UYNTV

چاۋشيەن ئامېرىكا رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچرىشىشى يولىدا بۇرۇلۇش بولدى

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 31-05-2018 12:30

A-A+

ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ 27-ماي ئامېرىكىنىڭ خىزمەت ئۆمىكى ئامېرىكا چاۋشيەن رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچرىشىشىغا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن چاۋشيەنگە يېتىپ باردى دېدى.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ 27-ماي ئامېرىكىنىڭ خىزمەت ئۆمىكى ئامېرىكا چاۋشيەن رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچرىشىشىغا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن چاۋشيەنگە يېتىپ باردى دېدى.

تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: تىرامپ 24-ماي چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جوڭئۇنغا يازغان بىر پارچە ئوچۇق خېتىدە ئىككىسىنىڭ 6-ئاينىڭ 12-كۈنى سىنگاپوردىكى كۆرىشىشىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى جاكارلىدى. بىراق شۇنىڭدىن كېيىنكى بىر قانچە كۈندە ئالاقىدار تەرەپلەر داۋاملىق ئىجابىي سىگنال تارقىتىپ، كۈچلۈك ئارزۇسىنى ئىپادىلىدى، بۇ ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە شۇنداقلا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق ئارزۇسىغا ئۇيغۇن.

تىرامپ 24-مايدىكى ئاشكارا خېتىدە مۇنداق دېدى: چاۋشيەن يېقىندا ئىنتايىن كۈچلۈك غەزىپى ۋە ئاشكارا ئۆچمەنلىكىنى ئىپادىلىدى، مېنىڭچە ئۇزۇندىن بۇيان پىلانلاۋاتقان بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىش ھازىرچە مۇۋاپىق ئەمەس.

بىراق تىرامپ 25-ماي يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكا چاۋشيەن بىلەن مول ئىجابىي سۆزلەشمەكتە، مەن بىلەن كىم جوڭئۇننىڭ ئۇچرىشىشى يەنىلا قەرەلىدە ئۆتكۈزۈلۈشى مۇمكىن. 26-ماي ئۇ يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھازىر ئامېرىكا بىلەن چاۋشيەن رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچرىشىشىغا ئالاقىدار تەييارلىق ئىنتايىن ئوڭۇشلۇق بولماقتا، مەن ئۇچرىشىشنىڭ قەرەلىدە ئۆتكۈزۈلۈشىنى كۈتمەكتىمەن.

ئامېرىكىنىڭ سابىق دۆلەت ئاخبارات باش نازارەتچىسى جامېس كىراف 27-ماي ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: ئامېرىكا چاۋشيەن رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈلۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئامېرىكا چاۋشيەن رەھبەرلىرى ئۇچرىشىش ئارقىلىق ئىناق مۇناسىۋەت ئورنىتىپلا قالماستىن، چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ يادرو مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقىمۇ پايدىلىق.ئۇ يەنە ئامېرىكا بىلەن چاۋشيەننىڭ دىپلوماتىيە ئالاقە يولىنى دەسلەپكى قەدەمدە ئورنىتىش تەكلىپى بەردى.

تەھلىلچى ئەربابلار مۇنداق دەپ قارىدى: چاۋشيەن ئامېرىكا رەھبەرلىرىنىڭ كۆرىشىشىدە داۋالغۇش بولدى، بۇ ئۇزۇن مەزگىل دۈشمەنلىشىپ كېلىۋاتقان ئامېرىكا بىلەن چاۋشيەننىڭ تەدرىجىي ئۆز ئارا ئىشەنچ مۇناسىۋىتى ئورنىتىشىغا ۋاقىت كېتىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى. ھازىر ئىككى تەرەپ يېرىم ئارالنى يادروسىزلاشتۇرۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا بەلگىلىك ئورتاق تونۇشىنى ئىپادىلىگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ كونكرېت يولىدا يەنىلا ئىختىلاپ بار.

ئامېرىكا كارنىك خەلقئارا تىنچلىق فوندى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى پومپىئو بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئىككى قېتىم چاۋشيەندە زىيارەتتە بولدى. بىراق ئامېرىكا بىلەن چاۋشيەننىڭ چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنى يادروسىزلاشتۇرۇش مەسىلىسىدىكى ئىختىلاپى يەنىلا روشەنلەشتى. ئامېرىكا يادروسىزلاشتۇرۇشنى دەرھال ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئىنتىلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن چاۋشيەن باسقۇچلار بويىچە ئېلىپ بېرىشنى ئۈمىد قىلماقتا.

