UYNTV

ئۇكرائىنا قامىغان رۇسىيەلىك مۇخبىر پۇتىندىن ياردەم تەلەپ قىلدى

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 04-06-2018 10:49

A-A+

رۇسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى ئۇكرائىنا تور بېكىتىنىڭ مەسئۇلى كىللىر ۋىسنىسكى 1-ئىيۇن ئۇكرائىنانىڭ خېرسون شەھەرلىك سوت مەھكىمىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن نارازىلىق ئەرز ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىغا قاتناشتى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئۇكرائىنانىڭ قولغا ئېلىشى ۋە قامىشى قانۇنسىز، مەن تىزدىن قويۇپ بېرىشنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىندىن ياردەم تەلەپ قىلىمەن.

 

رۇسىيە فېدېراتسىيە كومىتېتى ۋە پارلامىنت يۇقۇرى پالاتاسىنىڭ ئەزاسى ليۇدمىلا ناروسىۋا بىرگە بىرنى ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلى بويىچە رۇسىيەدە جازا ئۆتۈۋاتقان ئۇكرائىنالىق رېژىسسور ئولگو شانزوف بىلەن ۋېسنىسكىنى ئالماشتۇرۇشنى ئويلىشىپ كۆرۈشكە بولىدۇ دېدى.

 

ۋىسنىسكى خېرسون شەھەرلىك سوت مەھكىمىسىنىڭ ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا پۇتىننىڭ ياردەم بېرىشىنى ئۈمىد قىلغان. ئۇ مۇنداق دېدى: مەن رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۈتۈندىن بارلىق زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، مېنىڭ بالدۇرراق قويۇپ بېرىلىشىمگە ياردەم بېرىشىنى ھەمدە قانۇن جەھەتتىن قوغدىنىشىنى ئۆتۈنىمەن.

 

ئۇندىن باشقا ۋىسنىسكى ئائىلىسى ۋە دوستلىرىنىڭ بېسىمنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى پىدىرو پورشىنكونىڭ ئۇنىڭ ئۇكرائىنا دۆلەت تەۋەلىكلىكىنى بىكار قىلىشىنى ئۈمىد قىلدى.

 

ۋىسنىسكى ئۇكرائىنا ۋە رۇسىيەدىن ئىبارەت قوش دۆلەت تەۋەلىكىگە ئىگە. 15-ماي ئۇكرائىنا بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش خادىملىرى رۇسىيە خەۋەرلەر ئاگېنىتلىقى ئۇكرائىنا تور بېكىتىنىڭ ئۇكرائىنانىڭ پايتەختى كىيىفتىكى ئىشخانىسىغا كىرىپ، سەككىز سائەت ئاختۇرۇش ئارقىلىق، دۆلەتكە ئاسىيلىق قىلىش ۋە ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى دۇنباس رايونىغا مەدەت بېرىشكە چېتىشلىق دېگەن گۇمان بىلەن ۋىسنىسكىنى قولغا ئالدى. ئۇكرائىنانىڭ قانۇننى ئىجرا قىلىش خادىملىرى يەنە رۇسىيەنىڭ بىرقانچە مۇخبىرىنىڭ تۇرالغۇسىنى ئاختۇردى.

 

خېرسون شەھىرىدىكى بىر سوت مەھكىمىسى 5-ئاينىڭ 17-كۈنى ۋېسنىسكىنى 60 كۈن قاماش، كېپىللىككە بېرىشكە بولماسلىقنى تەستىقلىدى. تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىدە ئەگەر ۋېسنىسكىنىڭ جىنايىتى بېكىتىلسە ئەڭ كۆپ بولغاندا 15 يىل نەزەربەند قىلىنىدۇ دېيىلدى.

 

ۋېسنىسكى نارازىلىق ئەرز ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: مەن سىياسىي زىيانكەشلىككە ئۇچرىدىم، ماڭا چىقىرىلغان ھۆكۈم ئالدىن بېكىتىلگەن. مەن يەنىلا شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى ھەممە ئىشلار تەپتىش ئىشخانىسىدا پۈتۈشۇپ بولۇنغان، ئۇكرائىنا دۆلەت بىخەتەرلىكى ئىدارىسىنىڭ تەكشۈرۈش تارمىقى ماڭا بېسىم ئىشلەتتى؛ مېنى قولغا ئالغانلىقى قانۇنسىز، كېيىنكى قامىشىمۇ قانۇنسىز. ئۇندىن باشقا ئاتالمىش قانۇن تەرتىپمۇ ماڭا قىلىنغان ئازاب، ئائىلەم تەھدىتكە يولۇقتى. ۋېسنىسكى مۇنداق دېدى: خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ مەدەت بەرگەنلىكىگە رەھمەت، بۇ ياردەم پىسخىك بېسىمىمنى يېنىكلەتتى.

 

خېرسون شەھەرلىك سوت مەھكىمىسى ئەسلى ھۆكۈم ساقلاپ قىلىنىدىغانلىقى، ۋېسنىسكى 60 كۈن نەزەربەند قىلىنىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ۋېسنىسكى بۇ قىلچىمۇ تاسادىپىيلىق ئەمەس، دېدى.

 

رۇسىيە فېدېراتسىيە كومىتېتى ۋە پارلامېنت يۇقىرى پالاتاسىنىڭ ئەزاسى ليۇدمىلا ناروسىۋا 5-ئاينىڭ 31-كۈنى رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، مەن قاماقتىكى ئۇكرائىنالىق رىجىسور شانزوفنى ۋېسنىسكى بىلەن ئالماشتۇرۇش تەكلىپىنى بېرىش ئۈستىدە ئويلىشىۋاتىمەن دېدى.

 

2015-يىلى 8-ئايدا رۇسىيە سوت مەھكىمىسى شانزوفنى جىنايىتى بار دەپ بېكىتتى ھەمدە جازا ھۆكۈم قىلىپ، قىرىمدا تېررورلۇق ھۇجۇم پەيدا قىلىشقا ئۇرۇندى دېگەن جىنايەت بىلەن 20 يىل تۈرمىگە قامىدى.

 

ليۇدمىلا ناروسىۋا شۇ كۈنى شانزوفنىڭ ۋېدىيوسىنى كۆردى، شانزوف داۋاملىق ئاچلىق ئېلان قىلىش ئارقىلىق ئېتىراز بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ليۇدمىلا ناروسىۋا ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي دۇنباس رايونىدا ئۇلارنى بىرگە بىر ئالماشتۇرۇشقا بولىدۇ دېدى.

 

ليۇدمىلا ناروسىۋا يۇقىرىقىنى بىلدۈرۈشتىن ئىلگىرى ئۇكرائىنا دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاسلى كورچاك سۈنئىي ھەمراھ ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا شانزوفنى ۋېسنىسكى بىلەن ئالماشتۇرۇپ دۆلەتكە قايتۇرۇپ كېلىش كېرەك دېدى.

 

ئۇندىن باشقا ئۇكرائىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا، ئۇكرائىنا شانزوفنى دۆلەتكە قايتۇرۇپ كېلىدىغان بارلىق تاللاشلار ئۈستىدە ئويلىشىۋېتىپتۇ، بۇ ۋېسنىسكى بىلەن ئالماشتۇرۇشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

 

رۇسىيە كىرېمىل سارىيىنىڭ باياناتچىسى دىمىتىرى فىسكوف 5-ئاينىڭ 29-كۈنى زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا ئالاقىدار كېڭەش باشلانمىدى دېدى.

 

 

 

مۇناسىۋەتلىك ئولانمىلار