UYNTV

شى جىنپىڭ چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقان چەتئەل رەھبەرلىرىگە زىياپەت بەردى

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 10-06-2018 11:27

A-A+

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تۈنۈگۈن چىڭداۋ خەلقئارا يىغىن مەركىزىدە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقان چەتئەل رەھبەرلىرىگە قارشى ئېلىش زىياپىتى بەردى.

6-ئايدىكى چىڭداۋ يېشىللىققا پۈركەنگەن، دېڭىز سۈيى سۈپسۈزۈك بولۇپ، ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇراتتى. خۇاڭخەي دېڭىزىنىڭ بويىغا جايلاشقان چىڭداۋ خەلقئارا يىغىن مەركىزىدە چىراغلار چاقناپ، رەڭدار تۈسكە كىرىپ، دېڭىز قولتۇقىنىڭ قارشى قىرغىقىدىكى شەھەرنىڭ كېچىلىك مەنزىرىسى بىلەن ماسلىشىپ، سۈرەتتەك گۈزەل قىياپەتنى ھاسىل قىلغان ئىدى. كەچ سائەت يەتتىدىن ئون مىنۇت ئۆتكەنلەردە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر، كۆزەتكۈچى دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى ئارقا-ئارقىدىن يېتىپ كەلدى. شى جىنپىڭ چەتئەل رەھبەرلىرى بىلەن «گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلدى» دېگەن غايەت زور جۇڭگوچە رەسىمنىڭ ئالدىدا خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى. زىياپەت زالىدا چىراغلار چاقناپ، ئەزىز مېھمانلار بىلەن لىق تولدى. لەرزان قارشى ئېلىش مۇزىكا ساداسى ئىچىدە، شى جىنپىڭ ئەزىز مېھمانلار بىلەن زىياپەت زالىغا كىرىپ كەلدى.

شى جىنپىڭ سۆز قىلىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: مەن ھەر قايسىڭىزلار بىلەن خۇاڭخەي دېڭىزىنىڭ بويىدىكى چىڭداۋغا جەم بولغانلىقىمدىن ناھايىتى خۇشال، مەن ئالدى بىلەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن ھەم ئۆز نامىمدىن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى ھەم خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى، ھەر قايسى ئەزىز مېھمانلارنى قىزغىن قارشى ئالىمەن!

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: شەندۇڭ-كۇڭزىنىڭ يۇرتى ھەم كۇڭزىچىلىق مەدەنىيىتىنىڭ بۆشۈكى. كۇڭزىچىلىقنىڭ «تىنچلىق، دوستلۇق» ئىدىيەسى بىلەن «شاڭخەي روھى»نىڭ نۇرغۇن ئوخشاشلىقى بار. شاڭخەي روھىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىخەتەرلىك، ئىقتىساد، ئادىمىيەت قاتارلىق ھەمكارلىق ساھەلىرىدە مول نەتىجىلەرگە ئېرىشىپ، مېخانىزم قۇرۇلۇشى جەھەتتىمۇ تارىخىي قەدەم تاشلىدى. بۈگۈنكى كۈندە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ سەككىز ئەزاسى، تۆت كۆزەتكۈچى دۆلىتى، ئالتە سۆزلىشىش شېرىكى بار بولۇپ، رايون تىنچلىقىنى قوغداش، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، يەر شارىنى تەرتىپكە سېلىشنى ياخشىلاشنىڭ مۇھىم كۈچىگە ئايلاندى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: چىڭداۋ-داڭلىق يەلكەنلىك كېمە يۇرتى، نۇرغۇن كېمىلەر بۇ يەردىن سەپەرگە ئاتلىنىپ، ئارزۇ ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ. بىز بۇ يەردە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئەزا كۆپەيتكەندىن كېيىنكى تۇنجى قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىنى ئېچىپ، بۇ تەشكىلاتنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات پىلانىنى ئومۇميۈزلۈك پىلانلايمىز. بىز چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنىنى يېڭى باشلانما قىلىپ، شاڭخەي روھىنىڭ يەلكىنىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى بىرلىكتە ئاچايلى.

زىياپەت ئازادە، ئىناق كەيپىياتتا ئۆتكۈزۈلدى. شى جىنپىڭ ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن سەمىمىي پاراڭلىشىپ، بۇ رايوندىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشى، خەلقىنىڭ بەختلىك، ئامان-ئېسەن، سالامەت بولۇشىغا بىرلىكتە تىلەكداشلىق بىلدۈردى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ كەلگۈسىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل بولۇشى، چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلدى. زىياپەتتىن كېيىن، شى جىنپىڭ ئەزىز مېھمانلار بىلەن زىياپەت زالىنىڭ سىرتىدىكى مەنزىرە سۇپىسىغا بېرىپ، فۇشەن قولتۇقىنىڭ دېڭىز ئۈستىدە كۆرسىتىلگەن «يىراقتىن كەلگەن دوستلار» ناملىق رەڭلىك چىراغ سەنئەت ماھارىتىنى كۆردى.

كېچىلىك شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ۋە كۆزەتكۈچى دۆلەتلەر پايتەختلىرىنىڭ مەنزىرە سۈرەتلىرىنى كۆرسىتىش بىلەن باشلاندى. جۇڭگونىڭ كىلاسسىك قەدىمىي كۈيلىرىنىڭ لەرزان رىتىمى ئارقىسىدا، ئۆزگىچە كىيىنگەن قىزلار ئېسىل ماھارەتلەرنى كۆرسەتتى. شەندۇڭ ئۆلكىسىدىكى داڭلىق مەنزىرىگاھلار ۋە ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت بىر-بىرلەپ نامايان قىلىنىپ، شەندۇڭ زېمىنىنىڭ ئۇزاق تارىخى ھەم گۈزەل تاغ-دەريالىرى گەۋدىلەندۈرۈلدى. جۇڭگونىڭ گۈزەل مەنزىرىسى، پۇقرالارنىڭ خاتىرجەم، بەختلىك تۇرمۇشى ھەققىدىكى سۈرەتلەردىن گۈللىنىپ روناق تېپىۋاتقان جۇڭگونىڭ ئادىمىيەت قىياپىتى گەۋدىلەندى، ئايلانما ئېكراندا ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ بەخت كۈلكىسى ئارقىلىق، جۇڭگو خەلقىنىڭ بەختلىك تۇرمۇش ئۈستىدە تېرىشىپ ئىزدىنىۋاتقانلىقى جانلىق نامايان قىلىندى. يۇلتۇزلۇق ئاسماندا ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ ئالەم سەپىرى ئارقىلىق، ئالەمنىڭ سىرى ئۈستىدە ئىزدەنگەنلىكى، ئىنسانىيەتنىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق كەلگۈسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىشتىكى گۈزەل ئارزۇسى گەۋدىلەندۈرۈلدى. جاراڭلىق مۇزىكىغا ئەگىشىپ، ھەر خىل ساليۇتلار كۆككە ئۆرلەپ، شەھەرنىڭ كېچىسىنى يورۇتتى، ئايلانما ئېكراندا تىنچلىق كەپتەرلىرى پەرۋاز قىلدى، كېچىلىك «ئاسايىشلىق دۆلەت، بەخت-سائادەتلىك خەلق» دېگەن گۈزەل مېلودىيە بىلەن ئاياغلاشتى.