ئامېرىكا ئاقىللار ئامبىرى دىپلوماتىيە ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى لىچارد خاس مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېرىم ئارالنى يادروسىزلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئويلىغانلىرى ۋە ئەمەلىي ئىشقا ئاشۇرۇش داۋامىدا تاللىشىغا توغرا كېلىدۇ. ئۇ ھەممىنى بار ياكى يوق قىلىدىغان دىپلوماتىيە سىياسىتى بىر بولسا دىپلوماتىيەنى مەغلۇپ قىلىدۇ ياكى توقۇنۇش پەيدا قىلىدۇ دېدى.

جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئاسىيا تىنچ ئوكيان ۋە يەر شارى ئىستراتېگىيە تەتقىقات يۇرتىنىڭ كاندىدات تەتقىقاتچىسى ۋاڭ جۈنشېڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېرىم ئارالنى يادروسىزلاشتۇرۇش ئورتاق نىشانى ئورنىتىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ ۋەزىيەتكە بېقىپ، ئۆزلىرىنىڭ مەيدانىنى جانلىق تەڭشىشىگە توغرا كېلىدۇ. ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ مەنپەئەتنىڭ ئورتاق نۇقتىسىنى تېپىپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىشى نۆۋەتتىكى ئەڭ مۇھىم خىزمەتلەرنىڭ بىرى.

چاۋشيەن 25-ماي تىرامپنىڭ كىم جوڭئۇن بىلەن كۆرىشىشىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى جاكارلىغانلىقىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ بۇ قارار خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنى يادروسىزلاشتۇرۇش ھەتتا دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئارزۇسىغا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. لېكىن چاۋشيەن ھەر قانداق شەكىلدە ئامېرىكا بىلەن بىر يەردە ئولتۇرۇپ مەسىلىنى ھەل قىلىشنى خالايدۇ دېدى.

چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ 27-مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا كىم جوڭئۇن بىلەن كورېيە زۇڭتۇڭى مونجەيىن 26-ماي پانمونجۇمنىڭ چاۋشيەن تەرىپىدە ئۇچراشقان.كىم جوڭئۇن مونجەيىننىڭ 6-ئاينىڭ 12-كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان چاۋشيەن بىلەن ئامېرىكا رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشىغا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى ۋە ئەمگىكىگە رەھمەت ئېيتقان ھەمدە تارىخىي خاراكتېرلىك چاۋشيەن ئامېرىكا رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشىغا بولغان قەتئىي ئىرادىسىنى بىلدۈرگەن.

مونجەيىن 27-ماي زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىدە ئالدىنقى كۈنىدىكى كورېيە چاۋشيەن رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشى نەتىجىسىنى جاكارلىغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىككى تەرەپ 6-ئاينىڭ 12-كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان چاۋشيەن بىلەن ئامېرىكا رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلدى. مونجەيىن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئامېرىكا بىلەن چاۋشيەن بىۋاسىتە ئالاقىلىشىش ئارقىلىق ئۇقۇشماسلىقنى تۈگىتىشى زۆرۈر، ئەمەلىي كېڭىشىشتىن ئاۋۋال رەھبەرلەر ئۇچرىشىشى قارالمىسىدا يېتەرلىك سۆزلىشىشى لازىم.

مونجەيىن مۇنداق دېدى: كىم جوڭئۇن كۆرۈشۈش داۋامىدا يېرىم ئارالنى ئۈزۈل كېسىل يادروسىزلاشتۇرۇش ئىرادىسىنى يەنە بىر قېتىم ئىپادىلىدى ھەمدە چاۋشيەن ئامېرىكا رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشى ئارقىلىق ئۇرۇش ۋە قارشىلىشىش تارىخىغا خاتىمە بېرىپ ، تىنچ گۈللىنىش ھەمكارلىشىش ئىرادىسىنى ئىپادىلىدى.

ۋاڭ جۈنشېڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: چاۋشيەن چاۋشيەن ئامېرىكا رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ،چاۋشيەننىڭ دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مەركىزىنى ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشقا يۆتكەش ئىرادىسىنى ئىپادىلىدى. ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش، ئۆزى ئۈچۈن ياخشى خەلقئارا مۇھىت يارىتىش چاۋشيەننىڭ نۆۋەتتىكى مۇھىم نىشانى.