UYNTV

سەككىز ئۆلكە، ئاپتونوم رايون مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ قايتا ئىنكاس پىكرىنى چۆرىدەپ تۈزىتىش لايىھەسى ئېلان قىلدى

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : خەلق تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 30-05-2018 17:58

A-A+

خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جىلىن، جېجياڭ، شەندۇڭ، خەينەن، سىچۈەن، شىزاڭ، چىڭخەي، شىنجاڭ(ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) قاتارلىق سەككىز ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلۇق 29-ماي مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىشىغا دائىر تۈزىتىش لايىھەسىنى ئېلان قىلدى، سەككىز ئۆلكە، ئاپتونوم رايوننىڭ نازارەت قىلىش بويىچە تۈزىتىش لايىھەسى مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ قايتما ئىنكاس پىكىرىنى چۆرىدەپ تۈزىتىش ۋەزىپىسى ۋە نىشانىنى تەتقىق قىلىپ بېكىتىپ، جەمئىي 530 تۈرلۈك تۈزىتىش ۋەزىپىسى بېكىتتى، بۇنىڭ ئىچىدە جىلىن ئۆلكىسى 67 تۈرلۈك، جېجياڭ ئۆلكىسى 46 تۈرلۈك، شەندۇڭ ئۆلكىسى 59 تۈرلۈك، خەينەن ئۆلكىسى 56 تۈرلۈك، سىچۈەن ئۆلكىسى 89 تۈرلۈك، شىزاڭ ئاپتونوم رايونى 45 تۈرلۈك، چىڭخەي ئۆلكىسى 50 تۈرلۈك، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى(ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) 118 تۈرلۈك ۋەزىپە بېكىتتى.

  تۈزىتىش تەدبىرى ئاساسلىق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە مۇھىت ئاسراش توغرىسىدىكى مۇھىم تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش؛ بوشلۇق ۋە كەسىپ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ياخشىلاپ، كەسىپ قۇرۇلمىسى ۋە ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش؛ بۇلغىمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-كونترول قىلىش ئۆتكەل جېڭىنى ياخشى قىلىپ، ئاتموسفېرا، سۇ، تۇپراق، يېزا قاتارلىق گەۋدىلىك مۇھىت مەسىلىلىرىنى كۈچەپ بىر تەرەپ قىلىش؛ تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنى باشقۇرۇش ۋە بەلگىلىمە خىلاپ قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى ئېنىقلاپ چېكىندۈرۈشنى كۈچەيتىش؛ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كاپالەت تەدبىرى ئاساسلىقى تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىش، تۈزىتىش تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىش، مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تۈزىتىش لايىھەسىدە يەنە ھەر بىر تۈرلۈك تۈزىتىش ۋەزىپىسىگە مەسئۇل ئورۇن، مەسئۇل كىشى، تۈزىتىش نىشانى، تۈزىتىش تەدبىرى ۋە تۈزىتىش مۇددىتى بىرمۇ بىر ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، ۋەزىپە بىلەن مەسئۇلىيەتنى بېكىتىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، بېجىرىلىپ بولغاندىن كېيىن ئۆچۈرۈش يولغا قويۇلۇپ، ئاساسىي جەھەتتىن تەكشۈرگىلى، باھالىغىلى، مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرگىلى بولىدىغان بولدى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى 2017-يىلى 8-ئايدىن 9-ئايغىچە جىلىن قاتارلىق سەككىز ئۆلكە، ئاپتونوم رايوندا مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىپ، 2018-يىلى 1-ئايدا نازارەت قىلىش ئەھۋالىنى قايتما ئىنكاس قىلىشنى تاماملىغان. قايتما ئىنكاس قىلىنغاندىن كېيىن، سەككىز ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى نازارەت قىلىش ئەھۋالىنى تۈزىتىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئەستايىدىللىق بىلەن تۈزىتىش لايىھەسىنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ چىقتى. «مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش لايىھەسى(سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)»نىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، دۆلەت مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش ئىشخانىسىنىڭ ماسلاشتۇرۇشى بىلەن، سەككىز ئۆلكە، ئاپتونوم رايون نازارەت قىلىپ تۈزىتىش لايىھەسىنى سىرتقا بىر تۇتاش ئومۇميۈزلۈك ئېلان قىلدى.

مۇناسىۋەتلىك ئولانمىلار