UYNTV

تېررورلۇق ھۇجۇم بىلگىيەنى بىخەتەرلىك ئۈستىدە قايتا ئويلاندۇردى

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 01-06-2018 13:10

A-A+

بېلگىيە فېدېراتسىيە تەپتىش ئەمەلدارى ۋىنىك روگان تۈنۈگۈن بىريوسىلدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: شەرقىي قىسىمدىكى شەھەر لىجدا 29-ماي يۈز بەرگەن ھۇجۇم ۋەقەسى بىر قېتىملىق تېررورلۇق ھۇجۇم، ھازىر ھۇجۇم قىلغۇچىنىڭ شېرىكى بار ياكى يوقلىقى تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ.

شۇ يەر ۋاقتى29-ماي چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 يېرىمدا لىج شەھەر مەركىزىدە قولىدا پىچاق بار بىر ئەر دائىملىق چارلاش ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان ئىككى ئايال ساقچىغا ھۇجۇم قىلغان. ئۇ ئەر ئايال ساقچىلارنىڭ مىلتىقىنى تارتىۋېلىپ،ئۇلارنى ئېتىپ تاشلىغان ، ئارقىدىن قېچىپ كېتىۋېتىپ بىر كىشىنى ئېتىپ تاشلىغان. ھۇجۇم قىلغۇچى ئاخىرىدا ئېتىپ تاشلانغان.

بېلگىيەنىڭ باش ۋەزىرى مېچىل تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارغا تەزىيە بىلدۈرىدىغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن ھال سورايدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە ئالدىنقى سەپتە جاپالىق ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان بارلىق خادىملارنىڭ بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، تېررورلۇق تەھدىتىگە بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇشىنى تەكىتلىدى.

بۇ قېتىمقى ھۇجۇم ۋەقەسى تېررورلۇق ھۇجۇم ۋەقەسى دەپ دەسلەپكى قەدەمدە بېكىتىلدى. بۇنىڭدا ئاساسلىقى ھۇجۇم قىلغۇچىنىڭ ئەسەبىيلىكى، رادىكال تەشكىلاتلار بىلەن ئالاقىسى بار بولۇش مۇمكىنلىكى ھەمدە ئۇنىڭ دېلو سادىر قىلىش ئۇسۇلى ئىلگىرىكى كۆپلىگەن تېررورچىلار بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدىغانلىقى قاتارلىق ئامىللار ئاساس قىلىنغان. دەسلەپكى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ھۇجۇم قىلغۇچىنىڭ ئىسمى جەمىن ئىللىمان بولۇپ، 36 ياشقا كىرگەن، بېلگىيەنىڭ جەنۇبىدىكى بىر كىچىك شەھەردىن ئىكەن. ئۇ 2003-يىلى زەھەر ئەتكەسچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىش، ئوغرىلىق بۇلاڭچىلىق قىلىش، ئاممىۋى مال مۈلۈكنى زىيانغا ئۇچرىتىش قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك جىنايەت بىلەن تۈرمىگە كىرگەن؛ جىنايى جازا ئۆتەش مۇددىتى 2020-يىلى ئاياغلىشاتتى. بېلگىيە تۈرمىسى جىنايەتچىلەرنىڭ جەمئىيەتكە قايتىدىن سىڭىشى ئۈچۈن قىسمەن جىنايەتچىلەرنى جىنايى جازا ئۆتەش مۇددىتى ئاياغلىشىشتىن ئىلگىرى بىر ياكى ئىككى كۈن ۋاقىتلىق تۈرمىدىن چىقىشقا رۇخسەت قىلغان. ئىللىمان تۈرمىدىن چىققان بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ قاتىللىق دېلوسى پەيدا قىلغان.

