڭ مۇنداق دېدى: پارتىيەنىڭ پەن-تېخنىكا خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنىڭ سىياسىي ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىي قىلىش قانۇنىيىتى، پەن-تېخنىكا باشقۇرۇش قانۇنىيىتى، ئىختىساسلىقلارنىڭ يېتىلىش قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، زور، ئىلغار، ئاساسىي تېخنىكىلارنى چىڭ تۇتۇپ، ئېلىمىزنىڭ پەن-تېخنىكا ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەتكە ئىگە قىلىشىمىز كېرەك.

جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ پەخرىي رەئىسى، ئاكادېمىك شۈ كۇاڭدى مۇنداق دېدى: يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇش بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، يېڭىلىق يارىتىشنى چىڭ تۇتۇش تەرەققىياتنى چىڭ تۇتقانلىق، يېڭىلىق يارىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىش كەلگۈسى ئۈستىدە ئىزدەنگەنلىك، جۇڭگوچە مۇستەقىل يېڭىلىق يارىتىش يېڭى يولىدا چىڭ تۇرۇش شەرت.

جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ باشلىقى، ئاكادېمىك بەي چۈنلى مۇنداق دېدى: جۇڭخۇا مىللىتى باي بولۇشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان تارىخىي مۇساپىدە، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تەڭداشسىز، شەرەپلىك ۋە مۈشكۈل تارىخىي بۇرچنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

جۇڭگو پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئاكادېمىك خۈەي جىنپېڭ مۇنداق دېدى: ھالقىلىق ئورتاق تېخنىكا، ئىلغار باشلامچى تېخنىكا، زامانىۋى قۇرۇلۇش تېخنىكىسى، يېڭىچە تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، ئالدىنقىلار مېڭىپ باقمىغان يولدا مېڭىپ، ھالقىلىق يادرولۇق تېخنىكىنى تىرىشىپ ئۆز ئالدىمىزغا كونترول قىلىشىمز كېرەك.

يەتىكەن يول باشلاش سىستېمىسىنىڭ مۇئاۋىن باش لايىھەلىگۈچىسى، ئاكادېمىك ياڭ يۈەنشى مۇنداق دېدى: ھالقىلىق ساھەگە كۈچ چىقىرىش كېرەك. بىز ئىلغار كۈچلەرنى مۇجەسسەملەپ، ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇش چىقىرىپ، مۇھىم پەن-تېخنىكا ساھەسىدە ئالدىدا مېڭىپ، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ئىلغار ساھەلەردە يول ئاچقۇچىلاردىن بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ رىقابەت ئۈستۈنلۈكىنى ھازىرلىشىمىز كېرەك.

جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى لى جاۋشىن مۇنداق دېدى: كارخانىلارنىڭ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتا ھەل قىلغۇچ تەدبىر چىقارغۇچى، تەتقىقاتقا مەبلەغ سالغۇچى، پەن-تەتقىقات تەشكىللىگۈچى ۋە نەتىجىنى ئۆزلەشتۈرگۈچى بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يادرولۇق تېخنىكا ئىقتىدارى گەۋدىلىك، مەركەزلىك يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى كۈچلۈك يېڭىلىق يارىتىشچان باشلامچى كارخانىلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىش زۆرۈر.

جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى سۈن جادۇڭ مۇنداق دېدى: پەن-تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش ۋە ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنىڭ ئۆز ئالدىغا قانۇنىيىتى بار، ئىختىساسلىقلارنى تونۇش، سۆيۈش، ھۆرمەتلەش، ئىشلىتىش ئىستىلىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پەن تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ياخشى مۇھىت يارىتىش كېرەك. يېڭىلىق يارىتىش ئەمەلىيىتىدە ئىختىساسلىقلارنى بايقاپ، يېڭىلىق يارىتىش پائالىيىتىدە ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش ئىشلىرىدا ئىختىساسلىقلارنى يىغىش؛ جاھاندىكى مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارغا بۆشۈك ھازىرلاپ، تېخىمۇ كۆپ ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش كېرەك.

جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئاكادېمىك جاڭ جې مۇنداق دېدى: باش شۇجى سۆزىدە ئالىملارنىڭ كۆڭلىدىكى سۆزلەرنى ئېيتتى. ئىختىساسلىقلار يېتىلىدىغان تۇپراقنى ياخشى بەرپا قىلىپ، ئىختىساسلىقلارنىڭ يېتىلىشىگە پايدىلىق تەربىيەلەش مېخانىزمى، ئىختىساسلىقلاردىن تولۇق پايدىلىنىشقا پايدىلىق ئىشلىتىش مېخانىزمى، رىقابەتلىشىپ ئۆز ئۈستۈنلۈكىنى جارى قىلدۇرۇشقا پايدىلىق رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمى، ھەر خىل ئىختىساسلىقلارنىڭ ئۈزۈپ چىقىشىغا پايدىلىق رىقابەت مېخانىزمى شەكىللەندۈرۈش كېرەك، بۇنداق قىلغاندا پەن-تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنىڭ قولىدىكى كىشەننى بۇزۇپ تاشلاپ، ئۇلارنىڭ ئۆز ئۈستۈنلۈكىنى جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ.

جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى ليۇ مىڭ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ سۆزىدە «بالىلارنىڭ ئارزۇسىنى پەن-تېخنىكا ئارقىلىق قاناتلاندۇرۇش كېرەك، مانا بۇ جۇڭگو پەن-تېخنىكىسىنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىد» دەپ تەكىتلىدى، ئالىملار سان-ساناقسىز جۇڭگولۇق بالىلارنىڭ ئارزۇسىغا ئايلانغاندا، بىز پەن-تېخنىكا خىزمىتىنى كۈچلۈك جەلپكار خىزمەتكە، بالىلار چوقۇنىدىغان كەسىپكە ئايلاندۇرۇپ، كەلگۈسىدىكى پەن-تېخنىكا يۇلتۇزىنى تېخىمۇ چاقنىتىشىمىز كېرەك.

 

مۇناسىۋەتلىك ئولانمىلار