UYNTV

شى جىنپىڭ موڭغۇلىيە زۇڭتۇڭى باتتۇلىغ بىلەن كۆرۈشتى

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 11-06-2018 10:45

A-A+

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تۈنۈگۈن چىڭداۋدا موڭغۇلىيە زۇڭتۇڭى باتتۇلىغ بىلەن كۆرۈشتى.

 

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن موڭغۇلىيە تاغ دەريالىرى تۇتۇشۇپ تۇرىدىغان يېقىن قوشنىلار، جۇڭگو بىلەن موڭغۇلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن، سىز ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن كۆپ قېتىم جۇڭگو موڭغۇلىيە مۇناسىۋىتىگە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىڭىز، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدىغانلىقىڭىزنى بىلدۈردىڭىز، مەن بۇنىڭغا ئاپىرىن ئېيتىمەن.

 

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن موڭغۇلىيە ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنىڭ توغرا يۆنىلىشىنى ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىك ۋە يىراقنى كۆرەر نۇقتىدىن ياخشى ئىگىلەپ، ئۆزئارا يادرولۇق مەنپەئەتكە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ۋە زور كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەردە ئۆزئارا چۈشىنىشى ۋە ھۆرمەت قىلىشى كېرەك، ئىككى تەرەپ يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى ساقلاپ، ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى قاتلاملارنىڭ ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىشەنچنى ئاشۇرۇشى كېرەك، ھەرقايسىسى ئۆز ئۈستۈنلۈكىگە بىرلەشتۈرۈپ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇپ، چوڭ تۈرلەردىكى ھەمكارلىقنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇش ۋە يېتەكچىلىك قىلىش رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، بىر بەلباغ بىر يول تەشەببۇسى بىلەن تەرەققىيات يولى تەشەببۇسىنى جىپسىلاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى، ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، كېلەر يىلى جۇڭگو بىلەن موڭغۇلىيەنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70يىللىقىنى خاتىرىلەش، ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىنى ياخشى ئۆتكۈزۈشى كېرەك.

 

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: موڭغۇلىيە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تۇنجى كۆزەتكۈچى دۆلىتى، جۇڭگو موڭغۇلىيەنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىلەن بولغان ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ئاشۇرۇشىنى قوللايدۇ، جۇڭگو موڭغۇلىيە، رۇسىيە بىلەن بىرگە جۇڭگو موڭغۇلىيە، رۇسىيە ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇش پىلان پىروگراممىسىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۈچ تەرەپ ھەمكارلىقىدا تېخىمۇ كۆپ ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى خالايدۇ.

 

باتتۇلىغ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن بولغان دوستلۇق مۇناسىۋەتنى ۋە ئۆزئارا پايدا يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش موڭغۇلىيەنىڭ دىپلوماتىيەدىكى ئالدىن يۆنىلىشى، موڭغۇلىيە بىر جۇڭگو پىرىنسىپىنى يولغا قويۇشتا چىڭ تۇرىدۇ، تەيۋەن ۋە شىزاڭنىڭ ئىشى جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشى دەپ قارايدۇ، يۇقىرىقى پىرىنسىپ بويىچە تەيۋەن، شىزاڭغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق ھەل قىلىدۇ، موڭغۇلىيە جۇڭگو بىلەن يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى ساقلاپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئەل ئارىسى دوستلۇقىنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.