بېلگىيە بىخەتەرلىك تارماقلىرىنىڭ ئەمەلدارلىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىللىمان تۈرمىدە ئەسەبىي ئۇنسۇرلار بىلەن ئۇچرىشىپ، دۆلەت بىخەتەرلىكى قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈپ،نۇقتىلىق نازارەت قىلىش ئوبيېكتى قىلىنغان. بېلگىيە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى كىلاۋود مونىك مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى تىراگېدىيەدىن ساقلانغىلى بولاتتى، بىراق بېلگىيە دۆلەت بىخەتەرلىك تارمىقى نۇقتىلىق نازارەت قىلىدىغان گۇمانلىق ئەسەبىي ئۇنسۇرلار تىزىملىكىنى بارلىق ساقچى ئىدارىلىرى ۋە تۈرمىلەرگە يەتكۈزمىگەن ، بۇ رادىكال ئۇنسۇرلارغا پۇرسەت بولغان.

قانلىق ساۋاق بېلگىيە بىخەتەرلىك سىستېمىسىغا يەنە بىر قېتىم ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىنى چىقاردى. ئۆتكەن بىر قانچە يىلدىن بۇيان، بېلگىيەدە ئۇدا تېررورلۇق ھۇجۇم ۋەقەسى يۈز بەردى. 2016-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى بىريوسىلدا زەنجىرسىمان پارتلىتىپ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 32 كىشى قازا قىلدى. 2017-يىلى 8-ئاينىڭ 25-كۈنى سومالىلىق ئەۋلادىدىن بولغان 30 ياشلىق ئەر بىريوسىل شەھەر مەركىزىدە قولىغا پىچاق ئېلىپ ھەربىي ساقچىغا ھۇجۇم قىلغان ، ئارقىدىن ئېتىپ تاشلانغان. تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: بېلگىيەنىڭ تېررورلۇق ھۇجۇم ئېغىر ئاپەت رايونىغا ئايلىنىشىدىكى سەۋەبنىڭ ئىچىدىكى مۇھىم بىر سەۋەب بۇ دۆلەتتە رادىكال ئۇنسۇرلار كۆپ. خەۋەر قىلىنىشىچە، سۇرىيە، ئىراقتىكى ئاتالمىش غازات ئۇرۇشىغا قاتناشقان ياۋروپالىقلار ئىچىدە بىلگىيەلىكلەرنىڭ ئوتتۇرىچە قاتنىشىش نىسبىتى فىرانسىيەنىڭ ئىككى ھەسسىسى، ئەنگلىيەنىڭ تۆت ھەسسىسىگە توغرا كەلگەن. شۇڭا قانداق قىلغاندا ياشلارنىڭ ئىدىيە جەھەتتە رادىكاللىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بېلگىيەنىڭ تېررورلۇقتىن ھوشيار بولۇشىدىكى مۇھىمنىڭ مۇھىمى ئىكەن. ئەسەبىي ئۇنسۇرلارغا بولغان تىزگىنلەش سالمىقىنىمۇ كۈچەيتىشى كېرەك ئىكەن.

بۇ قېتىمقى تېررورلۇق ھۇجۇم پۈتۈن ياۋروپانى ئاگاھلاندۇرۇش ئەھمىيىتىگە ئىگە بولدى. بەزى ئوبزوردا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ياۋروپادىكى تۈرمىلەر رادىكال ئۇنسۇرلارنى پەيدا قىلغۇچىغا ئايلانماقتا. يېقىنقى بىر قانچە يىلدا ياۋروپادىكى دۆلەتلەردە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمنىڭ كۆپىنچىسىنى تۈرمىلەرگە كىرگەن رادىكال ئۇنسۇرلار پەيدا قىلغان. ئەسەبىي ئىدىيە پەيدا بولۇش بوشلۇقىنى ئۈنۈملۈك تۈگىتىش ئۈچۈن، ياۋروپا دۆلەتلىرى تۈرمىگە بولغان باشقۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىشكە توغرا كېلىدۇ. ئالاقىدار ئاپپاراتلار ئۇچۇردىن ھەمبەھرلىنىش، ھەمكارلىشىپ ئۇرۇش قىلىشنى كۈچەيتكەندىلا تېررورلۇق ھۇجۇمدىن تۈپتىن ھوشيار بولالايدۇ.

 

مۇناسىۋەتلىك ئولانمىلار