UYNTV

خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى ئىراننىڭ ۋەدىسىدە تۇرغانلىقىنى جەزملەشتۈردى

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 07-06-2018 10:36

A-A+

خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى كېڭىشىنىڭ يىغىنى 4-ئىيۇن ۋېنادا ئېچىلدى، بۇ ئورگاننىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى يۇكىيا ئامانو سۆز قىلىپ، گەرچە ئامېرىكا ئالدىنقى ئايدا ئىراننىڭ يادرو كېلىشىمىدىن چېكىنىپ چىققانلىقىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، لېكىن ئىراننىڭ باشتىن-ئاخىر ۋەدىسىدە تۇرغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم جەزملەشتۈردۇق دېدى.

ئىران بىلەن ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى ھەققىدىكى ئالتە دۆلەت 2015-يىلى 7-ئايدا ھاسىل قىلغان ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى ئومۇميۈزلۈك كېلىشىمىگە ئاساسەن، ئىران ئۆزىنىڭ يادرو پىلانىغا چەك قويۇش ھەققىدە ۋەدە بەرگەن، خەلقئارا جەمئىيەت ئىرانغا قاراتقان جازانى بىكار قىلغان، خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى ئىراننىڭ ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىشقا مەسئۇل بولغان. يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بۇيان، بۇ ئورگان كۆپ قېتىم دوكلات ئېلان قىلىپ، ئىراننىڭ بۇ كېلىشىمگە ئەمەل قىلغانلىقىنى جەزملەشتۈرگەن.

مۇناسىۋەتلىك ئولانمىلار