UYNTV

مېركېل، ماكروننىڭ ياۋرو رايونىنىڭ ئىسلاھات تەسەۋۋۇرىغا ئىنكاس قايتۇردى

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 05-06-2018 11:25

A-A+

گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېل 3 -ئىيون تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ، فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكروننىڭ بىر قىسىم ياۋرو رايونى ئىسلاھات تەسەۋۋۇرىنى قوللايدىغانلىقىنى، ياۋروپاغا مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ياۋرو رايونى دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ تەكشى بولماسلىقىنى ئازايتىشنى قوللايدىغانلىقىنى ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، ئەزا دۆلەتلەرنى پۇل مۇئامىلە قۇتقۇزۇشى بىلەن تەمىنلەيدىغان « ياۋروپا مۇقىملىقى مېخانىزمى »نىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى .

 

مېركېل مۇنداق دېدى : گېرمانىيە ياۋرو رايونىدىكى ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە بولۇش سۈپىتى بىلەن ، ياۋرو رايونى مەبلەغ سېلىش خامچوتىغا تەدرىجىي كىرىپ ، ئومۇمي سوممىسىنى 10 مىليارد ياۋرودىن ئاشۇرۇشنى قوللايدۇ . بۇ خام چوت ياۋرو رايونىدىكى دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ تەكشى بولماسلىقىنى كىچىكلىتىشكە ئىشلىتىلىپ ، ئىقتىسادى نىسبەتەن ئاجىز دۆلەتلەرنىڭ ئىلىم - پەن ، تېخنىكا ۋە يېڭىلىق يارىتىش ساھەلەردە تەرەققىي قىلىشىغا ياردەم بېرىلىدۇ .

 

مېركېل، « ياۋروپا مۇقىملىق مېخانىزمى »نىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىغا تايىنىشنى ئازايتىشنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. « ياۋروپا مۇقىملىق مېخانىزمى »، قەرز پاتقىقىغا پېتىپ قالىغان دۆلەتلەرنى قىسقا مۇددەتلىك چەكلىك كىرېدىت بىلەن تەمىنلەيدۇ ، لېكىن ئۇزاق مۇددەت ياردەم بېرىش جەھەتتە يەنىلا قاتتىق شەرت قويۇلىدۇ.