UYNTV

شى جىنپىڭ ھىندىستان زۇڭلىسى مودى بىلەن كۆرۈشتى

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 11-06-2018 13:00

A-A+

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:

 

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تۈنۈگۈن چىڭداۋدا ھىندىستان زۇڭلىسى مودى بىلەن كۆرۈشتى. شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: مەن سىزنى قارشى ئالىمەن. قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە سىز بىلەن يەنە بىر قېتىم كۆرۈشكەنلىكىمدىن ناھايىتى خۇشالمەن. سىزنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىشىڭىزنى قارشى ئالىمەن. بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئەھمىيىتى شۇكى، ھىندىستان تۇنجى قېتىم شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رەسمىي ئەزاسى سۈپىتىدە باشلىقلار كېڭىشى يىغىنىغا قاتناشتى، ھىندىستان بىلەن جۇڭگونىڭ بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشىگە ئىجابىي تۆھپە قوشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

 

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرى سىز بىلەن ۋۇخەندە بىرەسمىي ئۇچرىشىپ، مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلغانىدۇق. ئىككى دۆلەت ۋە خەلقئارا جەمئىيەت بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشقا ئىجابىي باھا بەرگەن، جۇڭگو ھىندىستان مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈش ۋە قوللاشتەك ئىجابىي كەيپىيات شەكىللەنمەكتە. جۇڭگو ھىندىستان بىلەن بىرلىكتە ۋۇخەن ئۇچرىشىشنى يېڭى باشلىنىش قىلىپ، سىياسىي جەھەتتە بىر-بىرىگە ئىشىنىشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆز-ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن ھىندىستان مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ تېز، تېخىمۇ مۇقىم تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

 

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن ھىندىستان ۋۇخەن ئۇچرىشىشى ئورتاق تونۇشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەھەتتە خىلى كۆپ دەسلەپكى باسقۇچلۇق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئىككى تەرەپ غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى ساقلاپ، ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدىكى ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىشى كېرەك.

 

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ھىندىستاننىڭ تۇنجى قېتىم شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رەسمىي ئەزاسى سۈپىتىدە باشلىقلار كېڭىشى يىغىنىغا قاتناشقانلىقىنى قارشى ئالىمەن. جۇڭگو ھىندىستان قاتارلىق ئەزا دۆلەتلەر بىلەن «شاڭخەي روھى»نى بىرلىكتە نۇرلاندۇرۇپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ساغلام مۇقىم تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

 

مودى مۇنداق دېدى: يېقىندا رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن ۋۇخەندىكى بىرەسمىي ئۇچرىشىشىمىز ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى، شۇنداقلا ناھايىتى مۇھىم بولۇپ، مېنىڭ ھىندىستان جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىشەنچىمنى چېڭتتى، بۇ ھىندىستان جۇڭگو مۇناسىۋىتى تارىخىدىكى نامايەندە بولغۇسى. ھىندىستان جۇڭگو ھەمكارلىقى دۇنيانىڭ تىنچلىقى، گۈللىنىشىدە ئىنتايىن مۇھىم. ھىندىستان ۋۇخەندىكى بىرەسمىي ئۇچرىشىش ئاساسىدا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ داۋاملىق تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. ھىندىستان يېڭى ئەزا بولۇش سۈپىتى بىلەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدا ئىجابىي رول ئويناشنى خالايدۇ، جۇڭگونىڭ چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈشىنى قوللايدۇ.

 

كۆرۈشۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ بىلەن مودى مۇناسىۋەتلىك ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئىمزالاشقا بىرلىكتە شاھىت بولدى.