UYNTV

شىنجاڭ «مىڭ كارخانا مىڭ كەنتكە ياردەم بېرىش» پائالىيىتىدە 1001 نامرات كەنتكە ياردەم بەردى

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 09-06-2018 00:24

A-A+

شىنجاڭدىكى پۇقراۋى كارخانىلار نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش ھەرىكىتىگە پائال قاتناشتى، مەملىكەت بويىچە «ئون مىڭ كارخانا ئون مىڭ كەنتكە ياردەم بېرىش» ھېسابات باشقۇرۇش سىستېمىسىغا كىرگەن 1063 شىنجاڭ كارخانىسى 1001 نامرات كەنتكە ياردەم بەردى، تۈرلۈك ياردەم بېرىش تۈرلىرىگە سالغان مەبلىغى 650 مىليون يۈەنگە، ياردەم قوبۇل قىلغان ئادەم 178 مىڭ 700 گە يەتتى.

 

شىنجاڭ خەيدا گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى جېڭ چامېي مۇنداق دېدى: بىز « شىركەت + ئىشلەپچىقىرىش بازىسى +كوپىراتىپ + نامرات ئائىلە» ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ نىيە ناھىيەسىدە شىنجاڭ كوئېنلون نىيە ئېكولوگىيەلىك دېھقانچىلىق-چارۋىچىلىق تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى قۇردۇق، 1 -باسقۇچتا 1 مىليارد 200 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، شۇ جايدىكى 5700 كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا بىۋاسىتە تۈرتكە بولدۇق، بۇنىڭ ئىچىدە ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا تارقىتىلغان نامرات ئائىلىلەر % 80 تىن ئاشىدۇ. بۇ قۇرۇلۇشلار تاماملانغاندىن كېيىن، ئىش ئورنىغا بېرىپ ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 12 مىڭغا يېتىدۇ، كەلگۈسىدە مەركەزلىك تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق، مەھسۇلات پىششىقلاپ ئىشلەش، ئامباردا ساقلاش، ئەشيا ئوبوروتى، بازاردا سېتىش، ئېكولوگىيەلىك دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ۋە ساياھەتچىلىك، ئېكسكۇرسىيە بىر گەۋدە قىلىنغان كەسىپ زەنجىرى شەكىللىنىپ، شۇ جايدىكى دېھقان - چارۋىچىلار ئۆيىنىڭ ئالدىدا ئىشقا ئورۇنلىشىپ بېيىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىنىدۇ.

 

بۇلتۇر شىنجاڭدىكى 25 سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىدىكى 129 پۇقراۋى كارخانا جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى نامرات رايونلىرىدىكى ئېشىندى ئەمگەك كۈچىدىن 2623نى قوبۇل قىلدى. بۇ يىلنىڭ بېشىدىن ھازىرغىچە، 64 كارخانا جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئېشىندى ئەمگەك كۈچلىرىنى 2000 دىن ئارتۇق ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى.