UYNTV

«شاڭخەي روھى» ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلماقتا

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 11-06-2018 12:59

A-A+

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 11-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:

 

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى دۆلەت باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 18-قېتىملىق يىغىنى جۇڭگونىڭ چىڭداۋدا ئۆتكۈزۈلدى. رەئىس شى جىنپىڭ يىغىندا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قولغا كەلتۈرگەن تارىخىي نەتىجىلەرنى شەرھلەپ، كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى.

 

17 يىلدىن بۇيان، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى «شاڭخەي روھى»نى يېتەكچى قىلىپ، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى ئارقىسىدا رايون ھەمكارلىق يېڭى ئەندىزىسى ئۈستىدە بىرلىكتە ئىزدىنىپ، يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ۋە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا ئۈلگە كۆرسىتىپ بەردى.

 

رەئىس شى جىنپىڭ سۆزىدە ھەم خەلقئارا ۋە رايون ۋەزىيىتىگە ئىلمىي ھۆكۈم چىقىرىپ، پۇرسەت ۋە خىرىس گىرەلىشىپ كەتكەن، يەرشارىلىشىش مۇساپىسىنى كەينىگە قايتۇرغىلى بولمايدۇ، دەپ قارىدى؛ ھەم شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ خىرىس ئالدىدا قانداق قىلىپ ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىشىپ، رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش ۋەزىپىسىنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىشىغا يېڭى تەكلىپ بەردى. ئۇنىڭ مەزمۇنى مول، سەۋىيەسى يۇقىرى.

 

بۈگۈنكى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ جۇغراپىيەلىك دائىرىسى كېڭىيىپ، كۆلەم، نوپۇس، ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارى كۆرۈنەرلىك ئۆستى. يېڭى باشلىنىش، يېڭى پۇرسەتتە رەئىس شى جىنپىڭ «شاڭخەي روھى»نى نۇرلاندۇرۇشتا قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات قارىشى، خەۋپسىزلىك قارىشى، ھەمكارلىق قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، يەرشارىنى ئىدارە قىلىش قارىشىدىن ئىبارەت بەش يېڭى ئىدىيەنى يېتەكچى قىلىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشى بىلەن يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەتنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشنىڭ ئاساسىي مىزانىنى بىرلەشتۈرۈشنى تەكىتلىدى.

 

بۈگۈنكى دۇنيادا يەككىچىلىك، سودا قورۇقچىلىقى، يەرشارىلىشىشقا قارشى ئېقىمدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ئالامەتلەر كۆرۈلمەكتە، ئەمما «يەرشارى كەنتى» بولغان دۇنيا ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئەتى گىرەلىشىش، تەقدىرى بىرلىشىپ كېتىش، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىشنىڭ چوڭ يۈزلىنىش ئىكەنلىكىنى بەلگىلىگەن. يەرشارىنى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ دېموكراتىكلىشىشىغا پائال تۈرتكە بولۇش كىشىلەر قەلبىنىڭ مايىللىقى.

 

جامائەتچىلىك: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئەتراپلىق، ئەمەلىي سۆزلىرى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ كەلگۈسى ساغلام تەرەققىياتىغا ماياك بولىدۇ، دەپ قارىماقتا.

 

 

 

مۇناسىۋەتلىك ئولانمىلار

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنى ئاخبارات مەركىزى 6-ئاينىڭ..06-05

جۇڭگونىڭ ئالەم بوشلۇقى پونكىتى پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئالەم بوشلۇقى ئورتاق ئائ..05-31

جۇڭگو-بېلارۇسىيە سانائەت باغچىسى ئىككى دۆلەت ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىنىڭ يېڭ..05-28

«بارلىق كادىرلارنى يېڭى دەۋردە يېڭى مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش، يېڭى ئىشلارن..05-22

خەلقئارا جەمئىيەت جۇڭگو-ئامېرىكا سودا كېڭىشىشىدىكى ئورتاق تونۇشنى چۈشەندۈردى05-21

شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى كوماندىسى جۇڭگو ئا دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسا..05-11

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنى ۋاقىتنى ئارقىدىن ھېسابلاش..05-10

بىرلىكتە تىنچ، خاتىرجەم، گۈللەنگەن، ئېچىۋېتىلگەن، گۈزەل ئاسىيا ۋە دۇنيا بەرپ..04-13

دۆلەت زېمىنىنى كۆكەرتىش، ئورمان، يايلاق ئوت مۇداپىئەسى ۋە كەلكۈندىن مۇداپىئە..04-08

خەلقئارا جەمئىيەت جۇڭگونىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ جۇڭگو خەلقى..03-20