UYNTV

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى، شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلدى

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 11-06-2018 17:35

A-A+

1

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 18-قېتىملىق يىغىنى 10-ئىيۇن چىڭداۋ خەلقئارا يىغىن مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر رەھبەرلىرى، دائىمىي ئاپپاراتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، كۆزەتكۈچى دۆلەتلەر باشلىقلىرى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى. يىغىنغا قاتناشقان ھەر قايسى تەرەپلەر بىرلىكتە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىنى ئەسلەپ ئۆتتى، بۇ تەشكىلاتنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى، ۋەزىپىسى، ئىستىقبالى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى، زور خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىدىكى مەيدانىنى ماسلاشتۇرۇپ، كەڭ ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى.

s

چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11 دە، يىغىن رەسمىي باشلاندى. شى جىنپىڭ ئېچىلىش نۇتقىدا ئالدى بىلەن ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ بىر يىلدىن بۇيانقى جۇڭگونىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى بولۇش داۋامىدا ئىشلىگەن خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقى ۋە زىچ ماسلاشقانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى، بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئەزالىرىنى كۆپەيتكەندىن بۇيان ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى قېتىملىق باشلىقلار يىغىنى بولۇپ، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىشتەك مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ كۆرسەتتى. ئۇ ھىندىستان زۇڭلىسى مودى، پاكىستان زۇڭتۇڭى ھۈسەيىننىڭ تۇنجى قېتىم ئەزا دۆلەت رەھبىرى سالاھىيىتى بىلەن يىغىنغا قاتناشقانلىقىنى قارشى ئالدى.

شى جىنپىڭ ئارقىدىن مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇلغان 17 يىلدىن بۇيان، ئاجايىپ تەرەققىيات مۇساپىسىنى بېسىپ ئۆتۈپ، زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: بىز «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى نىزامنامىسى»، «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇق ھەمكارلىق شەرتنامىسى»غا ئەمەل قىلىپ، ئىتتىپاق تۈزمەسلىك، قارشىلاشماسلىق، ئۈچىنچى تەرەپكە قاراتماسلىق ئاساسىدىكى ئىجابىي شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ئورناتتۇق. بۇ خەلقئارا مۇناسىۋەت نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيىتىدىكى زور يېڭىلىق يارىتىش، رايون ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى يارىتىپ، رايون تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ھازىر، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى دۇنيادىكى يەر مەيدانى ئەڭ كەڭ، نوپۇسى ئەڭ كۆپ ئۇنىۋېرسال، رايون خاراكتېرلىك ھەمكارلىق تەشكىلاتى بولۇپ، خەلقئارا تەسىر كۈچى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، دۇنيا تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقئارا ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى قوغداشتا سەل قاراشقا بولمايدىغان مۇھىم كۈچكە ئايلاندى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تولۇپ تاشقان ھاياتىي كۈچى، كۈچلۈك ھەمكارلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى باشتىن ـ ئاخىر ساقلاپ كەلدى، بۇنىڭدىكى تۈپ سەۋەبى شۇكى، بۇ تەشكىلات « شاڭخەي روھى»نى ئىجادىي ئوتتۇرىغا قويدى ھەمدە باشتىن-ئاخىر ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتى، ئۆزئارا ئىشىنىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، باراۋەرلىك، كېڭىشىش، كۆپ خىل مەدەنىيەتكە ھۆرمەت قىلىش، ئورتاق تەرەققىياتنى كۆزلەشنى تەشەببۇس قىلدى.

ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۈگۈنكى دۇنيادا، خەلقئارا مۇناسىۋەتنى دېموكراتىيەلەشتۈرۈش-توسۇۋالغىلى بولمايدىغان دەۋر ئېقىمىغا ئايلاندى، بىخەتەرلىك، مۇقىملىق كىشىلەر قەلبىنىڭ مايىللىقى بولۇپ قالدى، ھەمكارلىشىپ ئورتاق نەپ يەتكۈزۈش-ۋەزىيەتنىڭ ئېھتىياجى، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ۋە ئۆز-ئارا ئەينەك قىلىش-ھەرقايسى دۆلەت خەلقىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى. «شاڭخەي روھى»نى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش، ماسلاشتۇرۇش، يېشىل بولۇش، ئېچىۋېتىش، ئورتاق بەھرىمەن بولۇشتەك تەرەققىيات قارىشىنى تەشەببۇس قىلىپ، ئورتاق، ئۇنىۋېرسال، ھەمكارلىشىدىغان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان خەۋپسىزلىك قارىشىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئېچىۋېتىش، راۋانلاشتۇرۇش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئورتاق پايدا ئېلىشتەك ھەمكارلىق قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، باراۋەر بولغان، ئۆزئارا ئەينەك قىلىدىغان، سۆزلىشىدىغان، كەڭ قورساق بولغان، مەدەنىيەت قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھىرلىنىشتەك خەلقئارا ئىدارە قىلىش قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، دەۋر خاراكتېرلىك قىيىن مەسىلىلەر، خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىسلارنى ھەل قىلىش كېرەك.

s

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «شاڭخەي روھى» بىزنىڭ ئورتاق بايلىقىمىز، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىزنىڭ ئورتاق ئائىلىمىز.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: بىز داۋاملىق «شاڭخەي روھى » نىڭ يېتەكچىلىكىدە جاپا – مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، سەمىمىي ھەمكارلىشىپ، بىرلىكتە كۈچ چىقىرىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىپ، يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قول تۇتۇشۇپ ئۇزاققىچە تىنچ بولغان، ئومۇميۈزلۈك بىخەتەر بولغان، ئورتاق گۈللىنىدىغان، ئېچىۋېتىلگەن، كەڭ قورساق بولغان، پاكىز، گۈزەل دۇنياغا قاراپ ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك.

بۇنىڭ ئۈچۈن، شى جىنپىڭ مۇنداق بەش تۈرلۈك تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بىرىنچى، ئىتتىپاقلىشىدىغان، ئۆزئارا ئىشىنىدىغان قۇدرەتلىك كۈچلەرنى مۇجەسسەملەش.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ئۆزلىرى تاللىغان تەرەققىيات يولىغا ھۆرمەت قىلىش، بىر ـ بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان زور مەسىلىلىرىگە ئېتىبار بېرىش، تەشكىلاتنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى ۋە مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك.

ئىككىنچى، تىنچلىق، بىخەتەرلىكنىڭ ئورتاق ئاساسىنى مۇستەھكەملەش. مۇداپىئە ئىشلىرى ۋە بىخەتەرلىك، قانۇن ئىجرا قىلىش بىخەتەرلىكى، ئۇچۇر بىخەتەرلىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئافغانىستاننىڭ تىنچلىقى ۋە قايتا قۇرۇش مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. كەلگۈسى 3 يىلدا، جۇڭگو ھەر قايسى تەرەپلەرگە 2000 نەپەر قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىمنى تەربىيەلەپ بېرىپ، قانۇن ئىجرا قىلىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ.

ئۈچىنچى، ئورتاق تەرەققىيات ۋە گۈللىنىشنىڭ كۈچلۈك موتورىنى بەرپا قىلىش. تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى جىپسىلاشتۇرۇشنى، بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، رايون سودىسىنى قولايلاشتۇرۇش مۇساپىسىنى تېزلىتىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بانكا بىرلەشمىسى رامكىسى ئىچىدە 30 مىليارد يۈەن خەلق پۇلى قىممىتىدىكى مەخسۇس قەرز پۇل تەسىس قىلىدۇ.

تۆتىنچى، ئادىمىيەت ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقى ئورتاق بەلبېغىنى چىڭىتىش.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: مائارىپ، پەن-تېخنىكا، مەدەنىيەت، ساياھەت، سەھىيە، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، تاراتقۇ قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. كەلگۈسى 3 يىلدا، جۇڭگو ھەر قايسى ئەزا دۆلەتلەرنى 3000 ئادەم كۈچى بايلىقىنى ئېچىش تەربىيەلىنىش نورمىسى بىلەن تەمىنلەيدۇ، جۇڭگو-چاپقۇن 2-نومۇرلۇق ھاۋا رايى سۈنئىي ھەمراھىدىن پايدىلىنىپ ھەرقايسى تەرەپلەرنى ھاۋارايى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

بەشىنچى، خەلقئارا ھەمكارلىق شېرىكلىك تورىنى ئورتاق كېڭەيتىش. كۆزەتكۈچى دۆلەتلەر، سۆزلىشىش شېرىكلىرى قاتارلىق رايون دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارا ۋە رايون تەشكىلاتلىرى بىلەن بولغان شېرىكلىك مۇناسىۋەتنى قويۇقلاشتۇرۇپ، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى بىلەن بولغان سۆزلىشىشنى قانات يايدۇرۇپ، قىزىق نۇقتىلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيانى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە پائال ئەمەلىي بولۇش، دوستانە ھەمكارلىشىش روھى بويىچە، بۇ قېتىمقى يىغىندىكى ئورتاق تونۇشلارنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كېيىنكى نۆۋەتلىك رەئىس دۆلەت قىرغىزىستاننىڭ خىزمەتلىرىنى قوللاپ، بۇ تەشكىلاتنىڭ تېخىمۇ پارلاق گۈزەل كەلگۈسىنى بىرلىكتە يارىتىشنى خالايدۇ.

يىغىندا ھىندىستان زۇڭلىسى مودى، قازاقىستان زۇڭتۇڭى نەزەربايېف، قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى جېئېنبېكوف، پاكىستان زۇڭتۇڭى ھۈسەيىن، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن، تاجىكىستان زۇڭتۇڭى راخمان، ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى مىرزىيايېف، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ئالىموف، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رايون تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئاپپاراتى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى تۇرسويېف، ئافغانىستان زۇڭتۇڭى غەنى، بېلىرۇسىيە زۇڭتۇڭى لۇكاشېنكو، ئىران زۇڭتۇڭى رۇھانى، موڭغۇلىيە زۇڭتۇڭى باتتۇلغا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باش كاتىپى ئامىنە مۇھەممەدلەر ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ سۆز قىلدى. ئۇلار جۇڭگونىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشقا قوشقان تۆھپىسى ۋە رەئىس دۆلەت بولغان مەزگىلدە قىلغان خىزمەتلىرىگە يۈكسەك باھا بەردى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ھىندىستان، پاكىستاننى ئەزالىققا قوبۇل قىلغانلىقىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىگە ئىجابىي باھا بەردى. ھەرقايسى تەرەپلەر «شاڭخەي روھى»غا داۋاملىق ئەمەل قىلىپ، سىياسىي، خەۋپسىزلىك، ئىقتىساد، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاپ، يەرشارى ئىقتىسادىنى ئوڭشاش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى پۇختىلاپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، رايوندىكى قىزىق مەسىلىلەرنى خەلقئارا قانۇن مىزانى رامكىسى ئىچىدە ھەل قىلىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسى كەڭ دائىرىدە قارشى ئېلىش ۋە قوللاشقا ئېرىشتى.

يىغىندا «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشى يىغىنى ئاخباراتى»، «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرىنىڭ سودىنى قولايلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى بىرلەشمە باياناتى»، «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرىنىڭ ياشلارغا قىلغان ئورتاق سۆزى»، «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرىنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رايونىدا تارقىلىشچان كېسەللىك تەھدىتىگە بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇش توغرىسىدىكى باياناتى» ئېلان قىلىندى.

s

يىغىندىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشقان ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن كوللېكتىپ سۈرەتكە چۈشتى.