UYNTV

ئاقسۇ شەھىرى بۇ يىل 35 مەكتەپنىڭ ئاجىز ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ياخشىلاشنى پىلانلىدى

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 01-06-2018 13:09

A-A+

مۇخبىرنىڭ 5-ئاينىڭ 28-كۈنى ئاقسۇ شەھەرلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، ئاقسۇ شەھىرى بۇ يىل 35 مەكتەپنىڭ ئاجىز ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ياخشىلاشنى پىلانلىغان، نۆۋەتتە قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمىتى تاماملىنىپ، ئاپتونوم رايون ئاجراتقان مەبلەغلەر نەقلىشىپ بولغان بولۇپ، 6-ئايدا رەسمىي ئىش باشلاش مۆلچەرلەنگەن.

ئىگىلىنىشىچە، ئاقسۇ شەھىرىدىكى 35 مەكتەپنىڭ ئاجىز ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ياخشىلاش تۈرىگە مەركەز ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئاجىز ئۇل ئەسلىھەلەرنى ئۆزگەرتىش مەبلىغىدىن جەمئىي 18 مىليون 410 مىڭ يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىلغان بولۇپ، ئاقسۇ شەھىرىدىكى ئالتە يېزا-بازارلىق باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە ئاقسۇ شەھىرىدىكى بەش باشلانغۇچ مەكتەپكە سىنىپ ۋە ھاجەتخانا قاتارلىقلارنى سېلىش پىلانلانغان، قۇرۇلۇش ئومۇمىي كۆلىمى 6047 كىۋادرات مېتىر كېلىدىكەن.

ئاقسۇ شەھىرىنىڭ بۇ قېتىمقى مەكتەپلەرنىڭ ئاجىز ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ئۆزگەرتىش تۈرىنى يولغا قويۇشى سىنىپلارنىڭ كۆلىمى يېتىشمەسلىك، مەكتەپ مۇھىت تازىلىقى ناچار بولۇش، ئۇل ئەسلىھەلەر تولۇق بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرنى مەلۇم دەرىجىدە ئۈنۈملۈك ھەل قىلىپ، ئاقسۇ شەھىرىدىكى يېزا مەكتەپلىرىنىڭ ئومۇمىي سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ياخشىلاپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئاقسۇ شەھىرىنىڭ مائارىپ سەۋىيەسىنى تېز ئۆستۈرۈش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىشقا تۈرتكە بولىدىكەن.