UYNTV

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى سوت مەھكىمىلىرىنىڭ ھۆكۈم–كېسىم ھۆججەتلىرىنى ئاشكارىلاش نىسبىتى %100كە يەتتى

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : شىنجاڭ گېزىتى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 30-05-2018 18:08

A-A+

  مۇخبىرىمىز ياڭ شۇخەننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىدىن ئىگىلىشىچە، بەش يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرى جۇڭگو ھۆكۈم – كېسىم ھۆججەتلىرى تورى ۋە شىنجاڭدىكى سوت مەھكىمىلىرىنىڭ دەۋا مۇلازىمەت تورىدا 466 مىڭ نۇسخا ھۆكۈم – كېسىم ھۆججىتىنى ئاشكارىلىغان، قانۇندا بەلگىلەنگەن ئالاھىدە ئەھۋالنى ھېسابقا ئالمىغاندا، باشقا ھۆكۈم – كېسىم ھۆججەتلىرىنى ئاشكارىلاپ، ئاشكارىلاش نىسبىتىنى %100كە يەتكۈزگەن.

   2012– يىلىدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى ھۆكۈم – كېسىم ھۆججەتلىرىنى تورغا چىقىرىشنى يولغا قويۇپ، ھۆكۈم – كېسىم ھۆججەتلىرىنى تورغا چىقىرىشنىڭ كونكرېت تەرتىپ، قائىدىسىنى تۈزۈپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھۆكۈم – كېسىم ھۆججەتلىرىنى مەخسۇس ئاپپارات ۋە خادىملار مەسئۇل بولۇپ ئېلان قىلىش خىزمىتىنى بېكىتكەن، ھەر دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرى سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمەت تور بېكىتىدە تەكشۈرۈشكە قولايلىق ھۆكۈم – كېسىم ھۆججەتلىرىنى ئېلان قىلىش تاختىسى تەسىس قىلىپ، ئاممىغا تەكشۈرۈشكە قولايلىق ياراتقان.

   ھۆكۈم – كېسىم ھۆججەتلىرىنى تورغا چىقىرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرى ھۆكۈم – كېسىم ھۆججەتلىرىنى ئاشكارىلاش مېخانىزمىدا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق ياراتقان: تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئاشكارىلاش شەرتىگە توشىدىغان ھۆكۈم – كېسىم ھۆججەتلىرىنى جۇڭگو ھۆكۈم – كېسىم ھۆججەتلىرى تورىدا %100 ئاشكارىلىغان؛ ‹‹دېلو سۈپىتىنى باھالاش  تەكشۈرۈش، نازارەت قىلىش چارىسى››نى تۈزىتىش كىرگۈزۈپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دېلو سۈپىتىنى ئۈچ دەرىجىلىك باھالاش، تەكشۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەر بىر دېلونى چوقۇم تەكشۈرۈشنى يولغا قويۇپ، ھۆكۈم – كېسىم ھۆججىتىنىڭ سۈپىتىنى چىڭ تۇتقان؛ سودىيەلەر كەسپىي كومىتېتى ئەزالىرىنى قەرەللىك تەربىيەلەپ، ھۆكۈم – كېسىم ھۆججەتلىرىنى تەييارلاش تېخنىكا قائىدىسىنى ئۆگەنگەن ۋە باھالىغان؛ ‹‹ئوخشاش دېلوغا ئوخشاش ھۆكۈم چىقىرىش››، ‹‹قانۇن بايلىق مەركىزى›› قاتارلىق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئەدلىيە ياردەمچى دېلو بېجىرىش سىستېمىسىنى پائال يولغا قويۇپ، ھۆكۈم – كېسىم ھۆججەتلىرىنى تورغا چىقىرىشتىكى ‹‹شىنجاڭ ئەۋرىشكىسى››نى ياسىغان.
ئىگىلىنىشىچە، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈم  كېسىم ھۆججەتلىرىنى تورغا چىقىرىش ئەھۋالى دوكلاتىدا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى سوت مەھكىمىلىرى ئۇدا ئىككى يىل مەملىكەت بويىچە 1 – ئورۇندا تۇرغان.

   ئاپتونوم رايونىمىزدىكى سوت مەھكىمىلىرى جۇڭگو سوتتا قاراپ چىقىشنى بىۋاسىتە تارقىتىش تورىدىن پايدىلىنىپ، سوت ئەھۋالىنى 4804 مەيدان(قېتىم) بىۋاسىتە كۆرسىتىپ، ھۆكۈمەت تەرەپ مىكرو بىلوگى، ئۈندىدار، ئاخبارات ئابۇنىچىسى ۋە ھۆكۈمەت ئىشلىرى تور بېكىتى قاتارلىق سۇپىلار ئارقىلىق تۈرلۈك خىزمەت ئۇچۇرىدىن 307 مىڭ پارچىنى سىرتقا ئېلان قىلغان، نەتىجىدە خەلق سوت مەھكىمىسنىڭ خىزمىتى ئوچۇق – ئاشكارا ئېلىپ بېرىلغان.

مۇناسىۋەتلىك ئولانمىلار