UYNTV

شى جىنپىڭ ئافغانىستان زۇڭتۇڭى غەنى بىلەن كۆرۈشتى

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 11-06-2018 10:46

A-A+

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تۈنۈگۈن چىڭداۋدا ئافغانىستان زۇڭتۇڭى غەنى بىلەن كۆرۈشتى.

 

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: زۇڭتۇڭ غەنى ئەپەندىنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقانلىقىنى ئىنتايىن قارشى ئالىمىز، جۇڭگو بىلەن ئافغانىستان ئەنئەنىۋىي دوست قوشنىلار، ئىككى دۆلەت باشتىن ئاخىرى ئۆزئارا چۈشىنىپ، ئىشىنىپ، قوللاپ كەلدى، جۇڭگو بىلەن ئافغانىستاننىڭ ئەنئەنىۋىي دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ قەتئىي تەۋرەنمەس فاڭجېنى، جۇڭگو باشتىن ئاخىرى ئافغانىستاننىڭ ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچىنىڭ بارىچە ياردەم بېرىدۇ.

 

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئافغانىستان يۇقىرى قاتلامدىكىلەر ئالاقىسىنى ساقلاپ، ھۆكۈمەت تارماقلىرى، قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرى، پارتىيەلەر ۋە ئارمىيەلەرنىڭ ھەرقايسى قاتلامدىكى ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، يەرلىكلەر ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشى، ئىقتىساد سودا جەھەتتىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئافغانىستاننىڭ بىر بەلباغ بىر يول قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشىنى قوللاپ، رايون، دۆلەتلەر ئارا ئالاقىسىنى تېزدىن راۋانلاشتۇرۇشى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشى كېرەك، جۇڭگو ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت ئىچى بىخەتەرلىكىنى قوغداش جەھەتتىكى تىرىشچانلىقىنى داۋاملىق قەتئىي قوللايدۇ.

 

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئافغانىستاندا ئۇزاق مۇددەتلىك ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى ئافغانىستانلىقلار يېتەكچى بولۇش، ئافغانىستانلىقلار ئىگە بولۇش سىياسىي يارىشىش مۇساپىسىدا چىڭ تۇرۇش، مەن زۇڭتۇڭ ئەپەندىنىڭ بۇ يىلنىڭ بېشىدا تالىبانلارغا تىنچلىق تەشەببۇسى چىقارغانلىقى يېقىندا يەنە ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختىتىشنى جاكارلىغانلىقىغا ئاپىرىن ئېيتىمەن، جۇڭگو ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنىڭ تىنچ يارىشىش مۇساپىسىنى، ئافغانىستان مەسىلىسىنى سىياسىي سۆزلىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىشىنى قوللايدۇ.

 

غەنى مۇنداق دېدى: ئافغانىستان جۇڭگو ئىقتىسادى ۋە جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرىگە ئاپىرىن ئېيتىدۇ، جۇڭگونىڭ ئۇزاقتىن بېرى ئافغانىستاننى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىغا، بولۇپمۇ ئافغانىستاننىڭ تىنچ يارىشىش مۇساپىسىنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدۇ، ئافغانىستان جۇڭگونىڭ بىر بەلباغ بىر يول تەشەببۇسى ۋە رايون ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ھەققىدىكى مۇھىم تەشەببۇسىنى قوللايدۇ، ئافغانىستان بىلەن جۇڭگونىڭ ھەرقايسى ساھەلەر ۋە رايون ئىشلىرىدىكى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ.